ئاسىيە ئۇيغۇر: «ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسىنى خەلقئارا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش كېرەك»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-05-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
چارلاپ يۈرگەن ساقچىلاردىن باشقا ھېچكىم يوق كوچىلار. 2018-يىلى 31-ئاۋغۇست، پەيزىۋات.
چارلاپ يۈرگەن ساقچىلاردىن باشقا ھېچكىم يوق كوچىلار. 2018-يىلى 31-ئاۋغۇست، پەيزىۋات.
AP

فېيسبۇك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي كرىزىس ۋە ئۇنىڭ چىقىش يولى ھەققىدە ئىزدىنىپ ماقالە يېزىپ، لېكسىيە سۆزلەپ كېلىۋاتقان ئاسىيە ئۇيغۇر خانىم ئىككى يىل ئىلگىرى فېيسبۇك، تەڭرىتاغ تورى، «تۈركىستان تايمىس» تورىدا «مۇستەقىللىق بىزدىن قانچىلىك يىراقتا؟» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلغان بولۇپ، ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە بۇ ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلە ۋە پىكىر-چۈشەنچىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە تېخىمۇ ئەھمىيىتى بارلىقى كۆرۈلمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، كورونا ۋىرۇسىنىڭ يامرىشى ۋە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەسكىنلىشىشىگە ئەگىشىپ، يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە بۇ سەۋەبتىن خىتاي ھاكىمىيىتىنى رەت قىلىپ مۇستەقىل بولۇش كېرەكلىكى ھەققىدىكى پىكىر، تەشەببۇسلار ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ مۇھىم تېمىلىرىدىن بىرى بولماقتا.

بىز بۇ ماقالىنىڭ ئاپتورى، گوللاندىيەدە تۇرۇشلۇق پائالىيەتچى ئاسىيە ئۇيغۇر خانىمنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ بۇ ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان كۆز قاراشلىرى ۋە ھازىرقى چۈشەنچىلىرى ھەققىدىكى پىكرىنى ئالدۇق. ئۇ مەزكۇر ماقالىسىنى ئەينى چاغدا خېلى چوڭقۇر ئىزدىنىشلەر ئارقىلىق يېزىپ چىققانلىقىنى، ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلىرىنىڭ ھازىرمۇ قىممىتى بارلىقىنى، ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسى ئۈستىدە تېخىمۇ كۆپ ئىزدەنگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ تورلاردا ماقالە يېزىش بىلەن قالماي ئاممىۋى سورۇنلاردا ۋە تاراتقۇلاردا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان تارىخىي پاجىئەنى مۇستەقىللىق يولى بىلەن ھەل قىلىش كېرەكلىكى توغرىلىق لېكسىيە سۆزلىگەن بولۇپ، بۇ مەسىلىنى باشقىلارغا ئاڭلىتىشتا ئاۋۋال ئۇنى ياخشى چۈشىنىش ۋە چۈشەندۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

ئاسىيە خانىم مەزكۇر ماقالىسىدە 2000-يىلدىن بۇيان مۇستەقىل بولغان شەرقىي تېمور، قاراتاغ، جەنۇبىي سۇدان قاتارلىق دۆلەتلەرنى مىسال كەلتۈرگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدە مۇستەقىل بولۇشقا ئەڭ ھەقلىق مىللەتلەردىن ئىكەنلىكىنى، مۇستەقىل بولۇش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان تارىخىي ئاساس ۋە ھازىرقى ئېغىر كىرزىسنىڭ يېتەرلىك سەۋەب بولالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە ماقالىسىدە «ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» بىلەن ب د ت نىڭ 1960-يىلى ئېلان قىلغان 1514-نومۇرلۇق ھۆججىتىدىكى مەزمۇنلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئىنسانلارنىڭ تۇغۇلۇشتىنلا ياشاش ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىك ھوقۇقى بولىدىغانلىقىنى، ئېزىلگۈچى مىللەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن مۇستەقىل بولۇشقا شەرتى توشىدىغان مىللەتلەرگە مۇستەقىللىق بېرىشنى خەلقئارانىڭمۇ قوللايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇ بۇ پىكرىنى ھازىرقى ۋەزىيەتكە باغلاپ، مۇستەقىللىق مەسىلىسىنى خەلقئارا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي جەھەتتىن ھۆرلۈككە ئېرىشىشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى، ئاخىرقى ھېسابتا بۇ مىللىي مەۋجۇتلۇقنى ساقلاپ قېلىش ۋە خەلقئارانىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلىنىش ئۈچۈن كۆزلىنىدىغان ئاخىرقى نىشان ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سىياسىي تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» نىڭ ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدىن ئۆتۈشى بىلەن تەڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىش قەدىمى يەنىمۇ تېزلەشكەن. خىتاينىڭ دۇنيا مىقياسىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىمغا ئۇچرىشى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىدە بىر بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ ئەھۋالدا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسىغا كۆڭۈل بۆلگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويۇۋاتقانلىقى، ئومۇمىي پىكىر ئېقىمى شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت