ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى: «ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى رەھىمسىزلەرچە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە باستۇرۇش سىستېمىسىدىن ئەندىشىلىنىۋاتىمىز»

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020-04-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاينىڭ تەشۋىقات لوزۇنكىلىرى ئېسىلغان مەسچىت. 2014-يىلى 17ئىيۇل، ئاقسۇ.
خىتاينىڭ تەشۋىقات لوزۇنكىلىرى ئېسىلغان مەسچىت. 2014-يىلى 17ئىيۇل، ئاقسۇ.
AP/Ng Han Guan

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى لاگېر، قاتتىق سىياسەت ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق تەقىبلەش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق باشقۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ رامزاندىكى ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى رادىئومىزغا مەكتۇپ ئارقىلىق ئىپادە قىلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان رەھىمسىزلەرچە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە باستۇرۇش سىستېمىسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇنىڭ خالىغانچە قولغا ئېلىنغانلارنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە، قاتتىق قوللۇق سىياسەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى، خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان مەسىلىنىڭ بىرى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى خىتاينى 1999-يىلىدىن بۇيان ئىزچىل ھالدا «دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچى دۆلەت» دەپ بېكىتىپ كەلدى.

بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى 3 يىلدىن بۇيان يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا ئىسلام دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىگۇناھ خەلقنى زور كۆلەمدە تۇتقۇن قىلغاندىن سىرت، دىننى «جۇڭگوچىلاشتۇرۇش» سىياسىتىنى كۆپ تەرەپلىك ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ رامزاندىكى روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش، ئىپتار ۋە زاكات بېرىشقا ئوخشاش نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىنىمۇ قاتتىق چەكلەپ كېلىۋاتقانلىقى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 2019-يىلى 21‏-ئىيۇن كۈنى ئېلان قىلغان يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدىمۇ قاتتىق تەنقىد قىلىنغانىدى.

مەزكۇر دوكلاتتا، تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر رايونىغا ئايرىم ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا «ھەر خىل تاراتقۇلار ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار ھۆكۈمەتنىڭ 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەت ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، تۇتۇپ تۇرۇش ئورۇنلىرىغا قامىغانلىقىنى پەرەز قىلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ 2017‏-يىلى 4‏-ئايدىن بېرى دىنىي ۋە ئېتنىك تەركىبى سەۋەبلىك بۇ ئورۇنلاردا ئىز-دېرەكسىز يوقىتىشقا، قىيىن-قىستاققا، جىسمانىي خورلاشقا، ئۇزۇن مۇددەت تۇتۇپ تۇرۇشقا دۇچار بولۇۋاتقانلىقى» بىلدۈرۈلگەنىدى.

بۇ يىلقى رامزان مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى رامزان ئەھۋالى، جۈملىدىن روزا تۇتۇش قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلەرنىڭمۇ قاتتىق كونترول قىلىشقا ئۇچرىغانلىقى ئىنكاس قىلىنماقتا. رامزان مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى مۇسۇلمانلار ۋەزىيىتى دۇنيانىڭ مەركەزلىك دىققەت نۇقتىسىغا ئايلانغان بۇ پەيتتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بارلىق ئۇچۇرلار قامال قىلىنغان ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ يېقىنقى، بولۇپمۇ رامزاندىكى ۋەزىيىتىگە بولغان كۆز قاراشلىرىنى سورىدۇق.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سوئاللىرىمىزغا 27-ئاپرېل كۈنى مەخسۇس مەكتۇپ ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى. مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن:

«بىز بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىڭىزغا رەھمەت. بىز سىزنى دۆلەت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا مەنسۇپ بولغان تۆۋەندىكى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىيەلەيمىز:

بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرىغا قاراتقان رەھىمسىزلەرچە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە باستۇرۇش سىستېمىسىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. بىز بېيجىڭنى خالىغانچە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە، ھەمدە شىنجاڭدىكى قاتتىق سىياسەتلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىرىمىز.

بىز خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ھەققىدە دوكلات قىلىنغان ئەھۋاللارغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىمىز، بۇ پەقەت بۇ ئاجىز كىشىلەر توپى ئارىسىدا ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشنى تېزلىتىدۇ. يېتەرلىك ئوزۇقلۇق، دورا ۋە كېرەكلىك بۇيۇملار بىلەن تەمىنلەش ھەر قانداق كارانتىن قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بۇ ئاي رامىزانلىق ئىبادەت مەزگىلىدە بىز ھەمىشە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى بارلىق مۇسۇلمانلار ۋە بارلىق دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ ئېتىقادىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىغا ئەمەل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىمىز.

بېيجىڭنىڭ بايانلىرىغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، جازا لاگېرلىرىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلار، پەقەت ناماز ئوقۇش ياكى دىنىي كىيىم-كېچەكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان دىنىي ئېتىقاد ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆزلىرىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.»

بۇ يىل، خىتاينىڭ تاراتقۇ ياكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە رامزان ھەققىدە مەخسۇس ئۇچۇر يوق دېيەرلىك. خىتاي ئۆز ئىچىدىن تارقالغان كورۇنا ۋىرۇسى تارقىلىش ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىپ بولغانلىقىنى تەشۋىق قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتى» نىڭ تورىدا 22-ئاپرېل كۈنى، مەملىكەت ئىچىدە مۇسۇلمانلارنىڭ رامزانلىق ئىبادەتلەردە، يۇقۇم مەزگىلىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئوپچە ئىبادەت ۋە پائالىيەتلىرىدىن ساقلىنىش كېرەكلىكى توغرۇلۇق بىر كۆرسەتمە ئېلان قىلغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى مەسىلىلىرىدە دوكلات تەييارلاپ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ساھەلەرنى بۇ ھەقتىكى ئىسپاتلىق دوكلاتلار بىلەن تەمىن ئېتىپ كېلىۋاتقان ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ پروگرامما تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە شەمسىدىن خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ بۇ نۆۋەت خىتاينىڭ رامزاندىكى قاتتىق چەكلەش تەدبىرلىرىنى رايوندا ئۆزىنىڭ ۋىرۇسقا قارشى تەدبىر ئېلىۋاتقانلىقىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ يېپىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىق ئېھتىمالىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

زۇبەيرە خانىم ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئېلان قىلغان دوكلات ۋە ماتېرىياللىرىدىن نەقىل كەلتۈرگەندە، خىتاينىڭ رايوندا «ئىسلامنى خىتايلاشتۇرۇش» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىنىي ئەركىنلىككە قارشى دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، ئەڭ ئىلغار تېخنولوگىيە ئارقىلىق زور كۆلەملىك كۆزىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان بۇ رايوندا ھازىر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ رامزاندا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن دىنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى تېخىمۇ مۇمكىنسىز بىر ھالەتتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيەتنى قانچە پەردازلاپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنسىمۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈزىنى بويالمايدۇ» دېدى.

زۇبەيرە خانىم ئاخىرىدا رامزان مەزگىلىنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئەركىن ياشاۋاتقان ئەركىن ئىبادەت قىلالايدىغان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇسۇلمانلىق بۇرچىنى ئادا قىلىشتىن باشقا، ئۇيغۇرلۇق بۇرچىنى ئادا قىلىدىغان پۇرسەت دەپ بىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيقۇلار بۇ رامزاننى ئىبادەتلىرىمىز ۋە دۇئالىرىمىز بىلە خەيرلىك تىنچ ئۆتكۈزگەندىن باشقا، ئەمىلى ھەرىكىتىمىز بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكىنى بولۇپمۇ مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىنى توختىتىشقا بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك» دېدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت