تۇتاش چېكىتلەر: ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك تورى (2)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-01-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«شىنجاڭدىكى تۇتاش چېكىتلەر: مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە غەرب بازىرىنىڭ تەمىنات زەنجىرلىرى» ناملىق دوكلاتنىڭ مۇقاۋىسى.
«شىنجاڭدىكى تۇتاش چېكىتلەر: مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە غەرب بازىرىنىڭ تەمىنات زەنجىرلىرى» ناملىق دوكلاتنىڭ مۇقاۋىسى.
Photo: RFA

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «ئىستراتېگىيە ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى، قانۇن پەنلىرى دوكتورى ئېمىي لېر (Amy K. Lehr) خىزمەتدىشى ئېفسىمىيا مارىيانىڭ ياردەملىشىشى بىلەن تەييارلاپ چىققان «شىنجاڭدىكى تۇتاش چېكىتلەر: مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي ئاسسىمىلىياتسىيە ۋە غەرب بازىرىنىڭ تەمىنات زەنجىرلىرى» ناملىق دوكلاتتا مەخسۇس ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېر تۇتقۇنلىرىنى مەنبە قىلغان مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ خاراكتېرى، ھازىرقى ئەھۋالى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلدى.

دوكلاتتا ئېمىي لېر ئالاھىدە تەكىتلىگەن بىر نۇقتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر ئۇيغۇرلارنى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» دېگەن نامدا يۈز مىڭلاپ زاۋۇت-فابرىكىلارغا يۆتكىشى بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىدە «2019-يىلىنىڭ ئۆزىدە 600 مىڭ نامرات ئۇيغۇر نامراتلىقتىن قۇتۇلدى» دېيىلىدىغان بولۇپ، دوكلاتتا بۇ ساننىڭ 2023-يىلىغا بارغاندا بىر مىليونغا يەتكۈزۈلىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. يەنە كېلىپ بۇلار بىردەك توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك ساھەسىگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىىتىنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرىدە بۇ كىشىلەرنىڭ ئاساسەن قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق ئۈچ ئورۇندىن يۆتكىلىدىغانلىقى ئېيتىلغان.

ئېمىي لېر بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىز جەريانىدا بۇنىڭ تولىمۇ زور بىر قاباھەتتىن بېشارەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كاللىسىدا ‹ئۇيغۇر ۋە تۈركىي تىللىق مۇسۇلمانلارنى مۇشۇ خىلدىكى ئەمگەكلەرگە سېلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئىسلاھ قىلغىلى، كومپارتىيەگە تېخىمۇ سادىق قىلغىلى، شۇنداقلا ئەسلىدىكى دىنىي ئېتىقاد دائىرىسىدىن ۋە مەدەنىيەت چەمبىرىكىدىن ئۇزاقلاشتۇرغىلى بولىدۇ› دەيدىغان بىر چۈشەنچە مەۋجۇت. شۇڭا ھازىر مۇشۇ خىلدىكى ئىدېئولوگىيەلىك ئۆزگەرتىش ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ. ھالبۇكى ‹نامراتلىقنى تۈگىتىش› شوئارى ئاستىدا نىشانلىق تۈردە ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان بۇ كىشىلەرگە قارايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ بۇ خىل ئەمگەكلەرنى ئۆزلىرى زىنھار خالىمىغان شارائىتتا تاللاشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى بايقايمىز. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن زاۋۇتلارغا ياللانغان ئۇيغۇرلاردىن قېچىپ كېتىۋاتقانلارنىڭ مەلۇم بولۇشى دەل مۇشۇ خىل خالىماسلىقنىڭ ئىنكاسىدۇر. بىز دەل مۇشۇ خىلدىكى ‹نامراتلىقنى تۈگىتىش› نامى ئاستىدا زاۋۇتلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر قىسىم سابىق ئىشچىلارنى زىيارەت قىلغان ئىدۇق. شۇ كىشىلەر بىردەك ‹نامراتلىقنى تۈگىتىش› نامىدا زاۋۇتلارغا ئەمگەك كۈچى بولۇپ بېرىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى، بۇنى رەت قىلغانلارغا لاگېرغا ئەۋەتىلىش بىلەن تەھدىت سېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا بۇ خىل تاللاشنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك تۈسى ئالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

ئەمىي لېرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر دىيارى ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ئېنېرگىيە ئامبىرى» بولۇپ كەلگەن. ئەمما بۇ رايوننىڭ خىتايدىكى مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش مەركىزى بولۇپ قېلىش يۈزلىنىشى تېخى يېقىندىكى ئەھۋال. بولۇپمۇ بۇ جەھەتتە خىتاينى پاختا بىلەن تەمىنلەۋاتقان رايوندا ئەمدىلىكتە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن ئامېرىكا بىلەن ئۇيغۇر دىيارى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇئامىلىنىڭ ئانچە بىلىنىپ كەتمىگەن يەنە بىر يۈزىنى نامايان قىلماقتا.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك جەريانىدا ئىشلەپچىقىرىلغان بىر قىسىم مەھسۇلاتلار بىر يوللار ئارقىلىق ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشى مۇمكىن. بۇنىڭدا مەلۇم ھالقىلاردىن ئۆتۈش جەريانى بولىدۇ. يەنى مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئامېرىكادىكى مال كىرگۈزگىچىلەرنىڭ شىنجاڭدىكى مەھسۇلات ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىلەن بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىدە بولۇشى كەم ئۇچرايدۇ. ئەمما بۇ يەردىكى بىر مۇھىم مەسىلە شۇكى، خىتايدىكى پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 86 پىرسەنتى شىنجاڭدىن كېلىدۇ. بۇ پاختا مەھسۇلاتلىرى پىششىقلاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن ‹خىتايدا ئىشلەنگەن› (Made in China) دېگەن ماركىدا بازارغا سېلىنىدۇ. ئامېرىكا بازارلىرىدىكى كىيىم-كېچەكلەرنىڭ 30 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى بولسا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدۇ. مۇشۇنىڭ ئۆزىلا بازارلىرىمىزنىڭ ھەمدە ياۋروپا بازىرىنىڭ تەمىنات زەنجىرىدە بەزى مەسىلىلەر مەۋجۇت، دېگەن گەپ. بۇنىڭ بىلەن بىز بىلىپ-بىلمىگەن ھالدا مۇشۇ خىلدىكى ئىنسانىي خورلۇق قىلمىشلىرىغا چېتىلىپ قېلىۋاتىمىز. ئامېرىكىنىڭ 1930-يىلى ماقۇللانغان ‹تاموژنا بېجى قانۇنى›دا ھەرقانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلغان ھەرقانداق مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكاغا كىرگۈزۈلىشىنى چەكلەش بېكىتىلگەن. ھالبۇكى، ھازىر شىنجاڭدا كېڭىيىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەكنى بۇنىڭ بىلەن باغلىنىشلىق بولغان تەمىنات زەنجىرلىرىنى بويلاپ بىرنەچچە قەدەم چوڭقۇرلاپ چۈشمىگۈچە بىۋاسىتە بايقىغىلى بولمايدۇ. يەنە كېلىپ شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار بېدىكلەرنىڭ ھالقىسىمان قوللىرىدىن ئۆتۈپ ئامېرىكاغا كېلىدىغان بولغاچقا بۇلارنىڭ قايسى بىرى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى ئايرىپ چىقىش ھەقىقەتەنمۇ بىر مۈشكۈل ئىش.»

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلارنى زاۋۇتلاردىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى خىتايلاشتۇرۇش، شۇنىڭدەك دىندىن خالىي بولغان بىر جەمئىيەتنىڭ ئايرىلماس تەركىبى قىسمىغا ئايلاندۇرۇۋېتىشنى باش نىشان قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا غايەت زور مەبلەغ ئاجراتقان. ئۇلار مۇشۇ ئۇسۇلدا مەزكۇر «ئىسيانكار» خەلقنى تېخىمۇ رايىش پۇقرالارغا ئايلاندۇرۇش مۇمكىن، دەپ قارىماقتا ئىكەن.

ئېمىي لېر بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ: «باياتىن دەپ ئۆتكىنىمدەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمگەك ئارقىلىق كىشىلەرنى ئىسلاھ قىلغىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئۇلار ھازىر دەل ‹قايتا تەربىيەلەش› ئارقىلىق بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىنى يۇيۇپ، ئۇلارنى ئۆزگەرتىش كويىغا چۈشۈۋاتىدۇ. بۇنىڭدا ئۇلارنى ھەم ئىدېئولوگىيەلىك جەھەتتە ئۆزگەرتكىلى، ھەم شۇ ئارقىلىق ئەمگەككە سېلىپ ئۇلارنى خىتاي ھۆكۈمىتى ھەمدە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ رايىش پۇقرالىرىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، دەپ قارىلىۋاتىدۇ. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن بۇ خىل ‹تەربىيەلەش› تە ئۇلارنىڭ ئەسلىدىكى تىل، مەدەنىيەت ۋە دىنىي ئېتىقاد ساھەسى بىلەن بولغان ئالاقىسى مۇھىم نىشان بولۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بۇ ‹تەربىيىەلەش› ئوبيېكىتلىرى تەدرىجىي ھالدا خىتايدىكى ئاساسىي ئىنسانلاردىن بولغان خىتايلارغا ئوخشاش جانلىقلار بولۇپ ئۆزگىرىپ چىقىدۇ.»

ئېمىي لېرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش جەھەتتە ئامېرىكا ۋە ياۋروپا چارىسىزمۇ ئەمەس. بۇنىڭدا بەكمۇ مۇھىم بولغان بىر قەدەم غەرب دۇنياسىدىكى ئىستېمال بازىرىنىڭ ئاساسلىق تەمىنات زەنجىرلىرىدىن بىرى بولغان خىتاي ماللىرىغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىشتۇر.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ جەھەتتە ئالالايدىغان بىر نەچچە قەدەملەر بار. بۇنىڭ بىرى ئامېرىكا بازىرى ئىمپورت قىلىۋاتقان مەھسۇلاتلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنى ئېنىقلاپ تۇرۇش لازىم. بىزنىڭ دوكلاتىمىزدا ھازىر شىنجاڭدا كېڭىيىۋاتقان مۇشۇ خىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق بولغان بەزى مەھسۇلاتلارغا ‹قىزىل بايراق› ئارقىلىق بەلگە قويۇلغان. ھالبۇكى، شىنجاڭدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. بۇنىڭدا ئىنتايىن مۇھىم بولغان يەنە بىر قەدەم شۇكى، مەجبۇرىي ئەمگەككە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە زور دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان ياۋروپا دۇنياسىمۇ بۇ خىلدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتكە قارىتا كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چۈشۈشى لازىم. چۈنكى شىنجاڭدىكى توقۇمىچىلىق ساھەسىدە بارغانسېرى مۇھىم سالماقنى ئىگىلەۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك بەدىلىگە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلار ياۋروپا بازىرىنىڭ تەمىنات زەنجىرىدە مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدۇ. نېمىشقا دېگەندە زامانىمىزدىكى ‹يىپەك يولى› نىڭ ۋاسىتىسىدە بۇ توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك مەھسۇلاتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق غەربكە ھەمدە ياۋروپا بازىرىغا كىرىدۇ. شۇڭا ياۋروپالىقلارمۇ بۇ سەپكە قوشۇلۇشى لازىم.»

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىنى توقۇمىچىلىق ۋە كىيىم-كېچەك ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇش ھەرىكىتى ئىچكىرىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەر ۋە شەھەرلەرنى ئۇيغۇرلار دىيارى بىلەن «نىشانلىق ياردەم» نامىدا جۈپلەشتۈرۈپ قويۇشى شەكلىدە داۋام قىلماقتا ئىكەن. بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇ ھالنى «مۇستەملىكە ھاكىمىيەتلەرنىڭ مۇستەملىكە رايونىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرۇش، شۇ ئارقىلىق بارلىق بۇلغىنىشنى ئاشۇ جايدا قالدۇرۇش ئۇرۇنۇشىنىڭ زامانىمىزدىكى ئىنكاسى،» دېيىشمەكتە ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت