ئىستانبۇلدىكى «تاڭنۇرى» مەكتىپىدە دۇنيا ئانا تىل كۈنى خاتىرىلەندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2020-02-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئىستانبۇلدىكى «تاڭنۇرى» مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 22-فېۋرال. ئىستانبۇل، تۈركىيە.
ئىستانبۇلدىكى «تاڭنۇرى» مەكتىپىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئانا تىل كۈنى» نى خاتىرىلەش پائالىيىتىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 22-فېۋرال. ئىستانبۇل، تۈركىيە.
RFA/Arslan

دۇنيا ئانا تىلى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ئىستانبۇلدىكى «تاڭنۇرى» تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «تاڭنۇرىدا ئانا تىل سۆيگۈسى» ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىشكە ئەھمىيەت بېرىشىنىڭ تەخىرسىزلىكى تەكىتلەندى. 

بۇ پائالىيەتكە ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلاردىن ئەر-ئايال ۋە ئۆسمۈرلەر بولۇپ، 500 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. پائالىيەتكە يەنە ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرىمۇ قاتناشتى. 

پائالىيەت ئالدى بىلەن «قۇرئان كەرىم» تىلاۋىتى، ئاندىن شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈركىيەنىڭ ئىستىقلال مارشلىرىنى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. 

پائالىيەتتە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، شەرقىي تۈركىستان نۇزۇگۇم ھەمكارلىق جەميىتىنىڭ رەئىسى مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر، «تاڭنۇرى» تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ مەسئۇللىرىدىن شەمشىنۇر خانىم قاتارلىقلار سۆز قىلدى. ئۇلار دۇنيا ئانا تىلى كۈنىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئانا تىل تەربىيەسى بېرىشى، ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتى توغرىلىق بالىلىرىغا تولۇق بىلىم ئۆگىتىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پائالىيەت جەريانىدا سۆز قىلغان ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەن ئىچىدە ئانا تىلىنى، دىنىنى، مەدەنىيەت-ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى ساقلاش ۋە داۋاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتىنىڭ قالمىغانلىقىنى، مۇشۇنداق جىددىي بىر پەيتتە چەتئەللەردە، بولۇپمۇ ھۆر دۇنيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى چىڭ ساقلاپ، ۋەتەننىڭ ھۆررىيەتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

پائالىيەتتە سۆز قىلغان مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ تەھدىتلەرنىڭ بىرى ئۇيغۇر تىلىنىڭ يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىدەك بىر رېياللىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئۇ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئانا تىلىنى ئۆگىتىشنىڭ بىر مەجبۇرىيەت ۋە ۋىجدانىي مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

مۇنەۋۋەر ئۆزئۇيغۇر خانىم ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە خىتاپ قىلىپ، پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلەرگە ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى. 

پائالىيەتتە «تاڭنۇرى» تەلىم-تەربىيە مەركىزىدە يېتىلىۋاتقان ئۆسمۈر غۇنچىلار ئۇيغۇر ئانا تىلىغا ئالاقىدار ھەر خىل تېمىلاردا شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، ناخشا ئورۇنداش، نەسىر ئوقۇش ۋە ئېتۇت ئورۇنداش قاتارلىق رەڭدار نومۇرلار كۆرسەتتى. 

پائالىيەتتە يەنە ئابدۇسالام ھوشۇر ۋە مۇھەممەد ئابدۇقادىر ئىسىملىك ئىككى ئۆسمۈر سەھنىگە چىقىپ «ق» ھەرپى بىلەن باشلانغان شېئىر ئوقۇپ يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇ ئۆسمۈرلەر «ق» ھەرپى بىلەن باشلانغان سۆزلەر بىلەن جۈملە تۈزۈش ۋە ئۇنى ئىپادىلەش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ قانچىلىك باي ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارى مۇكەممەل تىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى. ئۇلار «ق» ھەرىپى بىلەن باشلانغان شېئىرىدا مۇنۇ مىسرالارنى ئوقۇپ ئۆتتى:


قايمۇقۇپ قالماقتا قەدىمىي قەۋىمىم،

قىلىچسىز قالغاندا قاتقان قوللىرى، 

قالسىمۇ قانچىلىك قانلىق قىسمەتكە، 

قايرىلماس قۇت قوللاپ قاققان قانىتى.

تولۇق بەت