بىشكەكتىكى ئۇيغۇر جامائىتى «ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2019-07-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت كۈنى» پائالىيىتىدە ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل. 2019-يىلى 14-ئىيۇل، بىشكەك.
«ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت كۈنى» پائالىيىتىدە ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل. 2019-يىلى 14-ئىيۇل، بىشكەك.
RFA/Féruze

14-ئىيۇل كۈنى بىشكەك شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ سودا مەركەزلىرىنىڭ بىرىدە «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت كۈنى» دەپ ئاتالغان چوڭ بىر پائالىيەت ئۆتتى.

مەزكۇر پائالىيەت داۋامىدا ئۇيغۇر ناخشا-سازلىرى ياڭراپ ۋە مىللىي ئۇسسۇللار ئورۇندالدى.

پائالىيەت بىشكەك شەھىرىدىكى «ئازىيا مول» سودا مەركىزىنىڭ تەشەببۇسى ھەم قىرغىزىستان خەلق ئاسسامبلېيەسى، يەنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەركىبىدىكى «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئۇيۇشتۇرۇلدى. مەزكۇر پائالىيەتكە «يۇلتۇز» ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇل ئانسامبىلى قاتنىشىپ «چىنە ئۇسسۇلى»، «تەخسە ئۇسسۇلى» ۋە يەنە باشقا ئۇسسۇللارنى ماھىرلىق بىلەن ئويناپ تاماشىبىنلارنى ھاياجانغا سالدى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «يۇلتۇز» ئانسامبىلىنىڭ بەدىئىي رەھبىرى گۈلناز مەخسۇتوۋا ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېغىر ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇر سەنئىتىنى ساقلاپ قېلىشتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەسئۇلىيىتى بەك ئېغىرلىقىنى تىلغا ئېلىپ، تۆۋەندىكىلەرنى كۆرسەتتى.

بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، مائارىپى ۋە سەنئىتى جىددىي خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە. كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار، جۈملىدىن غەربتىكى تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئۇسسۇللىرى، ناخشا-سازلىرى ۋە ئەدەبىياتىغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلمەكتە. بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرسۇنئاي ئىسلام خانىم ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى؛

مەزكۇر پائالىيەت داۋامىدا قىرغىزىستاندا تونۇلغان ياش ناخشىچىلار رىشات سادىقوف ۋە ئەركىن سادىقوفلار شوخ ئۇيغۇرچە ناخشىلارنى ئورۇنداپ، تاماشىبىنلارنى ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلىشتى. قىرغىزىستان ئەھلى ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ، ھەر بىر توي-تۆكۈنلەردە ئۇيغۇر ناخشىلىرى ۋە ئۇسۇللىرىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ. قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر سەنئەت توپلىرى ئىچىدە «ئەزىز دىيار»، «مەشرەپ»، «ئەتلەس كۆڭلەك ۋە باشقىلار» ئالاھىدە كۆزگە تاشلانماقتا. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رىشات سادىقوف «ئازىيا مول» سودا مەركىزىدە ئۆتكەن پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتىڭ زور ئىكەنلىكى، جۈملىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇشتا پايدىلىق رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: «قىرغىزىستان خەلقى يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ باي مەدەنىيىتىگە شاھىت بولدى» دېدى.

ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى پائالىيىتىگە تاماشىبىنلار ۋە سودا مەركەزنىڭ خادىملىرىدىن بولۇپ 200 دىن ئوشۇق كىشى قاتناشتى. ئۇلار ئۇيغۇر مىللىي ئۇسسۇللىرى ۋە ناخشىلىرىدىن بەك خۇشال بولۇشتى. قىسقىسى مەزكۇر «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيەت كۈنى» يۇقىرى كەيپىياتتا ئۆتتى. مەزكۇر پائالىيەتكە تاماشىبىن قاتارىدا قاتناشقان شېرزات زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پائالىيەتتىن ھەممە كىشى سۆيۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ يىل 7-ئايدىن تارتىپ بىشكەك شەھىرىدىكى «ئازىيا مول» سودا مەركىزى «دوستلۇق ئۆي» لايىھەسىنى تەشەببۇس قىلغانىدى. مەزكۇر لايىھەنىڭ تارمىقىدا ھەر يەكشەنبە كۈنى مەركەزنىڭ ئىچىدە ھەر بىر مىللەت ئۆز مەدەنىيىتىنى نامايان قىلماقتا. ئۇيغۇرلار قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەر ساھەلىرىدە زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ، قىرغىزىستان مىللەتلىرى ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلەپ، بىرىنچىلاردىن بولۇپ بۇ لايىھەگە قوشۇلۇشتى.

قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا تارقالغان بولۇپ، ئۇلار ئۆز مىللىي مەدەنىيىتى، مىللىي كىملىكىنى بىر قەدەر ياخشى ساقلاپ قالغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە بولۇۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولاپ، مېڭە يۇيۇش، ئۇيغۇر تىلىنى ۋە مائارىپىنى يوقىتىش قىلمىشلىرى بۇ جۇمھۇرىيەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىغان. ئۇلار ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تىلى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەم مىللىي سەنئىتىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت