دوكتور ئاندېرس كور: ئامېرىكا خىتايدىن ئايرىلىشنى خىتاي تەھدىت بولۇشنى توختاتقۇچە داۋام قىلىشى كېرەك

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-05-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاق سارايدا كورونا ۋىرۇسى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2020-يىلى 7-ئاپرېل، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئاق سارايدا كورونا ۋىرۇسى توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2020-يىلى 7-ئاپرېل، ۋاشىنگتون.
AP

خىتايدىن تارقالغان تاجسىمان ۋىرۇسنى چۆرىدىگەن دىپلوماتىيە توقۇنۇشىنىڭ نەتىجىسىدە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ئۆتكەن 40 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ، بىر قىسىم ئانالىزچىلارنىڭ قەلىمىدە «يېڭى سوغۇق ئۇرۇشى» دەپ تەسۋىرلىنىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ئاق سارايدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تاجسىمان ۋىرۇس ھۇجۇمىنى ئامېرىكانىڭ پېرىل خاربور پورتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدىن ھۇجۇمىدىنمۇ ئېغىر، دەپ كۆرسىتىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. ئۇ 6-ماي چارشەنبە ئاقسارايدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە «بىز دۆلىتىمىزگە قىلىنغان ئەڭ ئېغىر ھۇجۇمنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز، بۇ، ‹پېئارل خاربور پورتى ھۇجۇمى› دىنمۇ، دۇنيا سودا مەركىزىگە قىلىنغان ھۇجۇمدىنمۇ ئېغىر» دېگەن.

ئارقىدىنلا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر رەھبىرى كەۋېن ماككارتى 7-ماي كۈنى جۇمھۇرىيەتچى پالاتا ئەزالىرىنىڭ مەخسۇس «خىتاي خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مەقسىتى خىتاينىڭ ئامېرىكاغا سېلىۋاتقان تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى تەسىر ئاستىغا ئېلىشى، خىتاينىڭ ئېكسپورت ۋە مەبلەغ سېلىش پائالىيىتى، ئامېرىكانىڭ ھالقىلىق تەمىنات زەنجىرلىرىنى مونوپول قىلىشى ۋە تېخنىكىغا ئېرىشىشى، ئامېرىكانىڭ ئەسلىھەلىرىنى قوللىنىپ تۇرۇپ، ئۆز ئادەملىرىنى تەربىيەلىشى قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنى تەكشۈرۈپ تاقابىل تۇرىدىكەن.

8-ماي كۈنى بولسا، ئامېرىكادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ ئامېرىكانىڭ فېدېراتسىيە پېنسىيە فوندلىرىنى خىتاي شىركەتلىرىگە مەبلەغ قىلىپ سېلىشتىن چەكلەش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئارقىمۇ-ئارقىدىن تاشلانغان بۇ قەدەملەر ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدا «سوغۇق ئۇرۇش» باشلاندىمۇ؟ ئامېرىكا خىتايدىن ئايرىلىش ئۈچۈن ھەرىكەتنى باشلىۋەتتىمۇ، دېگەن سوئالنى پەيدا قىلدى.

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركەزلىرىدىن بولغان «راند تەتقىقات مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى سىكوت ھېرولدنىڭ بىزگە بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناھايىتى تېز سۈرئەت بىلەن يامانلىشىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بېرىدىغان تەرەققىياتلار يۈز بەرمەكتىكەن. ئۇ «ئامېرىكا ئۇزۇندىن بېرى خىتاي بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ھەمكارلىشىش ئۈچۈن تىرىشىپ، ئىزدىنىپ كەلگەن. بىراق بۇ ۋىرۇس كرىزىسىدىن كېيىن ئامېرىكادىكى سىياسەت ساھەسىدە خىتاينىڭ بۇرۇنقى سىياسەتلىرىگە يېڭى بىر نۇقتىدىن قاراپ چىقىش ئومۇملىشىۋاتىدۇ» دېدى.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، «ئامېرىكا ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە خوڭكوڭدىكى سىياسەتلىرى، تەيۋەن، ياپونىيە، فىلىپپىن ۋە جەنۇبىي كورېيەگە تەھدىت سېلىش، ئامېرىكانىڭ ئەقلىي مۈلۈكلىرىنى ئوغرىلاش، ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە ئاۋسترالىيەدىكى خاككېر ھۇجۇملىرى، ئۇنىڭ ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەدىكى دېموكراتىيەنى ئاجىزلاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرى قاتارلىق سىياسەتلىرىگە قارىتا ئىلگىرى جىددىي مۇئامىلە قىلمىغان بولسا ئەمدى ھەقىقەتەن پىكرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنىڭغا جىددىي مۇئامىلە قىلىشنى باشلىغان».

ۋىرۇس كرىزىسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋىرۇسنىڭ دۇنياۋى ۋاباغا ئايلىنىشىدا مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى رەت قىلىپلا قالماي، ئۇنى يەنە ئامېرىكاغا ئارتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغانىدى. بىراق خىتاينىڭ تەشۋىقاتى خەلقئارادا كۈچلۈك نارازىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئۇ دەرھال سۆزىنى ئۆزگەرتىپ «ۋىرۇس بىزنىڭ ئورتاق دۈشمىنىمىز» دېيىشكە باشلىغان. بولۇپمۇ يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشكە قاراپ مېڭىشى خىتاينى چۆچۈتكەن بولسا كېرەك خىتاينىڭ ئەنگلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ليۇ شاۋمىڭ ئەنگلىيەنىڭ ب ب س قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا «خىتاي ئامېرىكانىڭ دۈشمىنى ئەمەس» دېگەننى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە «بىز ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىرىمىزنىڭ ياخشى بولۇشىنى چىن دىلىمىزدىن ئارزۇ قىلىمىز. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ھەمكارلاشسا پايدىغا ئېرىشىدۇ. ئەكسىچە بولغاندا زىيان تارتىدۇ. . . . بىزنىڭ مۇناسىۋەتلىرىمىز ئورتاق ئىشەنچ، ھەمكارلىق ئاساسىدا بولۇشى ھەرگىزمۇ رىقابەت ئاساسىدا بولماسلىقى كېرەك. مەن قايتا-قايتا تەكىتلەيمەنكى، بىز خىتاي ئامېرىكانىڭ دۈشمىنى ئەمەس» دېگەن.

ھالبۇكى، ئامېرىكادىكى تونۇلغان سىياسىي ئانالىزچى، يىللاردىن بۇيان خىتاي ئىشلىرىغا مۇناسىۋەتلىك ساھەدە ئىزدىنىپ كېلىۋاتقان دوكتور ئاندېرس كور «خىتاينىڭ ۋىرۇس مەزگىلىدىكى پوزىتسىيىسى ئۇنىڭ ئامېرىكاغا دۈشمەنلەرچە مۇئامىلە قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئاشكارىلاپ بەردى» دەيدۇ. ئۇ بۈگۈن بىزنىڭ سوئاللىرىمىزغا ئېلخەت ئارقىلىق قايتۇرغان ئىنكاسىدا تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلدى: «خىتاينىڭ COVOD-19 يۇقۇمىدىكى پوزىتسىيەسى ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ئۇلار بۇ مەسىلىدە ئوچۇق-ئاشكارا بولمىدى، دەلىل-ئىسپاتلارنى يوقاتتى، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ دۇنيانى بالدۇرراق ئاگاھلاندۇرۇشىغا تەسىر كۆرسەتتى. ئامېرىكا ۋە باشقا خەلقئارالىق ئالىملار بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئىزچىل رەت قىلدى. بۇ ۋىرۇس نۇرغۇن ئامېرىكالىقلارغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن، ئۇلار ئاخىرى خىتاينى تونۇپ يەتتى. ئۇنىڭ ئامېرىكانىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق غايىسىگە ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكىنى بىلدى. مەنچە بىز ئەمدى ئامېرىكانىڭ سايلانغان ۋەكىللىرىنىڭ خىتاي سىياسەتلىرىدە نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى ياسايدىغانلىقىنى كۆرىمىز.»

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىممۇ بۇ قېتىملىق ۋىرۇس مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئويغىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئامېرىكا خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرىدىكى ئۆزگىرىشنى تاكى خىتاي تۈپتىن ئۆزگەرگۈچە داۋام قىلىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئاندېرس كورنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا بۇندىن كېيىن ھەربىي، سەھىيە ۋە يېمەكلىك تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى خىتايدىن ئايرىپ چىقىشتىن باشلاپ، تەدرىجىي ھالدا ئومۇميۈزلۈك خىتايدىن «ئايرىلىش» نى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان سىياسەتلەرنى يۈرگۈزىدىكەن. ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «ئامېرىكا خىتايدىن ئايرىلىشنى قاچان خىتاي بىر تەھدىت بولۇشنى توختاتقۇچە داۋام قىلىشى كېرەك، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەھدىت بولۇشىنى ئىشەنچلىك يوسۇندا تۆۋەنلىتىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى ئۇنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشتۇر. چۈنكى پەقەت دېموكراتىك تۈزۈمدىكى دۆلەتلەر ئوچۇق-ئاشكارا بولىدۇ ۋە ئۇلار ھەرگىزمۇ بىر-بىرىگە ئۇرۇش قوزغىمايدۇ»

ئامېرىكا «راند تەتقىقات مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى سىكوت ھېرولد بولسا خىتايغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ خەلقئارا بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى لازىملىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە «ئامېرىكا خىتايغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرىمەن دەيدىكەن چوقۇم خەلقئارا سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن «تىنچ ئوكيان ھەمكارلىق كېلىشىمى» Trans-Pacific Partnership Agreement نى ئىمزالىشى كېرەك، ياۋروپادىكى شېرىكلىرى بىلەن سودىنى كۈچەيتىشى كېرەك. مەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللىشى ۋە خىتاينىڭ تەيۋەننى تەھدىت قىلىشىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىدلەشتەك ھەرىكەتلىرىنى ئىنتايىن توغرا دەپ قاراش بىلەن بىرگە، ئۇنىڭ بۇنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى ۋە خەلقئارالىق ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمەن. شۇندىلا ئامېرىكا خىتايغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرالايدۇ، دەپ قارايمەن» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت