كانادا ئەلچىسى ب د ت نى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئائىت دەلىل-ئىسپاتلارنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2020-11-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
كانادانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بوب رېي ئەپەندىم.
كانادانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى بوب رېي ئەپەندىم.
Social Media

كانادانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق كاتېگورىيەسىگە ياتىدىغان ياتمايدىغانلىقى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان.

بوب رېي بۇ سۆزلەرنى كانادا مېدىيا شىركىتى س ب س نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «شۈبھىسىزكى، خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئېنىقلىمىسىغا ماس كېلىدىغان تەرەپلىرى بار. ئەمما، ئەھۋال شۇنداق ئىكەن، ئۇ سىزدىن ئۇچۇر توپلاش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈشنى ھەمدە بۇ خىل ئەيىبلەشنى قوللايدىغان دەلىل-ئىسپاتلارغا ئېرىشكەنلىكىمىزنى جەزملەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ.»

ئالدىنقى ئايدا، كانادا ئاۋام پالاتاسى تارماق كومىتېتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان جازا لاگېرلىرى، كەڭ كۆلەملىك تۇتۇپ تۇرۇش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش ۋە نوپۇسنى كونترول قىلىش قاتارلىق قىلمىشلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بېرىلگەن ئېنىقلىمىلارغا دەل كېلىدىغانلىقى بىلدۈرگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، بوب رېي ئىلگىرى كانادانىڭ بىرمىدا تۇرۇشلۇق ئالاھىدە ئەلچىسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئۇ زىيارەت جەريانىدا يەنە، كانادانىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نىداسىغا قۇلاق يوپۇرۇپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت