ئولىۋىيا ئېنوس: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان پاجىئەنىڭ خاراكتېرىنى قانداق بېكىتىدۇ؟»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-10-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى داڭلىق ئاقىللار مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان «مىراس فوندى» ئاسىيا تەتقىقاتى مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئولىۋىيا ئېنوس خانىم.
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى داڭلىق ئاقىللار مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان «مىراس فوندى» ئاسىيا تەتقىقاتى مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئولىۋىيا ئېنوس خانىم.
c-span.org

ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان مەلۇم بولۇشقا باشلىغان مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقانلىقى گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ ئىزدىنىشلىرى ئارقىسىدا كۆپلەپ ئاشكارا بولدى. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن تۈرلۈك تېببىي ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاياللىرىنى پەرزەنتلىك بولالمايدىغان قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنۇشلىرى تۈپەيلىدىن بىر قىسىم تەتقىقاتچىلار «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قارىتا قىرغىنچىلىق قىلىشقا باشلىدى» دەپ خۇلاسە چىقاردى. بۇ يىلنىڭ باشلىرى مەلۇم بولغان «قاراقاش ھۆججەتلىرى» دىكى زور بىر قىسىم ‍ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ «پىلانلىق تۇغۇتقا رىئايە قىلمىغانلىقى» سەۋەبلىك لاگېرلارغا قامىلىش ئەھۋالى بولسا بۇ ھالنىڭ ئاللىقاچان ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى قاتارىدا ئىجرا بولۇشقا ئۆتكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى «مىراس فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئولىۋىيا ئېنوس دەل مۇشۇ مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەر ھەمدە ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ پاجىئەلەرنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىشى ھەققىدە دوكلات تەييارلاپ چىقىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بۇ ھەقتىكى مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى. دوكلاتتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى چەكلەش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى يەنە بىر قېتىم ئەسلەپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىكى ماددىلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى رېئاللىقىغا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن كېلىدىكەن. شۇڭا بۇ مەنىدىن ئالغاندا ب د ت غا ئەزا بولغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رېئاللىقنى قىلچە ئىككىلەنمەستىن «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىشى پۈتۈنلەي مۇۋاپىق ئىكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر بۇ قاباھەتلىك سىياسەتلەرنىڭ دەردىنى ئەڭ ئېغىر دەرىجىدە تارتىۋاتقانلار ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە گۆدەكلىرى، شۇنداقلا تېخى تۇغۇلمايلا بۇ دۇنيادىن خوشلىشىۋاتقان بوۋاقلار بولۇۋاتىدۇ. بىز ‹قىرغىنچىلىق› ۋە ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› نىڭ تەبىرلىرىگە قارايدىغان بولساق خىتايدىكى بۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ دەل مۇشۇ خىل قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇمغا گىرىپتار بولۇۋاتقانلىقىنى بەكمۇ ئاشكارا كۆرۈۋالالايمىز. شۇڭا مەن بۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ دەردى ھازىر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە زۇلۇم ھەققىدىكى مۇھاكىمىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتسىكەن دەپ ئويلىدىم. چۈنكى بىز قىرغىنچىلىقنىڭ تەبىرىنى كۆپ قېتىم ئاڭلىغان بولساق، ئەمدى بۇنىڭ ئەمەلىيىتىنى كۆرۈۋاتىمىز. چۈنكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى تەبىرىدە ئېنىق قىلىپ ‹مەلۇم بىر گۇرۇپپىنى غەرەزلىك ھالدا پۈتۈنلەي ياكى قىسمەن ھالدا يوق قىلىش قىلمىشى قىرغىنچىلىق بولىدۇ› دەپ ئېنىق بېكىتىلگەن. بۇ يەردىكى ‹گۇرۇپپا› ئاتالغۇسى بولسا مىللىي تەركىب، دىنىي ئېتىقاد، ئىرقىي ئالاھىدىلىك ياكى سىياسىي كۆزقاراش قاتارلىقلار ئاساسىدا شەكىللەنگەن مەلۇم توپقا مەنسۇپ بولغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.»

دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، قىرغىنچىلىق دېگەندە كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا ھەرقاچان غايەت زور كۆلەم ئالغان جىسمانىي قىرغىنچىلىق مەنزىرىسى كېلىدىكەن. ھالبۇكى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا بولۇۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ خاراكتېرىگە قارايدىغان بولساق نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسىىنىڭ بۇ قىرغىنچىلىقنى ئۇيغۇرلاردىكى نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى مەجبۇرىي يوسۇندا چەكلەش شەكلىدە داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەرياندا سانسىزلىغان ئاياللارنىڭ ھامىلىسىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىش قىلمىشىدىن باشقا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن تېببىي ۋاستىلارنى ئۇلارغا مەجبۇرىي قوللىنىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى كونترول قىلىشنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇتلۇقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىكەن.

ئولىۋىيا ئېنوس دوكلاتتا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئادريان زېنزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ھۆججەتلەر ۋە باشقا ئۇچۇرلار ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان خۇلاسىلىرىگە ئالاھىدە ئورۇن بەرگەن. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرىمۇ 2015-يىلىدىن 2018-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىش نىسبىتىدە 60 پىرسەنت چېكىنىش بولغان، دەپ خەۋەر بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مۇنداق دەيدۇ: «بۇ جايدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان بىر نۇقتا شۇكى، قىرغىنچىلىق ھەرقاچان ناھايىتى قاتتىق نىقابلانغان يوشۇرۇن مۇھىتتا ئىجرا قىلىنىدۇ. دەل شۇ سەۋەبتىن بىز ھازىر ئاشۇ جايلاردىكى لاگېرلاردا قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ جان ئۈزۈپ بولغانلىقىنى بىلىشكە ئىلاجىسزمىز. بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز پەقەت بۇ خىل قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىلا، خالاس. يەنە كېلىپ ‹قىرغىنچىلىق› دېگەندە ئۇنىڭدا ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ جەزمەن ‹بۇنچىلىك ئادەم ئۆلدى› دېگەندەك غايەت زور بىر سانغا يېتىشى شەرت ئەمەس. مەلۇم بىر گۇرۇپپىغا مەنسۇپ كىشىلەرنى يوقىتىش ھەمدە شۇ گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرنىڭ نوپۇسىنى مەجبۇرىي تىبىي ۋاستىلار ئارقىلىق كونترول قىلىشنىڭ ئۆزىلا بۇ قىلمىشنى ‹قىرغىنچىلىق› دەپ بېكىتىشكە كۇپايە قىلىدۇ. چۈنكى بىزدە ھازىر ئاشۇنداق قىلمىشنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغان كۆپلىگەن دەلىل-ئىسپاتلار بار. شۇلارغا قارايدىغان بولساق تۇغۇت يېشىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ 80 پىرسەنتى مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەشنىڭ قۇربانلىرى بولۇۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. ھازىر بەزىلەر بۇ ساننىڭ 90 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى تەخمىن قىلماقتا. بۇ خىل ۋەھشىيانە بولغان قەبىھ سىياسەتلەر بولسا ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا ئىزچىل ئىجرا بولۇۋاتىدۇ.»

دوكلاتتا ئالاھىدە ئورۇن ئالغان يەنە بىر نۇقتا، ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ خۇددى ئاتا-ئانىلىرىغا ئوخشاشلا جۇدالىق ۋە ئىدىيە ئۆزگەرتىشنىڭ قۇربانلىرى بولۇۋاتقانلىقى ھەمدە بۇ جەھەتتىكى پاجىئەلەر ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭدەك بالىلارنى ئۆز ئائىلىسىدىن ئايرىپ «خىتاي كومپارتىيەسى چوڭ ئائىلىسى» گە قاماشنىڭ ئۆزىنى شەكلى ئۆزگەرگەن «مەركەزلەشتۈرۈپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش» دېيىلىدۇ.

ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرقى بۇ قىرغىنچىلىققا ياندىشىپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە بولسا بالىلارنىڭ ئۆز ئائىلىلىرىدىن جۇدا قىلىنىشىدۇر. ھازىر بۇ سىياسەتنىڭ يەنە قانچە ۋاقىت داۋام قىلىشىغا مېنىڭ كۆزۈم يەتمەيۋاتىدۇ. چۈنكى ئاتا-ئانىلىرىدىن جۇدا بولغان بۇ گۆدەكلەرنىڭ دادىسى ياكى ئانىسى لاگېرلارغا ياكى تۈرمىلەرگە قامالغان. بۇ بالىلارنىڭ كۆپ قىسمى ھازىر ياتاقلىق مەكتەپلەرگە ئوخشاپ كېتىدىغان ‹مەكتەپ› ياكى ‹يەسلى› نامىدىكى مۇئەسسەسىلەرگە يوللىنىۋاتىدۇ. بۇ جايلارغا كەلگەندىن كېيىن بۇ بالىلار ئۇيغۇرلارغا خاس ئىدېئولوگىيە بىلەن ئەمەس، بەلكى خىتاي كومپارتىيەسىگە ياقىدىغان سىياسىي ئىدىيەلەر بىلەن ئۆزگەرتىلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى بۇ ئاتالمىش ‹مەكتەپ› لەرگە قارايدىغان بولساق بۇ جايلارنىڭ مەكتەپ ياكى يەسلىگە ئەمەس، بەلكى تۈرمىنىڭ نەق ئۆزىگە ئوخشايدىغانلىقىنى بايقايمىز. نېمىشقا دېگەندە بۇ جايلارنى قورشاپ تۇرغان تىكەنلىك سىم توسۇق ۋە ئېگىز، مۇستەھكەم تاملار، شۇنىڭدەك بۇ جايلارنى ‹قوغداۋاتقان› قوراللىق خادىملار ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى قامالغان بۇ ئورۇنلارنىڭ قانداق يەر ئىكەنلىكىنى ئاشكارا نامايان قىلىدۇ. چۈنكى بۇ بالىلار 24 سائەت مۇشۇ ئورۇنلاردىن چىقىشقا بولمايدۇ. بۇمۇ بىز دەۋاتقان قىرغىنچىلىقنىڭ ھازىر يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى جانلىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. شۇڭا بۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ ‹ھازىر ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتىدۇ› دېسەك ياكى ھېچ بولمىغاندا ‹ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت› دەپ تەبىرلىسەك ھازىرقى مەۋجۇت رېئاللىق بۇنى ھېچ زورۇقمايلا تەستىقلايدۇ.»

ئولىۋىيا ئېنوس دوكلاتتا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان لاگېرلار، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش تەدبىرلىرى قاتارلىقلاردىن باشقا يەنە تېخى يېقىنقى مەزگىللەردىكى «رىم خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى» نىڭ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ھەققىدىكى تەبىرىدە ئېيتىلغان «قاتىللىق، قۇلغا ئايلاندۇرۇش، مەلۇم مىللەت ئەزالىرىنى مەجبۇرىي ئۆز ماكانىدىن ئايرىۋېتىش، جىنايەتسىز ھالدا تۈرمىگە قاماش، جىسمانىي قىيناققا گىرىپتار قىلىش، جىنسىي خورلۇق ئوبيېكتى قىلىۋېلىش» دېگەندەك 30 نەچچە خىل مەزمۇننىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇرلاردا مەۋجۇتلۇقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. شۇنداقلا مۇشۇ يوسۇندا ئاشكارا داۋام قىلىۋاتقان بۇ ھادىسىلەرنى ھازىر «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتاشقا ھېچكىمنىڭ قارشى ئەمەسلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتىدۇ.

دوكلاتنىڭ ئاخىرىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ مۇشۇ خىلدىكى زۇلۇمنىڭ خاراكتېرىنى بېكىتىش ھوقۇقى بارلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئە ھەققىدىمۇ بۇنىڭ «قىرغىنچىلىق» ياكى «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» ئىكەنلىكى ھەققىدە تېزرەك بىر رەسمىي تەبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بۇنداق قارار چىقىرىشنى رەت قىلسا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى بۇ ھەقتە قارار ئېلىشقا مەجبۇرلاش ھوقۇقى بولىدىكەن.

دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇر دىيارىدىكى زۇلۇمغا شېرىك بىر قاتار خىتاي ئەمەلدارلىرىغا جازا بېرىش بىلەن بىرگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا «ئالدىن ئويلىشىلىدىغان 2-تۈركۈمدىكى مۇساپىرلار» (Priority-2) دېگەن سالاھىيەتنى بېرىشى، چۈنكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ ئۆزىلا بارلىق ئۇيغۇرنى ئاپتوماتىك ھالدا مۇساپىر قاچقۇنلارغا ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئامېرىكا تۇپرىقىدا ياكى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاسىتە مۇساپىرلىققا قوبۇل قىلىنىشى لازىملىقى ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت