ئىللىنويىس ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇزېيى ۋە مائارىپ مەركىزىدە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاڭلىتىلدى

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-10-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
7-ئۆكتەبىر كۈنى ئىللىنويىس ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇزېيى ۋە مائارىپ مەركىزىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تارىخنىڭ تەكرارلىنىشى: مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ناملىق تور يىغىنىنىڭ ئۇقتۇرۇشى.
7-ئۆكتەبىر كۈنى ئىللىنويىس ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇزېيى ۋە مائارىپ مەركىزىنىڭ ساھىبخانىلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تارىخنىڭ تەكرارلىنىشى: مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ناملىق تور يىغىنىنىڭ ئۇقتۇرۇشى.
Social Media

7-ئۆكتەبىر كۈنى ئىللىنويىس ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇزېيى ۋە مائارىپ مەركىزىنىڭ ساھىبخانلىقىدا «تارىخنىڭ تەكرارلىنىشى: مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ناملىق تور يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇزېينىڭ تور بېتىدە مەزكۇر يىغىن ھەققىدە بېرىلگەن ئۇقتۇرۇشتا ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىنغانلىقى، مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ ئاتالمىش «قايتا تەربىيە» ئېلىشقا مەھكۇم قىلىنغانلىقى، كىشىلەرنىڭ بۇ پاجىئەگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈپ، خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان بۇ جىنايەتنى توسۇشقا تېخىمۇ كۆپ ئاۋاز توپلاش ئۈچۈن ئىللىنويىس ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇزېيى ۋە مائارىپ مەركىزى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ بۇ پائالىيەتنى بىرلىكتە ئۆتكۈزىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم بىلەن لاگېر شاھىدى زۇمرەت داۋۇت خانىم قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن بۇ پاجىئە ھەققىدە ئىسپاتلىق دوكلات بەردى. روشەن ئابباس خانىم بۇ يىغىن ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن بۈگۈنكى قىرغىنچىلىق بىلەن 70 يىللار بۇرۇن يەھۇدىيلار ئۇچرىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ خاراكتېر ۋە كۆلەم جەھەتتە تامامەن ئوخشايدىغانلىقىنى مۇشۇنداق ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇزېيخانىلىرىدا سۆزلەش ئارقىلىق خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بىلدۈرۈش ۋە بېكىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئالدى بىلەن زۇمرەت خانىم لاگېردىكى زۇلۇمنى باشتىن كەچۈرگەن ساناقلىق شاھىتلاردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ لاگېردىكى ئېچىنىشلىق كەچۈرمىشلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ ئۆزىنىڭ تۇيۇقسىز بىر تېلېفون بىلەن چاقىرتىلىپ سوئال-سوراققا تارتىلغاندىن كېيىن، بېشىغا قارا خالتا كەيدۈرۈلۈپ، پۇتىغا ئىشكەل سېلىنىپ، سوغۇق، زەي ۋە قاراڭغۇ لاگېرغا سولانغانلىقىنى، باشقا ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئوخشاش بىر كۈندىلا مەھبۇسقا ئايلىنىپ ئۆمرىدە كۆرمىگەن خورلۇقلارغا ئۇچرىغانلىقىنى، نەچچە ئاي قاماقتا يېتىش جەريانىدا «جانغا لازىم ھەممە نەرسىدىن مەھرۇم قېلىش، جاننى قىينايدىغان ھەممە نەرسىگە مەجبۇر بولۇش» تەك قىيىن-قىستاقلارنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى بايان قىلدى. 

ئۇ خىتاي دەۋاتقان «قايتا تەربىيەلەش» دېگەن گەپنىڭ تامامەن خالقئارانىڭ كۆزىنى بوياش ئىكەنلىكىنى، «تەربىيە» دېگەنلىرىنىڭ تامامەن خىتاي كومپارتىيىسىنى ماختاش، شى جىنپىڭنى ئۇلۇغلاش، بىر نەرسىنى كۈندە تەكرارلاش، ئۆگەنمىسە جازالىنىش ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ شۇ ئارقىلىق مېڭە يۇيۇش، قورقىتىش، ساراڭ قىلىش، ئۆز كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. 

ئۇ يەنە لاگېردىكى ئاياللارغا نامەلۇم دورىلار يېگۈزۈلۈپ ئوكۇللار ئۇرۇلىدىغانلىقى، بۇلارنىڭ ئەسلىدە تۇغۇت چەكلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ھازىرغىچە شۇ دورىلارنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. ئۇ پاكىستانلىق يولدىشىنىڭ يول مېڭىشى بىلەن لاگېردىن چىقىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭ 3-بالىسى ئۈچۈن جەرىمانە قويغاندىن كېيىن تۇغۇت چەكلەش ئوپېراتسىيىسى قىلىۋەتكەنلىكىنى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئاساسەن مۇشۇنداق قىسمەتكە دۇچار بولغانلىقىنى ئېيتتى. 

ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا ئۆزى دۇچ كەلگەن زۇلۇمنىڭ ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچ كەلگەن زۇلۇمنىڭ پەقەت بىر قىسمىلا ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە خىتاينىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا سىستېمىلىق ھالدا قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى، لاگېرلاردا ھەر كۈنى ئادەم ئۆلۈۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەقتە ئېنىق ئىسپاتلار ئاشكارىلىنىۋاتقان ئەھۋالدا بۇ زۇلۇمدىن خەۋەرسىز قېلىشقا ھېچقانداق باھانىنىڭ يوقلۇقىنى، خىتايغا قارشى ھەرىكەتكە ئۆتمەسلىكنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ جىنايىتىگە سۈكۈت قىلىش، ھەتتا ئۇ جىنايەتكە شېرىك بولۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە بارلىق دۆلەتلەرنى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۇيغۇرلارنى بۇ قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتلىنىشكە چاقىردى.

ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم بۇ يىغىندا بەرگەن دوكلاتىدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتاي تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنىش تارىخىنى قىسقىچە بايان قىلدى. ئاندىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىختىن بېرى ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل سىياسىي ھەرىكەت، ھەر خىل قالپاق، ھەر خىل بەتناملار بىلەن ئۆلتۈرۈپ، يوقىتىپ كەلگەنلىكىنى، 2001-يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى» دەپ قارىلاپ، بىر ياندىن خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياپ، بىر ياندىن ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلاردىن بىرسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يولدىشىنىڭ غايىب قىلىۋېتىلگەن ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا قېرىنداشلىرى، شۇنداقلا 2018-يىل خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك تۇتقۇن قىلىنغان ھەدىسى گۈلشەن ئابباس ھەققىدە گۇۋاھلىق بەردى؛ خىتاينىڭ ئىپلاس ئايىغى تەگمىگەن بىرمۇ ئۇيغۇر ئائىلىسى، خىتاينىڭ ئىبلىس قولى سوزۇلمىغان بىرمۇ ئۇيغۇر پۇقراسى قالمىغانلىقىنى، خالىغىنىنى قاماپ، خالىغىنىنى ئۆلتۈرۈپ، خالىغىنىنى زاۋۇتلاردا قۇل قىلىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ياقتن ئىسلامغا دۈشمەنلىك قىلسا، بىر ياقتىن ئەرەب-ئىسلام ئەللىرى بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى، بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارنى «تېررورچى» دەپ قارىلىسا، بىر ياقتىن ئۇلارنىڭ ئىچكىي ئورگانلىرىنى ئېلىپ، ئەرەب بايلىرىغا «ھالال ئورگان» دەپ قىممەت باھادا سېتىۋاتقانلىقى، 500 مىڭدىن كۆپ ئۇيغۇر پەرزەنتىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ خىتايلاشتۇرۇۋاتقانلىقى، ھەر ئائىلىدە خىتاينى قوندۇرۇپ، ھۆكۈمەت نامىدا پەسكەشلىك قىلىپ كەلگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنى كەڭ-كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشتىن ئەمدى ئۇلارنى كەڭ-كۆلەمدە قۇل قىلىشقا ئۆتكەنلىكى دېگەندەك جىنايەتلەرنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. 

ئۇ خىتاي ئەمەلدارى خۇ لىيەنخېنىڭ «ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىدىغان باسقۇچ يېتىپ كەلدى» دېگەن سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىنى ئوڭۇشلۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇش، ئۇيغۇر رايونىنى كەڭ كۆلەمدە تالان-تاراج قىلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى مۇتلەق زوراۋانلىقى، نومۇسسىزلىقى، قەبىھلىكىنى ھەسسىلەپ كۈچەيتكەنلىكىنىڭ، يەنى ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈردى. 

روشەن ئابباس خانىم سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، ئەينى چاغدا ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارنى ئۆلتۈرۈپ ھەم زاۋۇتلاردا قۇل قىلىپ ئىشلەتكەنلىكىنى، گېرمانىيە بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورناتقان ياۋروپانىڭ بۇ جىنايەتلەرگە دەسلەپتە كۆز يۇمۇپ، ئاخىرىدا بۇنىڭ بەدىلىنى مىليونلىغان يەھۇدىينىڭ قىرغىن قىلىنىشى بىلەن تۆلىگەنلىكىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى. ئاندىن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ 2014-يىل كەڭ-كۆلەمدە لاگېر سېلىشنى، 2017-يىل ئادەم تۇتۇشنى باشلاپ ھازىرغىچە قىرغىنچىلىق پىلانىنى ئوڭۇشلۇق ئورۇنلاۋاتقانلىقىنى، لاگېرلار يېنىدىكى جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىنىڭ ھازىرغىچە ئىشتىن قالمىغانلىقىنى، لاگېرلارنىڭ داۋاملىق كېڭەيتىلىپ قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، «خەلقئارا بۇ جىنايەتنىڭ تەكرارلىنىشىغا يەنە قاچانغىچە يول قويىدۇ؟ ئەمدى ھەرىكەتكە ئۆتىدىغان ۋاقىت كەلدى، ھېلىمۇ بەك كېچىكىپ كەتتى» دېدى. 

ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىغىنغا 150 كىشى قاتناشقان بولۇپ، ئىسپاتلىق دوكلات بېرىش ئاياغلاشقاندىن كېيىن يىغىن قاتناشقۇچىلىرى سوئال سورىغان. يىغىندا بېرىلگەن دوكلاتتىن، زۇمرەت داۋۇتنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن خىتاينىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ۋە جىنايەتلىرىنى كۆرۈپ يەتكەن ۋە غەزەب-نەپرىتىنى ئىپادىلىگەن. 

روشەن ئابباس خانىم بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئامېرىكادىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق مۇزېيلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن پاجىئەلىك قىسمەتنى سۆزلەش، «ئەمدى تەكرارلانمايدۇ» دېگەن جىنايەتنىڭ تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ كۆپ قاتلىمىغا ئاڭلاتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئاندىن بۇ ئارقىلىق «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى كېڭەش پالاتاسىدىن ماقۇللىتىش ۋە خىتاينىڭ جىنايىتىنى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت