لاگېرلار سەۋەبلىك خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا بېسىم كۈچەيمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي ھۆكۈمىتى ساھىبخانىلىق قىلماقچى بولۇۋاتقان 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ سىمۋولى. 2019-1-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
خىتاي ھۆكۈمىتى ساھىبخانىلىق قىلماقچى بولۇۋاتقان 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ سىمۋولى. 2019-1-ئۆكتەبىر، بېيجىڭ.
AP

لاگېرلار سەۋەبلىك بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى قايتا ئويلىشىش ھەققىدە خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا بېسىم كۈچەيمەكتە.

2022-يىلدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە 2 يىل قالغان بىر مەزگىلدە ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلار ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك سەۋەبلىك خىتاينىڭ مەزكۇر خەلقئارا مۇسابىقىگە ساھىبخانىلىق قىلىش سالاھىيىتىگە سوئال قويۇلماقتا. ئولىمپىك كومىتېتىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى جاۋابكارلىققا تارتىش، خىتاينىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىش سالاھىيىتىنى قايتا ئويلىشىشقا چاقىرىش سادالىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى 16‏-دېكابىر ئېلان قىلغان تەھرىرات ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى كەڭ كۆلەمدە زاۋۇت-كارخانىلارغا يۆتكەپ، ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىدە يېڭى كرىزىس ياراتقانلىقى، ئولىمپىك مۇسابىقىسىدەك دۇنياۋى ئەھمىيىتى بار بىر پائالىيەتنىڭ لاگېر قۇرۇپ، تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقان خىتايدەك بىر دۆلەتتە ئۆتكۈزۈلۈشى توغرا بولامدۇ، دەپ سوئال قويغان. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ قارىشىچە، بۇ سوئالنى قويۇشقا ھازىر بەك بالدۇرلۇق قىلمايدىكەن.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە سوئال قويغان يالغۇز «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى ئەمەس. يېقىندا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ 10 نەپەر ئەزاسى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ پرېزىدېنتىغا مەكتۇپ يېزىپ، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ساھىبخان شەھەرلەر ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك يېڭى بەلگىلىمىسىنىڭ بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە ئىجرا قىلىنىشنى تەلەپ قىلغان. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسىدە خەلقئارا ئەھدىنامىلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق، ئەمگەك ھەقلىرىگە دائىر نۇرغۇن ماددىلار قوبۇل قىلىنىپ، ئۇنىڭ 2024‏-يىلى ئىجرا قىلىنىشقا باشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ مەكتۇپىدا خىتاينىڭ يېقىندا ئاشكارىلانغان 403 ۋە 24 بەتلىك «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، بۇ ھۆججەتلەردە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتا شەپقەتسىز ۋە پەۋقۇلئاددە رەۋىشتە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ ئاشكارىلانغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. مەكتۇپتا يەنە ئەگەر ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ يېڭى بەلگىلىمىسى ئىجرا قىلىنمىسا، خىتاينىڭ قىشلىق ئولىمپىك جەريانىدا كىشىلىك ھوقۇققا داۋاملىق خىلاپلىق قىلىدىغانلىقى، بۇنىڭدا بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا تۇتقان قورقۇنچلۇق مۇئامىلىسىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن ئىدى. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرىش توغرىسىدىكى سادالار دۇنيادا خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ۋە خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىدەك ئورگانلارغا بولغان نارازىلىق كۈچىيىۋاتقان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بېلگىيەدىكى «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتى» تەشكىلاتنىڭ پروگرامما دىرېكتورى ساراھ برۇكسنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە يۇقىرىقى تەشكىلاتلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى رولىغا بولغان دىققەت كۈچەيمەكتە ئىكەن. ئۇ 17‏-دېكابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ: «مېنىڭچە، نۆۋەتتە خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى ياكى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدەك دۇنياۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئۆز تەسىر كۈچىنى قوللىنىپ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىش چاقىرىقلىرى كۈچەيتمەكتە،» دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدەك ئورگانلارنىڭ ئۆز تەسىر كۈچىنى ئىشلىتىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە ئۇنى ياخشىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش مەسئۇلىيىتى بار ئىكەن. ساراھ برۇكس مۇنداق دېدى: «ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ خەلقئارا تەنتەربىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئولىمپىك غايىسىنى ئېتىراپ قىلىشى ياكى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشىنىڭ ئەھمىيىتى زور. بۇ تەشكىلاتلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى سۆزلەش شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئورنىدىن پايدىلىنىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ئالغا سۈرۈش ھەم قوغداش مەسئۇلىيىتى بار.»

لېكىن بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇلار خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئىجابىي رول ئوينىشىغا بەك ئۈمىدۋار قارىمايدىكەن. فىرانسىيەلىك خىتايشۇناس مارىيە خولزمان خانىم بۇ قاراشتىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ 17‏-دېكابىر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بىرەر ئىش قىلىپ باققانلىقىنى كۆرۈپ باقمىدىم. ئۇلارنىڭ قانداق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمىدىم. مەن پەقەت ھازىرغا قەدەر ئۇلاردا نۇرغۇن خىيانەتچىلىك ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىلىمەن. خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرىنى پارىخور قىلىۋەتتى. مانا بۇ بىز كۆرۈپ تۇرغان مەسىلە. خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى ئادالەتتە تۇرامدۇ، ئۇلار خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلەمدۇ؟ ياكى ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتى بەرگەن قىممەتلىك سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلىپ كۆزىنى يۇمامدۇ؟ مانا بۇ جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سوئال.»

مارىيە خولزمان خانىم غەربنىڭ ساۋاق ئېلىشى كېرەكلىكى، 2008‏-يىلدىكى ئولىمپىك مۇسابىقىسى بېيجىڭغا بېرىلگەندە نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، بۇنىڭ پەقەت خىتاينى كۈچەيتىشلا رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغانلىقى، ھالبۇكى خىتاينىڭ ھازىرقى رېئاللىقى بۇنى ئىسپاتلىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ھازىر دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت بىزنىڭ بۇرۇن ئېيتقانلىرىمىزنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى. 2008‏-يىلدىن كېيىنكى ھادىسىلەر شۇنى ئىسپاتلىدى، خىتايدا تېخىمۇ رادىكال مىللەتچىلىك ۋە ھوقۇقنىڭ مەركەزلىشىشى كۈچەيدى. باستۇرۇش تېخىمۇ جىددىيلەشتى. كۆپ خىللىققا بولغان دۈشمەنلىك كىشىنى تېخىمۇ بىئارام قىلارلىق دەرىجىدە ئېغىرلاشتى. ئەلۋەتتە، بۇ شى جىنپىڭنىڭ شەخسىي خاھىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئەھۋالنى يەنە خىتاينىڭ بۇرۇنقى رەھبەرلىرىنىڭ خاھىشىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ. بۇ ۋەزىيەتكە غەربنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىگە ئىزچىل يول قويۇشى تۈرتكە بولدى.»

لېكىن خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ پرېزىدېنتى توماس باخ بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ ئولىمپىك كومىتېتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى سەۋەبلىك قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزەمدۇ-ئۆتكۈزمەمدۇ، دېگەن سوئالىغا دۇچ كەلگەن. توماس باخ بۇ سوئالغا «تەشكىلى كومىتېت بىلەن دىئالوگ ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بىز بۇ مەسئۇلىيەتكە جىددىي قارايمىز» دەپ جاۋاب بەرگەن. لېكىن ئۇ ئارقىدىنلا يەنە «شۇنداقلا بىز ئۆزىمىزنىڭ چەك-چېكىمىزگە قارايمىز. بىزنىڭ ۋەزىپىمىز ۋە مەسئۇلىيىتىمىز ئولىمپىك مۇسابىقىسىدۇر،» دەپ تەكىتلىگەن. بىز شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 17‏-دېكابىر كۈنى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىغا تېلېفون قىلىپ، ئۇلارنىڭ پىكىرىنى ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، لېكىن جاۋاب ئالالمىدۇق. ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بىر خادىمىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن سوئالىمىزنى ئەۋەتكەن بولساقمۇ، لېكىن ھازىرغا قەدەر جاۋاب كەلمىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت