ئامېرىكانىڭ ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدە ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇرلار يۇقۇم مەزگىلىدە خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2020-04-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكادىكى تېببىي خادىملاردىن فائىرفاكس ئىنوۋا دوختۇرخانىسىدىن گۈلزىرە ئابدۇشۈكۈر خانىم (سولدا) ۋە ۋاشىنگتون مەركىزى دوختۇرخانىسىدىن جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى. 2020-يىلى 7-ئاپرېل.
ئامېرىكادىكى تېببىي خادىملاردىن فائىرفاكس ئىنوۋا دوختۇرخانىسىدىن گۈلزىرە ئابدۇشۈكۈر خانىم (سولدا) ۋە ۋاشىنگتون مەركىزى دوختۇرخانىسىدىن جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى. 2020-يىلى 7-ئاپرېل.
RFA/Méhriban

2020-يىل بېشىدا خىتايدىن تارقالغان كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى 3 ئاي ئىچىدە 200 دىن ئارتۇق دۆلەتتە تارقىلىپ، ئامېرىكادىمۇ ئېغىر يۇقۇم ئاپىتىگە ئايلاندى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكانىڭ ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدە ئىشلەۋاتقان دوختۇر، سېسترا قاتارلىق تېببىي خادىملار ئارىسىدا ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ يەرلەشكەن بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارمۇ بار ئىكەن.

ئامېرىكادىكى بىر قىسىم شتاتلاردىكى دوختۇرخانىلاردا ئىشلەۋاتقان ئۇيغۇر تېببىي خادىملاردىن ۋىرجىنىيە شتاتىدىكى دوكتور جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى، گۈلزىرە ئابدۇشۈكۈر خانىم ۋە بوستون شەھىرىدىكى سەمىرە ئىمىنلار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى مەزگىلىدىكى خىزمەت ئەھۋالى ۋە قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى.

نۆۋەتتە ۋاشىنگتون مەركىزىي دوختۇرخانىسىدا ئىشلەۋاتقان جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى ۋە ۋىرجىنىيەنىڭ فائىرفاكىس ئاينوۋا دوختۇرخانىسىدا ئىشلەۋاتقان ئايالى ماينۇر ئابلىز خانىم ھەر ئىككىيلەن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىكى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت قارمىقىدىكى ئۆسمە كېسەللەر دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرلىرى بولۇپ، ئۇلار بۇ ساھەدە ئۇزۇن يىل ئىشلىگەن ئىدى. ئۇلار ياپونىيەدە ئۆز كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغاندىن كېيىن، ئامېرىكىغا كېلىپ يەرلەشكەن ۋە ئەر-ئايال ھەر ئىككىلىسى ئامېرىكادىمۇ دوختۇرخانىلاردا ئۆز كەسپىنى داۋاملاشتۇرماقتا ئىدى.

7-ئاپرېل كۈنى دوكتور جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندى ئالدىراش خىزمەت ئارىلىقىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ دوختۇرخانىدىكى كەسىپداشلىرىغا ئوخشاشلا، ئەر-ئايال ھەر ئىككىيلەننىڭ كورونا ۋىرۇسى مەزگىلىدىمۇ ئۆز خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەر-ئايال ھەر ئىككىيلەن دوختۇر بولغىنى ئۈچۈن، ئۇلار ئىلگىرىكى چاغلاردا ئائىلىدىكى چەكلىك دەم ئېلىش ۋاقتىنى ئاساسەن ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىغا موھتاج بولغان ياشانغان قېينانىسى ۋە ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان ئوغلى ئۈچۈن سەرپ قىلىپ كەلگەن ئىكەن. ئەمما كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى ۋەھىمىسى مەزگىلىدە ئەر-ئايال ھەر ئىككىيلەن دوختۇرخانىدىن قايتقىنىدا، ئىش كىيىملىرىنى پۈتۈنلەي يۆتكەش، پۈتۈن بەدىنىنى يۇيۇپ، قاتتىق دېزىنفېكسىيە قىلىش قاتارلىق قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئۆيگە قايتالايدىكەن. ياشانغان ۋە چاقلىق ئورۇندۇققا تايىنىپ قالغان قېيىنانىسىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ئىشلار ھازىر كۆپىنچە ئەھۋاللاردا، ئۇلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش توختىغانلىقى ئۈچۈن ئۆيدە توردىن دەرس ئېلىۋاتقان ئوغلىغا قالغان.

ئەمما جۈرئەت ئەپەندى يەنە دوختۇرخانىدا ئۆزى بىلەن بىللە بارلىقىنى كېسەللەرگە بېغىشلاپ ئىشلەۋاتقان ئامېرىكالىق كەسىپداش دوختۇرلار ۋە ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان كېسەللەرنىڭ ئۆزلىرىگە تىكىلگەن ئۈمىدلىك كۆزلىرىگە قارىغىنىدا، ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش ۋەھىمىسىنىڭ پۈتۈنلەي يوقاپ ئۆزىنىڭ دوختۇرلۇق بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ھەممىنى ئۇنتۇيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ۋىرجىنىيە فايىرفاكىس ئاينوۋا دوختۇرخانىسىدا ئىشلەيدىغان يەنە بىر تېببىي خادىم گۈلزىرە ئابدۇشۈكۈر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دوختۇر ۋە سېستىرالىقتىن ئىبارەت بۇ كەسىپنى تاللىغان ھەر بىر تېببىي خادىم بۇ خىزمەتنى قىلىش ئۈچۈن كىنىشكا ئالغان چېغىدىلا ھەرقانداق خەۋپ-خەتەرنى قوبۇل قىلىشقا تەييار تۇرىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم بەرگەن. شۇڭا ئۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلەيدىغان كەسىپداشلىرى يۇقۇم خەۋپى ئېغىر بولغان مۇشۇنداق شارائىتتىمۇ ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىدا ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماقتىكەن.

بىر نەچچە يىل ئىلگىرى ئوقۇش ئۈچۈن ئامېرىكانىڭ بوستون شەھىرىگە كەلگەن سەمىرە ئىمىن، ئىلگىرى رادىئومىز قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان دادىسى ئىمىنجان سەيدىن ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ۋە خىتاي دائىرىلىرىدىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش پائالىيەتلىرى بىلەن تونۇلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىرى.

مەلۇم بولۇشىچە، سەمىرە ئىمىن ئۆزىنىڭ بوستوندىكى تېببىي ساھە بويىچە ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن «خارۋارد برىگخام ئاياللار دوختۇرخانىسى» دا كىلىنكىلىك تەكشۈرۈشتە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىمەكتىكەن.

سەمىرە 7-ئاپرېل كۈنى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، گەرچە ئۆزىنىڭ ھازىرچە تېخى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىپ ئىشلىمىگەن بولسىمۇ، ئەمما دوختۇرخانىدىكى ھەرقانداق بىر تېببىي خادىمنىڭ ھەر ۋاقىت كورونا ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلارنى داۋالاشنىڭ ئالدىنقى سېپىگە تەييار ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ۋە ھەرقايسى بۆلۈملەرنىڭ خىزمەتلىرىگە ياردەمدە بولۇۋاتقىنىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت