مۇتەخەسسىلەر: «‹شىنجاڭغا دائىر بىر قانچە تارىخىي مەسىلە› ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب خىتاينىڭ ئاجىز نۇقتىسىنى ئاشكارىلىدى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-07-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
دوپپا كىيگەن ئۇيغۇر ياشنىڭ بىر گۇرۇپپا خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئالدىدا كېتىپ بارغان كۆرۈنۈشى. 2009-يىلى 12-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
دوپپا كىيگەن ئۇيغۇر ياشنىڭ بىر گۇرۇپپا خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ ئالدىدا كېتىپ بارغان كۆرۈنۈشى. 2009-يىلى 12-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AP Photo/Eugene Hoshiko

21-ئىيۇل كۈنى خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتىنىڭ ئاخبارات ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان «شىنجاڭغا دائىر بىر قانچە تارىخىي مەسىلە» ماۋزۇلۇق ئاق تاشلىق كىتاب كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتابنى خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ئىچى-سىرتىغا قاراتقان بارلىق تاراتقۇلىرىنى ئىشقا سېلىپ، كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلدى.

«شىنجاڭغا دائىر بىر قانچە تارىخىي مەسىلە» ماۋزۇسىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ئاق تاشلىق كىتاب- «شىنجاڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى»، «شىنجاڭ ئەزەلدىن ‹شەرقىي تۈركىستان› دېيىلگەن ئەمەس»، «شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەركىبى قىسمى»، «ئۇيغۇرلار ئۇزاق مەزگىللىك كۆچۈش، يۇغۇرۇلۇش نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن»، «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تەركىبى قىسمى»، «شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ خىل دىنلار تەڭ مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن رايون»، «ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار ئەلمىساقتىن تارتىپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن بىردىن-بىر دىن ئەمەس» قاتارلىق 7 بۆلۈمدىن تەركىب تاپقان.

ئاق تاشلىق كىتابنىڭ كىرىش قىسمىدا تۆۋەندىكىلەر بايان قىلىنغان:

«جۇڭگو بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، شىنجاڭدىكى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان-قېرىنداش ئەزالىرى. . . ھالبۇكى، بىر مەزگىلدىن بۇيان، چېگرا ئىچى-سىرتىدىكى دۈشمەن كۈچلەر، بولۇپمۇ مىللىي بۆلگۈنچى، دىنىي ئەسەبىي، زوراۋان-تېررورچى كۈچلەر جۇڭگونى بۆلۈۋېتىش، پارچىلاش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن تارىخنى قەستەن بۇرمىلاپ، ھەق-ناھەقنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىۋەتتى. . . . شىنجاڭنى بىمەنىلىك بىلەن ‹شەرقىي تۈركىستان› دەپ ئاتاپ، شىنجاڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىب قىلدى. . .»

خىتاي ھۆكۈمىتى يۇقىرىقى بۇ 6800 خەتلىك ئاق تاشلىق كىتابىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاينىڭ ئەزەلدىن ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەنلا قالماي، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي مىللەت ئەمەسلىكى، «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن بىر ئۇقۇمنىڭ يوقلۇقىنى، ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي تېڭىلغان بىر دىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنىڭدا مۇنۇلار دېيىلگەن: «شىنجاڭ ئەزەلدىن قانداقتۇر ‹شەرقىي تۈركىستان› دەپ ئاتالغان ئەمەس؛ ئۇيغۇرلار ئۇزاق مەزگىللىك كۆچۈش، يۇغۇرۇلۇش نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى؛ ئىسلام دىنى ئۇيغۇر مىللىتى ئەلمىساقتىن تارتىپ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن دىن ئەمەس ھەم ئۇلار ئېتىقاد قىلغان بىردىن-بىر دىنمۇ ئەمەس. . .»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ئاق تاشلىق كىتاب ئارقىلىق ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكىنى، تارىخىنى ۋە ئۇلارنىڭ زېمىن مەسىلىسىنى رەت قىلىشى، ئۇنى مۇنازىرىگە قويۇشى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئۇيغۇرشۇناس، دوكتور شان روبېرتس بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ زېمىندا ھەق-ھوقۇق تەلەپ قىلىشىغا سەۋەب بولىدىغان ئامىللارنى رەت قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ زېمىننىڭ ھوقۇقىنى تەلەپ قىلىشىغا ئاساس بولىدىغان، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ‹ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش› تىن ئىبارەت ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشىغا ئاساس بولىدىغان ھەرقانداق بىر ئۇقۇمنى رەت قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قانچە ئاي ئاۋۋال ئېلان قىلغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى ئاق تاشلىق كىتابنىڭ زور بىر قىسىم مەزمۇنىمۇ ئەسلى مۇشۇ تارىخى مەسىلىلەرنى ئاساس قىلغان. مېنىڭ قارىشىمچە، ھازىرقىدەك بىر شارائىتتا خىتاي ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بۇ ‹تارىخىي مەسىلىلەر› پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. يەرلىك خەلقلەر دېگەن ئۇقۇمغا قانداق ئىزاھات بېرىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇيغۇرلار شۇ زېمىننىڭ يەرلىك خەلقلىرى دەپ ئېتىراپ قىلىنىشى كېرەك. چۈنكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ‹يەرلىك خەلقلەر› ئۇقۇمىغا بەرگەن ئىزاھاتى بويىچە يەرلىك خەلق بولۇش ئۈچۈن مەلۇم بىر زېمىننىڭ تۇنجى يەرلەشكۈچىلىرى بولۇش شەرت ئەمەس. ھالبۇكى، شۇ زېمىن مەلۇم تاشقى كۈچ تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىشتىن بۇرۇن ۋە بېسىۋېلىنغاندىن ھازىرغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇ زېمىندىكى ئەڭ ئاساسلىق يەرلەشكۈچى بولۇشى كېرەك. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى رايوننى بويسۇندۇرۇش نەتىجىسىدە ئۇنى بۈگۈنكى ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى› قىلغانلىقىنى رەت قىلىمەن دەيدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇلار بەكمۇ ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ.»

ئامېرىكادىكى تونۇلغان خىتاي زىيالىيسى، «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى خۇ پىڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي مىللەت ئەمەسلىكىنى رەت قىلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان بۇ زېمىننىڭ ئەزەلدىن خىتايغا تەۋە زېمىن ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكچى. ئەمما ئۇ پەقەتلا پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى بۇ يەرنى ‹شىنجاڭ› دەپ ئاتاش ئارقىلىق ئاللىقاچان ئۇ يەرنىڭ يېڭى بىر چېگرا ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ بولغان.»

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاق تاشلىق كىتابتا ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي مىللەت ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا رەت قىلىشى تارىخشۇناسلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يەنە بىر مۇھىم نۇقتا ئىدى. مەسىلەن، ئۇلار ئاق تاشلىق كىتابتا تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان: «تارىختا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى تۈركلەرنىڭ قۇل قىلىشىغا ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ ئىككىسى قۇل قىلىنىش ۋە قۇل قىلىش مۇناسىۋىتىدە بولغان. ئۇيغۇرلار تۈركلەرنىڭ ئەۋلادى ئەمەس. يېقىنقى زاماندىن بۇيان، بىر قىسىم ‹پانتۈركىزم› چى ئۇنسۇرلار تۈركىي تىللارنى قوللىنىدىغان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ‹تۈركلەر› دەۋالدى، ئۇلارنىڭ نىيىتى باشقا. . .»

ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى، تۈرك تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئۆمەر قۇل ئەپەندى بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاللىقاچان ئىسپاتلىنىپ بولۇنغان بىر تارىخىي پاكىتنى ئىنكار قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى: «مەنچە، بۇ ئازراق ئىلىم ئەخلاقى بولغان كىشىلەر دەيدىغان سۆز ئەمەس. تارىخىي ھەقىقەتلەر ئاللىقاچان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك قوۋملىرىغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، ئۇلار ئوتتۇرىغا چىققان تارىخ ۋە ئورۇنلارنى ئېنىق شەرھلەپ بەرگەن. پەقەت تۈرك تارىخچىلار ۋە چەتئەللىك تارىخچىلار يازغان كىتابلاردىلا ئەمەس، خىتاي تارىخچىلار يازغان كىتابلاردىمۇ شۇنداق شەرھلەنگەن. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنقى ئەۋلاد رەھبىرى ھەم ئاتاقلىق تارىخچى مۇھەممەدئىمىن بۇغرا ئەينى يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇلارنىڭ تۈرك بولغانلىق تارىخى ھەققىدە ماقالە يازغان. بۇ ماقالە 1948-يىلى ‹ئالتاي نەشرىياتى› دا نەشر قىلىنغان. ئۇ يەنە 1944-يىلى خىتاينىڭ رەسمىي گېزىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك بولغانلىقى ھەققىدە ئۈچ پارچە مۇھىم ماقالە ئېلان قىلغان. مەن بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخنى ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا ماسلاشتۇرۇش ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرى دەپ قارايمەن.»

ئامېرىكا ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى شان روبېرتىس ئەپەندىمۇ تارىخىي پاكىتنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ئەخمىقانىلىك بولىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى:

«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قارشى تۇرۇشقا شۇنچە كۈچىگەنلىكى كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغىماي قالمايدۇ. بۈگۈنكىدەك DNA تېخنىكىسى مەۋجۇت شارائىتتا مەلۇم بىر مىللەتنىڭ تەركىبى قىسىملىرىنى ئۆز ئالدىغا، خالىغانچە شەرھىلەش تولىمۇ ئەخمىقانىلىك. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ‹ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى› تەلەپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بۇ ئىدىيەلەر ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى، يەنى خىتاينىڭ مانا بۇ تارىخى مەسىلە جەھەتتە ئۆزىنى قانچىلىك ئاجىز ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ قارايمەن.»

ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق تەتقىقات ئورگانلىرىدىن بولغان «كاتو ئىنستىتۇتى» نىڭ تەتقىقاتچىسى مۇستافا ئاقيول ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقىدەك رېۋىزىئونىست پىكىرلىرىنىڭ پەقەتلا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىشتىن ئىبارەت سىياسىي مۇددىئاسىنى چىقىش قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى. مۇستافا ئاقيول ئەپەندى ئېلخەت ئارقىلىق بىزگە قىلغان سۆزىدە «دەل مۇشۇ سەۋەبلىك ھېچقانداق بىر ھاكىمىيەتنىڭ تارىخنى ئۆزگەرتىپ يېزىش ھوقۇقى بولماسلىقى كېرەك، ئۇ پەقەت مۇستەقىل تارىخچىلار ۋە ئەلۋەتتە تارىخنى تالاش-تارتىش قىلىنىۋاتقان شۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان بىر ئىش. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بېيجىڭدا ئولتۇرغان ئەمەلدارلاردىن ۋە ھۆكۈمەت تەشۋىقاتچىلىرىدىن بەكرەك ئوبدان بىلىدۇ،» دېگەنلەرنى ئىپادىلىدى.

مۇستافا ئاقيول ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق ئۇسۇللار بىلەن ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش نىيىتىنىڭ ئىشقا ئاشمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى بۇنداق ھەرىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى بۆلۈنۈپ چىقىش ئارزۇسىنى يەنىمۇ كۈچلەندۈرىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى. ئۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىغا، ئۇلارنىڭ كىملىكى ۋە دىنىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئۇلارغا ھەقىقىي پۇقرالىق مۇئامىلىسى قىلغاندىلا، ئاندىن ‹بۆلگۈنچىلىك› غېمىدىن قۇتۇلالايدۇ» دەپ كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت