ئامېرىكا 33 خىتاي شىركىتى ۋە جەمئىيىتىنى قارا تىزىملىككە ئالدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-05-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئالاقىدار 9 شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 33 خىتاي شىركىتى ۋە جەمئىيەتلىرىنى قارا تىزىملىككە ئالغانلىقى ھەققىدىكى بايانات. 2020--يىلى 22-ماي.
ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئالاقىدار 9 شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 33 خىتاي شىركىتى ۋە جەمئىيەتلىرىنى قارا تىزىملىككە ئالغانلىقى ھەققىدىكى بايانات. 2020--يىلى 22-ماي.
commerce.gov

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئالاقىدار 9 شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەمئىي 33 خىتاي شىركىتى ۋە جەمئىيەتلىرىنى قارا تىزىملىككە ئالدى.

مەزكۇر قارا تىزىملىك «ئامېرىكا مۇئەسسەسە تىزىملىكى» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بۇ تىزىملىككە ئېلىنغان شىركەتلەر ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىسىنى ئىشلىتىش ۋە ئامېرىكا بازارلىرىغا مال كىرگۈزۈشتە چەكلىمىگە ئۇچرايدىكەن. 

ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 22-ماي ئېلان قىلغان باياناتقا قارىغاندا، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى قانۇن دوختۇرلۇق تەتقىقات ئىنستىتۇتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 9 ئورۇن ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شىرك بولغانلىقى ئۈچۈن ئامېرىكا تېخنولوگىيەسى سېتىپ بېرىلمەيدىغان شىركەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. 

باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «بۇ توققۇز ئورگان خىتاينىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلار، ئېتنىك قازاقلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمان گۇرۇپپىلارغا قارىشى ئېلىپ بېرىلغان باستۇرۇش، زور كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىبلەش ھەرىكىتى جەريانىدا سادىر بولغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شېرىك بولدى.»

باياناتتا يەنە بۇ شىركەتلەرنىڭ 2019-يىلى ئۆكتەبىردە قارا تىزىملىككە ئېلىنغان 28 خىتاي مۇئەسسەسىسى قاتارىغا قوشۇلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىلدى. 

بۇ نۆۋەت قارا تىزىملىككە ئېلىنغان شىركەت ۋە ئورگانلار خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقىنىڭ قانۇن دوختۇرلۇق تەتقىقات ئىنستىتۇتى، ئاقسۇ خۇافۇ توقۇمىچىلىقى، CloudWalk تېخنولوگىيەسى، FiberHome تېخنولوگىيە گۇرۇھى، نەنجىڭ FiberHome ئالاقە تەرەققىيات شىركىتى، نەتپوسا قاتارلىق 9 ئورۇن ۋە شىركەتتىن تەركىب تاپقان. 

ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى 22-ماي ئېلان قىلغان قارا تىزىملىككە خىتاينىڭ يەنە 24 شىركىتى كىرگۈزۈلگەن.

بۇلار خىتاينىڭ ھەربىي ۋە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىگە مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەر ئىكەن. بۇ شىركەتلەر خىتاي قۇرۇقلۇقى، خوڭكوڭ ۋە كەيمان ئاراللىرىغا جايلاشقان ئىكەن.

ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتى 7-ئۆكتەبىر بىر قارار چىقىرىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىلغان 28 خىتاي مۇئەسسەسىسىنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەن.

مەزكۇر قارا تىزىملىككە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى، داڭلىق سۈنئىي ئەقىل تېخنولوگىيە شىركەتلىرى قاتارلىقلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشى ۋە ئامېرىكىغا مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىشى پۈتۈنلەي چەكلەنگەن.

شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قارا تىزىملىككە ئالغان خىتاي مۇئەسسەسىلىرى جەمئىي 60 قا يەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت