ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىنىش ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-10-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا ۋە خەلقئارا تېررورلۇق مەسىلىلىرىگە مەسئۇل دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان رەئىس تېد دېچ ئەپەندى يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى 16-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا ۋە خەلقئارا تېررورلۇق مەسىلىلىرىگە مەسئۇل دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان رەئىس تېد دېچ ئەپەندى يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى 16-سېنتەبىر، ۋاشىنگتون.
REUTERS

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافرىقا ۋە خەلقئارا تېررورلۇق مەسىلىلىرىگە مەسئۇل دېموكراتچىلار پارتىيەسىدىن بولغان رەئىس تېد دېچ ۋە جۇمھۇرىيەتچى ئەزاسى جوۋ ۋىلسون باشچىلىقىدىكى جەمئىي 31 نەپەر مەجلىس ئەزاسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكادا پاناھلىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ مۇساپىرلىق سالاھىيىتى بىلەن ئامېرىكاغا ۋىزا ئېلىشىنىڭ ئاسانلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇلار ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇۋەققەت مىنىستىرى چاد ۋولفقا قىلغان چاقىرىقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئامېرىكا ۋىزىسى ئېلىشىنى تېزلىتىش، شۇنداقلا يەنە ئامېرىكا مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش پروگراممىسى بويىچە «P-1» دەپ ئاتىلىدىغان مۇساپىرلىق ھاۋالىسى بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئۇلار ئىمزالىق مەكتۇبىدامۇنداق دېگەن: «بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەت قوللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بىز سىلەرنىڭ ئامېرىكا ۋىزىسى ئېلىشنى تېزلەشتۈرۈشۈڭلارنى، مۇساپىرلارنىڭ ئومۇمىي سان چەكلىمىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن بىرگە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا (P-1) دەپ ئاتىلىدىغان مۇساپىرلىق ھاۋالىسى بېرىشىڭلارنى ۋە شۇنداقلاۋە ئامېرىكاغا كېلىپ بولغان ئۇيغۇرلارنى قوغداش ئۈچۈنمۇ تېزدىن ھەرىكەت قوللىنىشىڭلارنى سورايمىز. بىز ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىنسانىي كىرىزىسلار ۋە بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارغا توختىماي قىلىۋاتقان باستۇرۇشىنى نەزەردە تۇتقاندا يۇقىرىقى بۇ تەدبىرلەرنىڭ جىددىي زۆرۈرلۈكىگە ئىشىنىمىز.»

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرىي تۈركەل بۇ ھەقتە رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ يۇقىرىقى بۇ چاقىرىقنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىق ئىشلىرىنىڭ تېزلىشىشىغا يول ئېچىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكانىڭ جەنۇبىدىكى چېگرا رايونلىرىدا يۈز بەرگەن بىر قاتار قانۇنسىز كۆچمەن كىرىزىسلىرى سەۋەبىدىن ئامېرىكادا پاناھلانغۇچىلارنى ۋە كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىش ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك ئاستىلاپ كەتكەنلىكتىن ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ھەقىقەتەن پاناھلىنىشقا ئېھتىياجلىق مىللەتلەرنىڭ ئىشلىرىنىڭمۇ ئوخشاشلا ئاستىلاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. شۇڭا ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ بۇنداق بىر چاقىرىقنى قىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىنىش مەسىلىلىرىگە ئايرىم مۇئامىلە قىلىنىشىنىڭ يولى ئېچىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

نۇرىي تۈركەل ئەپەندى ئېيتقاندەك، ئامېرىكادا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بولۇۋاتقان كۆچمەنلەر كرىزىسى ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ تېزرەك بىر تەرەپ بولۇشىغا تەسىر كۆرسەتكەن. ئامېرىكادا ئىلگىرىكى يىللاردا 6 ئايدىن 1 يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ھەل بولىدىغان پاناھلىنىش رەسمىيەتلىرى 5 يىل بولۇپمۇ ھەل بولمىغان ئۇيغۇرلار بار. ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلانغۇچىلاردىن بىرى رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ 2015-يىلى 10-ئايدا ئېلتىماس قىلغانلىقىنى ۋە 5 يىلدىن بۇيان جاۋاب كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

يۇقىرىقى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىنىڭ مەكتۇبىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئامېرىكاغا كېلىش ئۈچۈن ئوخشىمىغان ۋىزا كاتېگورىيەلىرى بويىچە ۋىزا كۈتۈۋاتقان 3 مىليون 600 مىڭ ئادەم بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ساقلاش مۇددىتى 5 يىلدىن 18 يىلغىچە ئىكەن. شۇڭا يۇقىرىقى ئەزالار مەكتۇپىدا ئامېرىكادىن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىكگە ئۇچراش خەۋپى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە ۋىزىسى، مائارىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋىزىسىغا قىلغان ئېلتىماسلىرىنى تېزدىن ئويلىشىشنى تەلەپ قىلغان.

نۇرىي تۈركەل ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «تىيەنئەنمېن ۋەقەسى» يۈز بەرگەندىن كېيىن 1990-يىلى 4-ئايدىن بۇرۇن ئامېرىكاغا كەلگەن خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتا يۇقىرىقىدەك ھاۋالە بويىچە كۆچمەنلىك سالاھىيىتى بەرگەن بولۇپ، ئامېرىكا بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دېموكراتىك ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرغانلىقىغا نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىكەن. نۇرىي تۈركەل ئامېرىكا مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش پروگراممىسى بويىچە ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇنلار بويىچە چەتئەللەردە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى يۇقىرىقىدەك (P-1) ھاۋالىسى بىلەن ئەكېلىشنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە قانۇن لايىھەسى بىلەن ئاۋازغا قويۇشى ۋە ماقۇللانغاندىن كېيىن پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئالدىغا قويۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ھەر ئىككى پارتىيەدىن بولغان ئەزالىرى چاقىرىق مەكتۇپىدا (P-1) مۇساپىرلىق ھاۋالىسى بويىچە ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنۇلار دېيىلگەن:

«(P-1) ھاۋالىسى بويىچە، ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ھەقىقەتەن قوغداشقا ئېھتىياجلىق كىشىلەرنى پەرقلەندۈرۈشىنى ئاسانلاشتۇرغىلى ھەمدە ئۇلارنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۆرسەتمىسىسىز بىۋاسىتە ئامېرىكا مۇساپىرلار ئورگانلىرىغا تەۋسىيە قىلغىلى بولىدۇ. ھەرقايسى ئەلچىخانىلارنىڭ (P-1)مۇساپىرلىق ھاۋالىسىنى ئالدىنقا ئورۇنغا قويۇشى ۋە تېزلىتىشى بىلەن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ۋە جۈملىدىن خىتاينىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراش ئېھتىمالى يۇقىرى بولغان ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلغىلى بولىدۇ»

يېقىندا ئامېرىكا ۋىرگىنىيە شتاتىنىڭ ۋەكىلى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېننىفىر ۋەكىستون ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسى، بولۇپمۇ ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىش ئىشلىرىنىڭ بېسىلىپ قېلىشى ھەققىدە ئامېرىكادىكى ياش ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن ئىرادە قەشقىرى بىلەن سۆزلەشكەن. جېننىفىر ۋەكىستون خانىم ئۆزىنىڭ فېيسبۇك ۋە تىۋىتتېر تورىدىكى ھېسابلىرى ئارقىلىق ئامېرىكادا مۇشۇ خىل ئەھۋالغا دۇچ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى ئۆزى بىلەن ئالاقىلىشىشكە چاقىردى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، يۇقىرىقى بۇ چاقىرىق ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا دېموكراتىك ئەللەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىگە ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىخەتەر ھالدا ۋە تېز سۈرئەتتە3-دۆلەتكە ئورۇنلىشىشىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ۋە ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مۇۋەققەت مىنىستىرى چاد ۋولفقا يېزىلغان يۇقىرىدىكى بۇ خەتنى ئاندىرى لېۋىن، بىرايان فىتزپاترىك، توم سۇزى، يان شاكوۋىسكىي، جىم كوستا، دونناشالالا، ستېۋ كوخېن، گېررىي كوننوللى، رو خاننا، داۋىد ترون، جىم مەكۋېن، ئالسې خاستىڭس، راشىدا تلايب، ئامى بېرا، كولىن ۋە جېننىفىر ۋەكىستون قاتارلىق ئامېرىكادۆلەت مەجلىسىنىڭ دېموكراتچى ۋە جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن جەمئىي 31 نەپەر ئەزا ئىمزالىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت