بىر خىتاي ئايال ئامېرىكادىن ئەپۇ سوراش ھەرىكىتى باشلىغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-03-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مەلۇم بىر غەرب دۆلىتىدە ياشايدىغان خىتاي ئايال كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئامېرىكادىن ئەپۇ سوراش ھەرىكىتى باشلىغان. 2020-يىلى مارت.
مەلۇم بىر غەرب دۆلىتىدە ياشايدىغان خىتاي ئايال كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئامېرىكادىن ئەپۇ سوراش ھەرىكىتى باشلىغان. 2020-يىلى مارت.
Photo: RFA

مەلۇم بىر غەرب دۆلىتىدە ياشايدىغان خىتاي ئايال كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئامېرىكادىن ئەپۇ سوراش ھەرىكىتى باشلىغان.

رادىيومىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ ئىجتىمائىي مېدىيادا تارقاتقان قىسقا فىلىمىنى «خىتاي ۋىرۇسىنى ئا ق ش غا ئېلىپ كىرگىنىمىزدىن ئەپۇ سورايمىز» دەپ باشلىغان. 

ئۇ چاقىرىقىنى داۋام قىلىپ مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسى ھەقىقەتنى يوشۇرۇپ، ‹ۋۇخەن ۋىرۇسى› نىڭ تارقىلىشىنى ئۇلغايتقاندا سۈكۈتتە تۇرغانلىقىمىزدىن ئەپۇ سورايمىز. نەرسە-كېرەكلەرنى ئاچكۆز لەرچە سېتىۋالغانلىقىمىزدىن ئەپۇ سورايمىز.»

ئۇ يەنە بۇ «ۋىرۇسنى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ۋۇخەنگە ئېلىپ كىرگەن دەپ» ئۈندىدار ئارقىلىق تارقىتىلغان ساختا ئۇچۇرلار ئۈچۈن ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى، بۇنداق قىلىشنىڭ ناتوغرا ئىكەنلىكنى ئېيتقان. 

ئۇ يەنە مەزكۇر ۋىرۇس سەۋەبىدىن باشقىلارنىڭ خاتا مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغان ياپونىيە، تەيۋەن، كورىيە ۋە باشقا ئاسىيا ئىرقىدىكىلەردىنمۇ ئەپۇ سورىغان. 

ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتاي مىللىتىگە تەۋە بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاي كومپارتىيەسى ۋە ختاي خەلقىنىڭ قىلمىشلىرىدا مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى ئېيتقان. 

ئۇ ئاخىردا مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ھەربىر ئىنساندىن ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى، ختاي كومپارتىيەسىنىڭ ئامېرىكالىقلارغا تۆلەم تۆلىشى لازىملىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە شۇ ۋەجىدىن «ئامېرىكىدىن ئەپۇ سوراش ھەرىكىتى» باشلىغانلىقىنى ئېيتقان. 

بۇ ئايالنىڭ ۋىدىيولۇق چاقىرىقى تۋىتتېر تورىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى خىتاي بۆلىمى تەرىپىدىن كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان ۋە نەچچە مىڭ قېتىم ھەمبەھرىلەنگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت