مۇتەخەسسىسلەر: «كورونا ۋىرۇسى كرىزىسى ئامېرىكا-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنى يېقىنلاشتۇرماقتا»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2020-05-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«ۋۇخەن ۋىرۇسى» تارقالغاندىن كېيىن لايىھەلەنگەن كارتون سۈرەت.
«ۋۇخەن ۋىرۇسى» تارقالغاندىن كېيىن لايىھەلەنگەن كارتون سۈرەت.
Photo: RFA

يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، رۇسىيە ۋە خىتاي ئارىسىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ بارغانسېرى جىددىيلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بولۇپمۇ بىر ئايدىن ئوشۇق ۋاقىت مابەينىدە خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىن دۇنياغا تارقاپ، كۆپلىگەن مەملىكەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالىدا كۈچلۈك ئۆزگىرىشلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان كورونا ۋىرۇسى يۇقىرىدا ئاتالغان مەملىكەتلەرنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلەرگىمۇ زور تەسىرلەرنى يەتكۈزمەكتە.

يېقىندا رۇسىيە ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرىدا، يەنى 1945-يىلنىڭ 25-ئاپرېل كۈنى ئىككى ئىتتىپاقداش مەملىكەت ئەسكەرلىرىنىڭ گېرمانىيەنىڭ ئېلبا دەرياسى بويىدا ئۇچراشقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىغا بېغىشلاپ، بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ ھەقتە بىر قاتار ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خەۋەر ئېلان قىلدى.

«ئامېرىكا ئاۋازى» رادىيوسىنىڭ رۇس بۆلۈمى ئېلان قىلغان «ترامپ ۋە پۇتىن ئېلبادىكى ئۇچرىشىشنىڭ 75 يىللىقىغا بېغىشلانغان بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ پرېزىدېنتى دونالد ترامپ دەل شۇ 25-ئاپرېل كۈنى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان.

تارىختىكى بۇ كۈندە ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئەسكەرلىرى گېرمانىيەنىڭ ئېلبا دەرياسى بويىدا ئۇچرىشىپ، ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل مەغلۇپ بولغانلىقىنى نامايان قىلغان ئىدى. مەزكۇر بايانات ئاقساراي تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئىدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئېلبا روھى ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرىدىكى پەرقلەرنى ئۇنتۇپ، تېخىمۇ ئۇلۇغ مەقسەتكە يېتىشتە ئىشەنچ ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتەلەيدىغانلىقىنىڭ ئۈلگىسىدۇر».

ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا گېرمانىيەدە بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئەمما كورونا ۋىرۇسىنىڭ دۇنياغا تارقىلىش سەۋەبىدىن بۇ پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش توختىتىلغان ئىكەن. شۇنداقلا مەزكۇر تارىخىي ۋەقەگە بېغىشلانغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى توردا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى يەنە ئامېرىكالىقلار، ياۋروپىلىقلار ھەم سابىق سوۋېت پۇقرالىرى، شۇ جۈملىدىن بىر نەچچە ئىستېپادىكى گېنېراللار ئىمزا قويغان بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىنىدىكەن.

رۇسىيەنىڭ «Argumenti Nedeli» (ھەپتىلىك پاكىتلار) تور گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئاناستاسىيا شىپىتسىنانىڭ «ئامېرىكالىق ئۇرۇش قاتناشقۇچىسى رۇسىيە ۋە ئامېرىكانى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدىكىدەك بىرلىشىشكە چاقىردى» دېگەن ماقالىسىدە دېيىلىشىچە، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى قاتناشقۇچىسى، ئامېرىكالىق 94 ياشلىق پولكوۋنىك فرېنك كۆن رۇسىيە ۋە ئامېرىكانىڭ كورونا ۋىرۇسى كېسىلى شارائىتىدا بىر-بىرىگە قارشى تۇرۇشتىن باش تارتىپ، ئەينى چاغلاردا ناتسىستلار گېرمانىيەسىگە قارشى بولغاندەك بىرلىشىش ھاجەتلىكىنى بىلدۈرگەن. فرېنك كۆن كورونا ۋىرۇسىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ئۈچۈن بىرلىشىشنىڭ ئامالى ئىكەنلىكىنى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ كورونا ۋىرۇسىدىنمۇ دەھشەتلىك بولۇپ، ئىنتايىن كۆپ ئادەمنىڭ، بولۇپمۇ رۇسىيەلىكلەرنىڭ قۇربان بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەم ئىككى تەرەپنى يېقىنلىشىشقا ۋە ئۆز ئارا چۈشىنىشكە چاقىرغان.

«رۇبالتىك» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان ئالېكساندىر نوسوۋىچنىڭ «ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ چوڭ توقۇنۇشىدا رۇسىيە باش يەڭگۈچى بولۇپ چىقىدۇ» ناملىق ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋە ئامېرىكانىڭ بىر قاتار ئىتتىپاقداشلىرى خىتاينى كورونا ۋىرۇسىنىڭ دۇنياغا تارقىلىشىغا جاۋابكار دەپ قارىغان. ماقالىنىڭ باش قىسمىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ توقۇنۇش ئۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە ئېلىپ كېلىش مۇمكىن بولۇپ، بۇنىڭدا رۇسىيە مەنپەئەتداركەن.

كورونا ۋىرۇسى رۇسىيە بىلەن ئامېرىكانى خىتايغا قارشى ھەمكارلاشتۇرۇشى مۇمكىنمۇ؟

مەركىزىي ئاسىيا ۋە خىتاي بويىچە مۇتەخەسسىس رۇسلان ھېزىموف ئەپەندىنىڭ پىكرىچە، كورونا ۋىرۇسى ۋەزىيىتىنىڭ رۇسىيە ۋە ئامېرىكانى خىتايغا قارشى ھەمكارلاشتۇرۇش ئېھتىماللىقى خېلى تۆۋەن ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ ئامېرىكانىڭ سالاھىيەتلىك سىياسىي ۋە مالىيە-ئىقتىسادىي شەخسلىرىنىڭ رۇسىيەنى ئاساسىي تاشقى سىياسىي خەۋپ سۈپىتىدە تونۇشى بىلەن باغلىق. مەن ئويلايمەنكى، بۇ ئەھۋالنىڭ يېقىن ئارىدا ئۆزگىرىشى ناتايىن. راست، رۇسىيەگە نىسبەتەن ئومۇمىي بېسىمنىڭ، يەنى ئېمبارگو بېسىمىنىڭ بەلگىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىگەنلىكىنى بايقايمىز. لېكىن بۇ قانداقتۇر بىر تاكتىكىلىق چارە بولۇشى مۇمكىن. بۇ بىرىنچىدىن، كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا چوڭ چىقىم كەلتۈرۈۋاتقانلىقى بىلەن باغلىق. ھازىر ئامېرىكا دائىرىلىرى بۇ كېسەلگە قارشى تۇرۇشقا چارىلەرنى قوللىنىش بىلەن بەند. ئىككىنچىدىن، ھازىر مانا پرېزىدېنتلىق سايلاملارغا تەييارلىق ھەرىكەتلىرى باشلاندى. ئامېرىكا خىتاينى ئاساسىي تاشقى خەۋپ سۈپىتىدە تاللاپ ئالدى. بەزى شىتاتلاردا قانات يېيىۋاتقان خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش ھەرىكەتلىرىمۇ ئەنە شۇ سايلام بىلەن زىچ باغلىق. شۇنىڭ ئۈچۈن موسكۋا ۋە ۋاشىنگتوننىڭ خىتايغا قارشى بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشى گۇمان تۇغدۇرىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندى خىتايدىن چىققان ۋىرۇسنىڭ دۇنيادىكى پۈتكۈل ۋەزىيەتنى، ھەم سىياسىي، ھەم جۇغراپىيىلىك ئەھۋالنى، دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتلەرنى ئۆزگەرتىۋەتكەنلىكىنى، ۋىرۇسنىڭ دەل ئەنە شۇ خىتايدىن چىقىپ تارىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «شۇنداق تۇرۇپ، خىتاي كېيىنكى ۋاقىتتا دۇنيانى ئەيىبلىگەندەك ئىش قىلىۋاتىدۇ. يېقىندا ھەيران قالارلىق ئىش بولدى. بۇ ۋىرۇس ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنى بىر-بىرىگە باغلاۋاتىدۇ. بۇ ئىككى دۆلەت بىر مەدەنىيەتنىڭ ۋەكىللىرى. ئۇلار بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلدى. بۇنىڭدىن شۇنداق خۇلاسە چىقاغىلى بولىدۇكى، بۇ ئىككى دۆلەت خىتاي مەسىلىسىدە يېقىنلىشالايدۇ.»

رۇسىيەلىك ئانالىزچى رۇستەم جېلىل رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «مېنىڭ ئويۇمچە، ‹COVID-19› ئامېرىكانىڭ رۇسىيە ۋە باشقىمۇ مەملىكەتلەرگە بولغان مۇناسىۋەتلىرىگە، شۇنداقلا بەزى مەملىكەتلەرگە ئېلان قىلغان ئېمبارگولىرىغا، ھەتتا ئۇلارنىڭ يۇمشىشىغا ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىشى ناتايىن. مېنىڭچە، بۇ ۋىرۇس بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر چەكلىمىلەرگە، ئېغىرچىلىقلارغا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. بۇ يەردە ھەتتا رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئۆزىدە چوڭ مەسىلە بار. كورونا ۋىرۇسى كۈچەيگەن بىر پەيتتە ھەتتا رۇسىيەگە قارىتىلغان ئېمبارگولارنى كۈچىدىن قالدۇرۇش تەكلىپلىرى بولغان بولسىمۇ، بۇنى بىرىنچى نۆۋەتتە ئامېرىكا ئۆزى قوللىمىدى. بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا قارىمۇ-قارشىلىق تۇغدۇرۇۋاتقان چوڭ مەسىلە بولۇپ قالماقتا. بۇ مەملىكەتلەرنىڭ كورونا ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسى مەسىلىسىگىمۇ بولغان پوزىتسىيەسى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. خۇسۇسەن ئامېرىكا خىتاينى بۇ ۋىرۇسنى يوشۇرغانلىقتا ئەيىبلىمەكتە. رۇسىيەدە بولسا مۇنداق پوزىتسىيەنى، مۇنداق باھانى قوللىمايۋاتىدۇ. شۇنداق بولغان تەقدىردە ھەم ئامېرىكا، ھەم رۇسىيەنىڭ خىتايغا بولغان پوزىتسىيەسىنى بىردەك دەپ قاراشقا بولمايدۇ. بۇ يەردە ئامېرىكانىڭ خىتايغا بولغان تەسىرى رۇسىيە بىلەن سېلىشتۇرغاندا كۈچلۈكرەك.»

ئۇكرائىنانىڭ «112» ئاخبارات ئاگېنتلىقىدا ئېلان قىلىنغان «ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن بولغان ناچار مۇناسىۋەتلەرنىڭ سەۋەبلىرىنى باھالىدى» دېگەن ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر 1985-يىلدىن بۇيان بۈگۈنكى كۈندىكى ئەڭ چىگىشلەشكەن مۇناسىۋەتلەر ئىكەن. ماقالىدا دېيىلىشىچە، بولۇپمۇ پۇتىن 2012-يىلى مەملىكەت بېشىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، رۇسىيە ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا بىر نەچچە سۈركىلىشلەر يۈز بەرگەنىكەن. ئۇكرائىنادىكى ۋەقەلەر، سۈرىيە ۋەزىيىتى، رۇسىيەنىڭ 2016-يىلى ئامېرىكانىڭ پرېزىدېنتلىق سايلاملارغا ئارىلىشىشى شۇلار جۈملىسىدىن بولۇپ، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىستراتېگىيەلىك ھۇجۇم قوراللىرى بويىچە ئىككى تەرەپلىمىلىك شەرتنامە تەقدىرى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولماقتىكەن.

ئامېرىكا ۋە رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدە قانداق يۈزلىنىش بولۇشى مۇمكىن؟ بۇ ئىككى مەملىكەت مۇناسىۋەتلىرى ياخشىلانسا، ھەمكارلىق كۈچەيسە، بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىگە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟

رۇسلان ھېزىموف يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ۋە رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىدە قانداقتۇر بىر ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «تەرەپلەر ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاشقا تىرىشىشى مۇمكىن. ھەر ئىككى مەملىكەت رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يېپىلىپ قالغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن قارشىلىقنىڭ پەقەت تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ تۇرىدۇ. بۇنى بىز ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان راكېتا قوراللىرىنى قىسقارتىش مەسىلىسىدە كۆرەلەيمىز. كورونا ۋىرۇسى مەسىلىسىدە ئامېرىكا ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر جىددىيلىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ۋە رۇسىيە ئىستراتېگىيەلىك ھۇجۇم قوراللىرى شەرتنامىسى بويىچە بەزى يېڭى كېلىشىملەرگە كېلىشى مۇمكىن. بىراق بۇنىڭ ئېھتىماللىقى تۆۋەن.»

رۇسلان ھېزىموف ئامېرىكا ۋە رۇسىيەنىڭ مەركىزىي ئاسىياغا بولغان تەسىرىنىڭ ئەڭ قىزىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە، مەن ئويلايمەنكى، ھەممە نەرسە چۈشىنىشلىك. رۇسىيە ۋە ئامېرىكا مەركىزىي ئاسىيادىكى ئاساسىي رىقابەتچىلەر بولۇپ قېلىۋېرىدۇ. ئۇلارنىڭ مەنپەئەتلىرى قارىمۇ-قارشى. مەسىلەن، كورونا ۋىرۇسى مەسىلىسىدە بۇ دۆلەتلەر قارىمۇ-قارشى پوزىتسىيەنى ئىگىلەيدۇ. ئامېرىكا باشتىلا خىتاينى ئەيىبلىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو مەركىزىي ئاسىياغا كەلگەندە خىتاينىڭ ۋىرۇسنى كونترول قىلمايۋاتقانلىقىدا ئەيىبلىگەن. بۇنىڭغا جاۋابەن خىتاي ئامېرىكانى ئۆزلىرىنى ئەيىبلەشكە كىرىشتى. مۇشۇ ئاخبارات ئۇرۇشىدا يېڭى قىزىقارلىق مەلۇماتلار سىرتقا چىقىشقا باشلىدى. مەسىلەن، ئالمۇتا شەھىرىدىكى مەركىزىي رېفېرېنس-لابوراتورىيە ئامېرىكانىڭ ياردىمى بىلەن سېلىنغان. بىر قىزىق يېرى، بۇ ئاخبارات ئۇرۇشىغا رۇسىيەمۇ قاتناشتى. بۇ ئەھۋالدا ئۇ خىتاي تەرەپ بولدى. بەزى ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئامېرىكانىڭ مەركىزىي ئاسىيا، مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمكارلىقى تېررىتورىيەسىدىكى، شۇ جۈملىدىن قازاقىستاندىكى تۈرلۈك يوشۇرۇن لابوراتورىيەلىرىنى كۆرسىتىپ يازغان. شۇنىڭ ئۈچۈن رۇسىيە ۋە ئامېرىكانىڭ مەركىزىي ئاسىيا مەسىلىسىدە بىر كېلىشىمگە كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. ئەمدى كېيىنكى يىللاردا رۇسىيە ۋە خىتاي شۇنداق بىر شەكىلنى تاپتىكى، ئۇلار مەركىزىي ئاسىيادا توقۇنۇشسىز ھەم ساپالىق ھالدا ئۆز سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزمەكتە. رۇسىيە ۋە ئامېرىكانىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى مۇنداق دەرىجىدىكى ئۆز ئارا ھەمكارلىقىنى كۈتۈش مۇمكىن ئەمەس.»

قەھرىمان غوجامبەردى مۇنداق دېدى: «ئەڭ بولمىغاندا رۇسىيە ھازىرقى ۋەزىيەتتە ئىجابىي بىتەرەپ بىر پوزىتسىيەگە ئۆتسە نۇر ئۈستىگە نۇر بولىدۇ. ئۇنداق ۋاقىتتا ئامېرىكا خىتاينى تىزگىنلەيتتى. ھازىرقى خىتاي ۋىرۇسى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋېتىدىن بولۇۋاتقان ۋەزىيەتلەر ۋاشىنگتون بىلەن موسكۋانى يېقىنلاشتۇرىدىغان بىر شارائىت. ئەگەر ئۇلار يېقىنلاشسا، مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرى، تۈركىي دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىجابىي بولاتتى. ئامېرىكا بىلەن رۇسىيەنىڭ يېقىنلىشىشى مەركىزىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئەڭ پايدىلىق، ئەڭ كېرەك.»

رۇستەم جېلىل مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ مۇشۇ كۈنگىچە رۇسىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى باشلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرى ئاستىدا بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى: «ئۇلار ئەنە شۇ ئۈچ تەرەپنىڭ تەسىرى ئاستىدا يەنە قالىدۇ. مۇمكىن شۇ مەملىكەتلەر ئارىسىدا ھەتتا تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە شارائىتقا قاراپ ياشاشقا توغرا كېلىدۇ. خىتاي ئۆزىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى ئىلگىرىكى پوزىتسىيەسىنى يوقاتماي كېلىۋاتىدۇ. ئەمدى رۇسىيە ۋە ئامېرىكانىڭ بۇ رايوندىكى ئەھۋالى قىيىنلىشىشى مۇمكىن. كورونا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى بىلەن كۆپلىگەن مەملىكەتلەرنىڭ خەلقئارادىكى رولى باشقىچە بولۇشى مۇمكىن. ئەمدى جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن يېقىن ئورۇنلاشقان مەملىكەتلەرنىڭ بۇ رايونغا بولغان تەسىرى كۈچلۈكىرەك بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئاخىرقى ۋاقىتلاردا دۇنياغا تارىغان كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن رۇسىيە، ئامېرىكا ھەم خىتاي ئۆزلىرىنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى پوزىتسىيەسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشكە كىرىشكەنكەن. بولۇپمۇ خىتاي قازاقىستان، قىرغىزىستان ئوخشاش قوشنا مەملىكەتلەرگە تېببىي مەھسۇلاتلار، ئوزۇق-تۈلۈك، ھەتتا تېببىي مۇتەخەسسىسلەر جەھەتتىن ياردەم كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ يەرلىك ئاھالە ئارىسىدا، ئايرىم پائالىيەتچىلەردە خىتايغا بولغان گۇماننى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت