ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابلەت مەخسۇت: «بۇ دۇنيادا ئادالەت بارمۇ-يوق؟» (2)

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-04-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابلەت مەخسۇت ئەپەندى ئۆيىدە. (ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابلەت مەخسۇت ئەپەندى ئۆيىدە. (ۋاقتى ئېنىق ئەمەس)
Photo: RFA

ئابلەت مەخسۇتنىڭ كورلادىكى ئائىلىسى ھەققىدە بەرگەن گۇۋاھلىقى

بىز ئالدىنقى ئاڭلىتىشىمىزدا ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر دورىگەرلىك كەسپىي مۇتەخەسسىسى ئابلەت مەخسۇت ئەپەندىنىڭ كورلادىكى جىيەن قىزى مېھرىگۈل ئابلانىڭ كومپيۇتېرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىش تارىخى ھەققىدىكى بىر پارچە ئېلكىتاب چىقىپ قالغانلىقتىن «تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىككە ئائىت ماتېرىياللارنى ساقلاش» جىنايىتى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە 2017-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىككى يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق.

ئابلەت مەخسۇت ئەپەندىنىڭ زىيارىتىمىز داۋامىدا بىزگە ئېيتىپ بېرىشىچە، گەرچە جىيەن قىزىنىڭ 2 يىللىق قاماق جازا مۇددىتى 2019-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى توشقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىگەن. ئابلەت ئەپەندى «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ سوت ھۆكۈمىگە ئۆزى ھۆرمەت قىلمىدى،» دېدى.

ئابلەت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، دائىرىلەر ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا مېھرىگۈلنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى دوختۇرخانىغا ئەكېلىپ، ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان. بىراق ئابلەت مەخسۇت جىيەن قىزىنىڭ زادى نېمە سەۋەبتىن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەنلىكىنى بىلەلمىگەن. مېھرىگۈلنىڭ دادىسى قىزى يولۇققان پېشكەللىك سەۋەبىدىن تولا يىغلاپ، بۇ يىل 1-ئايدا جان ئۈزگەن. ئاپىسى ئەس-ھوشىنى بىلمىگەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئابلەت ئەپەندىنىڭ كورلادىكى چوڭ ئاكىسى ئۆزىنىڭ يېنىغا ئەكېلىپ بېقىۋاتقان ئىكەن.

ئابلەت مەخسۇت ئەپەندىنىڭ ئائىلىسىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەت پەقەت بۇلا ئەمەس. ئۇ بۇ جەرياندا يەنە ئۆزىنىڭ قەدىرلىك ئىنىسى قۇربانجان مەخسۇتنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئالىدۇ. قۇربانجان مەخسۇت خىتاينىڭ تيەنجىن شەھىرىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى بولغان نەنكەي ئۇنىۋېرسىتېتىنى ياخشى نەتىجە بىلەن ئوقۇپ تۈگەتكەندىن كېيىن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۇتۇپخانىسىدا ئىشقا ئورۇنلاشقان. بىراق ئۇيغۇر ئېلىدىكى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ھەرىكىتى باشلانغاندىن كېيىن دائىرىلەر ئۇنى 2017-يىلى قاغىلىق ناھىيەسىگە خىزمەتكە چۈشۈرۈۋەتكەن.

ئابلەت مەخسۇت ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ ئىنىسى بىلەن پاراڭلىشىش جەريانىدا ئىنىسىنىڭ قاغىلىقتا زادى نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلەلمىگەن. ئەمما ئۇنىڭ مۆلچەرلىشىچە، ئۇنىڭ ئىنىسى قاغىلىقتا ئەرلىرى لاگېرلارغا قامالغان ئاياللارنى تەربىيەلەيدىغان بىر ئورۇندا ئىشلىگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئىنىسى قۇربانجان ئۆزلىرىنىڭ كۈندە ئاز دېگەندە 16 سائەت ئەتراپىدا ئىشلەيدىغانلىقىنى، ھەپتە ئاخىرىدىمۇ دەم ئېلىش يوقلىقى، تۈزۈمنىڭ ئىنتايىن قاتتىق ۋە ئىشىنىڭ بەك ئېغىرلىقىدىن شىكايەت قىلغان. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىنىسى ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، كېچىسى ئۇخلىيالمايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، ئەمما دوختۇرغا كۆرۈنۈش ئۈچۈن رۇخسەت سورىيالمىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئاخىرى 2019-يىلى 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە قۇربانجان ئاخىرى دەم ئېلىش پۇرسىتى كېلىپ ئۈرۈمچىدە دوختۇرغا كۆرۈنگەن، ئۇنىڭغا «مېنىنگىت»، يەنى مېڭە پەردىسى ياللۇغى دەپ دىياگنوز قويۇلغان. ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئاللىقاچان ئېغىرلاپ كەتكەنلىكتىن ئۇ شۇ كۈنىلا دوختۇرغا ئېلىنغان. ئۇ دوختۇرخانىدا 8 كۈن ياتقاندىن كېيىن دوختۇرخانىدىن نامەلۇم سەۋەب بىلەن چىقىرىۋېتىلىپ، ياتاقداشلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆيىگە ئاپىرىپ قويۇلغان. كورلادىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قۇربانجان بىلەن ئالاقە قىلالماي ئۇنىڭدىن ئەنسىرەپ ئۈرۈمچىگە ئىزدەپ چىققاندا ئۇنىڭ ئۆيدە ئۆزىنى بىلمەيدىغان ھالدا ياتقانلىقىنى كۆرگەن. ھەپتە ئاخىرىغا توغرا كەپ قالغانلىقتىن دوختۇرخانىدا ياتاققا ئالغۇزالمىغان. دۈشەنبە كۈنى دوختۇرخانىغا ياتاققا قوبۇل قىلغاندا دوختۇرلار ئۇنىڭ ياشاش ئېھتىماللىقىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەنلىكىنى ئېيتقان. نەتىجىدە قۇربانجان مەخسۇت ئىككى كۈندىن كېيىن، يەنى 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 30-كۈنى دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن.

ئابلەت مەخسۇت ئەپەندى ئىنىسى جان ئۈزگەندە تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفون ئېكرانى ئارقىلىق يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ تۇرغان. بىراق ئۇ «تۇغقانلىرىم شۇ چاغدا مەن بىلەن ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىدى،» دەيدۇ.

قۇربانجان مەخسۇت ئىنگلىزچىنىمۇ شۇنداق ياخشى ئۆگەنگەن بولۇپ، ئۇ ئامېرىكاغىمۇ بىر قانچە قېتىم كەلگەن ئىكەن. ئۇ بۇ جەرياندا ئامېرىكادا قېلىشنى خالىغان بولسىمۇ، ئەمما ئاكىسىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن ياشىنىپ قالغان ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن قايتقان. ئابلەت مەخسۇت ئەپەندى ئېغىر تىنىپ: «بەزىدە ئۇكامنىڭ ئۆلۈمىگە مەن سەۋەبچى بولغاندەك ھېس قىلىمەن، بىراق تەقدىر مۇشۇنداق ئوخشايدۇ، دەپ ئۆزۈمنى تەسەللى بېرىمەن،» دەيدۇ.

بۇ قوشلاپ كەلگەن ئەلەمگە چىدىمىغان ئابلەت ئەپەندى كۆپ قېتىم ئۈرۈمچى ۋە كورلادىكى ساقچى دائىرىلىرىگە تېلېفون قىلىپ ئىنىسىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى ۋە جىيەن قىزىنىڭ ئاقىۋىتىنى سۈرۈشتە قىلغان، ئەمما نەتىجە ئالالمىغان. ئۇ ئاخىرى بۇلارنى دوكلات قىلىپ يېزىپ چىقىپ، ئۇنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچلېت خانىمغا ئەۋەتكەن. ئۇلاردىن جاۋاب ئالالمىغان. ئامال قىلالماي ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈدەك بولغان ئابلەت ئەپەندى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ھالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم يوقمۇ، ئۇلارنىڭ جېنى جان ئەمەسمۇ، مۇشۇنداق ھەقسىزلىقنى سورايدىغان ئادالەت يوقمۇ؟» دەپ نالە قىلىدۇ.

ئابلەت مەخسۇت ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى چارىسىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلارنى خەلقئارالىق ئاخباراتلارغا ئاشكارىلاش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ: «نەچچە ۋاقىتتىن بېرى خىتاي بىزنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغا بېسىم قىلىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە بىزنى گۆرۈگە ئېلىۋالدى. بىز شۇلارغا بىر زىيان كەپ قالمىسۇن، دەپ سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولدۇق. بىراق ئاقىۋەتتە نەتىجە بەرىبىر ئوخشاش بولدى. شۇڭا بىز سۈكۈت قىلماسلىقىمىز، يۈز بېرىۋاتقانلارنى كەڭ تۈردە ئاشكارىلىشىمىز كېرەككەن. بەلكىم شۇندىلا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزغا ياردەم قىلالىشىمىز مۇمكىن. مەن خىتاينىڭ ئۆزى چىقارغان سوت ھۆكۈم قەغىزىگىمۇ ئەمەل قىلمايدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى دۇنيا بىلىپ قالسۇن، دەپ بۇ ۋەقەنى ئاشكارىلاش نىيىتىگە كەلدىم،» دېدى.

ئابلەت مەخسۇت ئەپەندىنىڭ ھازىر يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ ئۆزى 2017-يىلى كورلاغا بېرىپ قايتقاندىن كېيىن ئائىلىسىدىن 14 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرىنى ئالغان.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت