«ئانىلار بايرىمى» دا «ئۇيغۇر ئانىلارغا ئەركىلىك خەشتەگ ھەرىكىتى» باشلاندى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-05-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكادىكى مۇستەقىل پائالىيەتچى فىرقەت جاۋدەت ئانىسىنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ تارقاتقان ئۇچۇرىدا «خىتاي كومپارتىيەسى دەستىدىن ئانىسىنىڭ ‍ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇش ھوقۇقىدىن مەرھۇم قالدۇرۇلۇپ ئازاب چېكىۋاتقانلىقى» نى بايان قىلدى.
ئامېرىكادىكى مۇستەقىل پائالىيەتچى فىرقەت جاۋدەت ئانىسىنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ تارقاتقان ئۇچۇرىدا «خىتاي كومپارتىيەسى دەستىدىن ئانىسىنىڭ ‍ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇش ھوقۇقىدىن مەرھۇم قالدۇرۇلۇپ ئازاب چېكىۋاتقانلىقى» نى بايان قىلدى.
Social Media

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار تۋىتتېر قاتارلىق ئىجتىمائىي مېدىيالاردا «ئۇيغۇر ئانىلارغا ئەركىلىك» ناملىق خەشتەگ ھەرىكىتى قوزغاپ، خىتاي دائىرىلىرىدىن بۇ يىللىق «ئانىلار بايرىمى» دا لاگېرلارغا قامالغان ئانىلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇلار بۇ مۇناسىۋەت بىلەن يوللىغان ئۆز ئۇچۇر-مۇراجىئەتلىرىدە يەنە، خىتاينىڭ باستۇرۇش ۋە چەكلىمە سىياسەتلىرى تۈپەيلى يىللاردىن بېرى دىدارلىشالمىغان ياكى ئالاقىسى پۈتۈنلەي ‍ئۈزۈلگەن ئانىلىرىغا سالام ۋە ئېھتىراملىرىنى بىلدۈرۈشتى.

نۆۋەتتە گېرمانىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى گۈلزىرە تاشمەمەت دۇنياغا مۇراجىئەت قىلىپ مۇنداق يازدى: «بۇ ئالاھىدە كۈندە بىز دۇنيانى ئانىلىرىمىز ھەققىدىكى نىدالىرىمىزغا قۇلاق سېلىشقا چاقىرىمىز. دۇنيا مىقياسىدىكى بارلىق ئانىلارنىڭ ‹ئانىلار بايرىمى› قۇتلۇق بولسۇن. بىز خىتايدىن ئانىلىرىمىزنى قويۇۋېتىشنى تەلەپ قىلىمىز. ئۇيغۇر ئانىلىرىغا ئەركىنلىك.»

بۇ پائالىيەتكە ‍ئاۋاز قوشقانلار ئارىسىدا يىللاردىن بېرى پائالىيەت قىلىپ تونۇلغانلارمۇ، بۇ سەپكە يېڭىدىن قېتىلغانلارمۇ بار ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پرېزىدېنتى دولقۇن ئەيسا «ئانىلار بايرىمى» دا «ئانىلار بايرىمىغا مۇبارەك» دېيىشكە مۇۋەپپەق بولالمايدىغانلىقىنى، چۈنكى 26 يىلدىن بېرى دىدارلىشالمىغان ئانىسىنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرىدا ‍ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى يازدى.

ئامېرىكادىكى مۇستەقىل پائالىيەتچى فىرقەت جاۋدەت ئانىسىنىڭ رەسىمىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ تارقاتقان ئۇچۇرىدا «خىتاي كومپارتىيەسى دەستىدىن ئانىسىنىڭ ‍ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇش ھوقۇقىدىن مەرھۇم قالدۇرۇلۇپ ئازاب چېكىۋاتقانلىقى» نى بايان قىلدى.

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياش نۇرسىمان ئابدۇرېشىت 10-ماي «ئانىلار بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان تۋىتتېر ئۇچۇرىدا: «بۈگۈن بۇ خۇشاللىق كۈننى كۆز ياشلىرىم ئىلىكىدە كۈتۈۋالدىم. بۇ، ئانامسىز ئۆتكەن ئۈچىنچى ‹ئانىلار كۈنى›» دەپ يازدى ۋە بۇ ئۇچۇرنى ئاقساراينىڭ مەسلىھەتچىسى ئىۋانكا ترامپ، ئامېرىكىنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كىلىنتون ۋە يېڭى زېلاندىيەنىڭ نۆۋەتتىكى باش ۋەزىرى جاسىندا ئاردېرن قاتارلىقلارغا قوشۇپ يوللىدى.

ئامېرىكادىكى داڭلىق ئوبزورچى گوردون چاڭ ۋە كوممۇنىزم قۇربانلىرى فوندى جەمئىيىتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادرېيان زېنز قاتارلىقلارمۇ «ئۇيغۇر ئانىلىرىغا ئەركىنلىك» خەشتەگ ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشتى. 

گوردون چاڭ مۇنداق يازدى: «خىتاي ئانىلار كۈنىنى ئانىلارنى قاماش پۇرسىتى قىلدى. ئۇيغۇر ئانىلىرىغا ئەركىنلىك. شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك.»

ئادرېيان زېنز مۇنداق يازدى: «ئانىلار كۈنىدە ئۇيغۇر ئانىلارغا ئەركىنلىك.» 

ئۇيغۇر ياشلىرى قوزغىغان بۇ پائالىيەت «فېيسبۇك»، «ئىنىستگرام» قاتارلىقلاردىمۇ پاراللېل شەكىلدە داۋام قىلغاندىن سىرت، بىر قىسىم خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭمۇ دىققىتىنى تارتتى. 

«مېدىيۇم» ناملىق ئاخبارات تورىدا بۇ ھەقتە بىر تەپسىلىي خەۋەر ئىشلەندى. 

بۇ ماقالىدە، 2018-يىلى سېنتەبىردىن بۇيان ئانىسى گۈلشەن ئابباس بىلەن ئالاقە قىلالماي ھەسرەت چېكىۋاتقان ئۇيغۇر ياش زىبا مۇرات، 2017-يىلى دېكابىردىن بۇيان ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان دوكتور راھىلە داۋۇتنىڭ قىزى ئەقىدە پولات قاتارلىقلارنىڭ ئۆز ئانىلىرىنى ئازاد قىلىش يولىدىكى تىرىشچانلىقلىرى ئاساسلىق تونۇشتۇرۇلدى.

دوختۇر گۈلشەن ئابباس ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى روشەن ئابباسنىڭ ئاچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ روشەن ئابباسنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قاراتقان تەنقىدلىرى سەۋەبلىك تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى مەلۇم.

دوكتور راھىلە داۋۇت بولسا، ئۇيغۇر قەبرە مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن ئالىملارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ نېمە سەۋەبتىن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. ئەقىدە پولاتنىڭ قارىشىچە، ئۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھەممە جايلىرىغا قۇرۇلغان ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىغا قامالغان ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى 2017-يىلى باھاردىن بۇيان داڭلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، دىنىي زاتلىرى، بايلىرى ۋە جامائەت ئەربابلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1 مىليون 800 مىڭدىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەت ئەزالىرىنى لاگېرلارغا تاشلىغان ئىدى.

تولۇق بەت