ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى 28 ئورگاننى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشى كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019-10-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«The New York Times» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى 28 ئورگاننى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋىرى. 2019-يىلى 7-ئۆكتەبىر.
«The New York Times» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى 28 ئورگاننى قارا تىزىملىككە كىرگۈزگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋىرى. 2019-يىلى 7-ئۆكتەبىر.
Photo: RFA

ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا مەسئۇلىيىتى بار بولغان ساقچى ئورگانلىرى ۋە شىركەتلەرنى قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈشى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئامېرىكادىكى خىتاي سىياسىي پائالىيەتچىلىرى بىلەن ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭمۇ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكادىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ياڭ جيەنلى ئەپەندى مەخسۇس زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. 

ئۇ بۇ قارارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ تۈركۈملەپ لاگېرلارغا قامىلىشى ۋە رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۈچۈن ئۈنۈملۈك بىر تەدبىر بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «بىز ئىككى يىلدىن بۇيان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بىۋاسىتە قاتناشقان شەخسلەرنى جازالاشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدۇق. چۈنكى بۇنىڭ نېمىلا بولمىسۇن مەلۇم ئۈنۈمى بولاتتى. بىز خىتايدىكى بۇ ئەمەلدارلارنىڭ ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىنسانلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىشىغا ۋە بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان يامان ئاقىۋەتلەردە ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالماسلىقىغا يول قويۇلماسلىقى كېرەك، دەپ قارايمىز. ھازىر قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن بۇ ئەمەلدارلار ئۆزىنىڭ پالاكەتكە يۈزلەنگەنلىكىنى ۋە كەلگۈسىدە چوقۇم جازالىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. بىر قىسىم خىتاي ئەمەلدارلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى ئۆتكۈزگەن جىنايەتلىرى ئۈچۈن جازاغا تارتىلىشتىن ئەنسىرىسە، يەنە بىر تۈركۈم ئەمەلدارلار ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۈشنى يەنە داۋاملاشتۇرۇشتىن ئېھتىيات قىلىدىغان بولىدۇ ۋە بۇ ئىشتا بېسىم ھېس قىلىدۇ.»

8-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكادىكى خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.

ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قارارىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئەھمىيىتى زور بولغان بىر ئەمەلىي تەدبىر بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ قارار خىتاي خەلقى ئارىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلار ئۈچۈن زور بىر ئىلھام بولغان بولسا، كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان قاتىللار ئۈچۈن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش بولدى. ئامېرىكا ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۈگۈنكى بۇ پەۋقۇلئاددە ۋەزىيەتتە پەقەتلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەش ۋە ئەيىبلەش بىلەنلا كۇپايىلەنسە بولمايدۇ. شۇڭا يۈرگۈزۈش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئەمەلىي تەدبىرلەرنى مەسئۇلىيىتى بار بولغان كونكرېت ئورگان ۋە شەخسلەرگە تەتبىقلىغاندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.» 

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا چېتىلغان خىتاي ساقچى ئورگانلىرىنىڭ تىزىملىكىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى، ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ساقچى ئىدارىسىدىن باشقا ھەرقايسى ئوبلاست، ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلەردىكى 18 ساقچى ئىدارىلىرىنىڭ ئىسمى بىرمۇ-بىر تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغان.

ئۇلار ئىلى ئوبلاستلىق ج. خ. ئىدارىسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ج. خ. ئىدارىسى، ئالتاي ۋىلايەتلىك ج. خ. ئىدارىسى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق ج. خ. ئىدارىسى، بورتالا ئوبلاستلىق ج. خ. ئىدارىسى، سانجى ئوبلاستلىق ج. خ. ئىدارىسى، قۇمۇل ۋىلايەتلىك ج. خ. ئىدارىسى، خوتەن ۋىلايەتلىك ج. خ. ئىدارىسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ج. خ. ئىدارىسى، قاراماي شەھەرلىك ج. خ. ئىدارىسى، قىزىلسۇ ئوبلاستلىق ج. خ. ئىدارىسى، شىخەنزە شەھەرلىك ج. خ. ئىدارىسى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك ج. خ. ئىدارىسى، تۇمشۇق شەھەرلىك ج. خ. ئىدارىسى، تۇرپان شەھەرلىك ج. خ. ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج. خ. ئىدارىسى، ۋۇجياچۈ شەھەرلىك ج. خ. ئىدارىسى ۋە شىنجاڭ ساقچى مەكتىپى قاتارلىقلاردىن ئىبارەت ئىكەن.

خۇ پىڭ ئەپەندى قارا تىزىملىكتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ج. خ. نازارىتىدىن باشقا ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرلەردىكى ساقچى ئىدارىلىرىنىڭمۇ تىلغا ئېلىنىشى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا قاتناشقان ھەرقانداق بىر ئورگان ھەم شەخسنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشتا زور ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

خۇ پىڭ مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە، ئەگەر خىتاي مەملىكەتلىك ياكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساقچى ئورگانلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئەيىبلىگەندە، بۇ ئىشتا بىۋاسىتە جىنايى جاۋابكارلىقى بار بولغان شەخسلەر بۇ چوڭ قالپاق ئىچىدە بىۋاسىتە بېسىم ھېس قىلمايدۇ. مەن ئىلگىرى ماقالە يېزىپ، بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرى، يەنى 1989-يىلىدىكى تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بار بولغان شەخسلەرنىڭ ئىسمىنى تىزىملاپ ئېلان قىلىش ۋە ئۇلارغا تەدبىر كۆرۈشنى تەكىتلىگەن ئىدىم. ئۇ چاغلاردا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بۇنى كۈتكەن ئىدۇق. بۇ قېتىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا بىۋاسىتە مەسئۇلىيىتى بار بولغان خىتاي ساقچى ئورگانلىرىنىڭ ئىسمىنى بىۋاسىتە تىلغا ئېلىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشىنىڭ ئۈنۈمى ئەلۋەتتە 100 ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ، دەپ قارايمەن. چۈنكى مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ كۈچىگە تايىنىپ يامان ئىش قىلغۇچىلار مەلۇم بىر سىستېما ئىچىدە ئىش ئېلىپ بارىدۇ. يەنى كونكرېت ئورگان ۋە شەخسلەر بىلەن بىرلىكتە جىنايەت ئۆتكۈزىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئادەتتە بايقالماي قالىدۇ. شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ئۆزىدىن ئەنسىرىمەيدۇ ۋە جازالىنىشتىنمۇ قورقمايدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كومپارتىيەنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيەت سىستېمىسى ئىچىدىكى كونكرېت ئورگان ۋە شەخسلەرگە قارىتا ئەمەلىي جازا تەدبىرى قوللانغاندىلا، ئاندىن ئۇلار ئۆزىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقنى ھېس قىلىدۇ.»

قارا تىزىملىكتە يەنە خىتاي شىركەتلىرىدىن داخۇا تېخنولوگىيە شىركىتى، خەيكاڭ شىركىتى قاتارلىق 8 شىركەتنىڭ ئىسمىمۇ تىلغا ئېلىنغان.

ياڭ جيەنلى ئەپەندى تىزىملىكتە تىلغا ئېلىنغان خىتاي شىركەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى: «بۇ شىركەتلەرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قۇرۇلغان لاگېرلار بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بار. چۈنكى بۇ شىركەتلەر خىتاي كومپارتىيەسىگە ياردەملىشىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى قۇرۇپ چىقتى. ئۇندىن باشقا لاگېرلارنى قۇرۇشقا ياردەمدە بولدى. شۇڭا ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىدە بۇ شىركەتلەرنىڭ ئۆزىنى قاچۇرۇپ بولالمايدىغان مەسئۇلىيىتى بار.»

ياڭ جيەنلى ئەپەندى يەنە ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم خىتاي بىلەن باغلىنىشى بار شىركەتلەرگە قارىتا جازالاش تەدبىرى قوللىنىشنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ھازىر ئامېرىكادىكى شىركەتلەردىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر دىياردىكى لاگېرلىرى ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا ياردەمدە بولغانلىرىنى تېپىپ چىقىپ، ئۇلارنىمۇ ئامېرىكانىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملىرى بويىچە جازالاشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز. مېنىڭچە، بۇ نۇقتىمۇ ناھايىتى مۇھىم. چۈنكى ئامېرىكانىڭ قىممەت قارىشى ۋە قانۇنى بۇ خىل قىلمىشقا يول قويمايدۇ.»

ياڭ جيەنلى ئەپەندى يەنە ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا بىۋاسىتە جاۋابكارلىقى بار دەپ قارالغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈئەنگو قاتارلىقلارنى «يەر شارى ماگنېتىسكىي قانۇنى» بويىچە جازالاش تەدبىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە بولغان ئۈمىدىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز يەنە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى سېكرېتارى چېن چۈئەنگو قاتارلىق ئەمەلدارلارنىڭ ئامېرىكانىڭ ‹ماگنېتىسكىي قانۇنى» بويىچە قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلۈشىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدۇق. ئەمما ئامېرىكا ھازىرغا قەدەر بۇ ئىشنى قىلمىدى. بەلكىم چېن چۈەنگونىڭ خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىدىكى ئورنى ۋە بۇنىڭ تەسىرىنى ئويلاشقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بىز ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى 28 ئورگان ۋە شىركەتلەرگە جازالاش تەدبىرى قوللانغانلىقىنى قارشى ئالىمىز. لېكىن بىز بۇ نەتىجىنىڭ يەنە يۈكسىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەنە شۇندىلا بۇنىڭ ئۈنۈمى ۋە رولى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت