دەررېن بايلىر ئۇيغۇرلارنىڭ «ئىنسانلىقتىن چىققان» جانلىقلارغا ئايلاندۇرۇلۇشىدىكى سەۋەبلەرنى مۇلاھىزە قىلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-08-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ۋاشىنگتون دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى، يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناس دەرېن بايلېر ئەپەندى MIT دا چاقىرىلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2019-يىلى ئاپرېل.
ۋاشىنگتون دۆلەتلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى، يېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرشۇناس دەرېن بايلېر ئەپەندى MIT دا چاقىرىلغان ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى يىغىندا سۆزلىمەكتە. 2019-يىلى ئاپرېل.
Social Media

ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئۇزۇن يىلدىن بۇيان تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان ئامېرىكالىق ئانتروپولوگ دەررېن بايلىر يېقىندا «ئەل-باۋابا» خەۋەر تورى مۇخبىرى تاي جاپلىننىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. مەزكۇر سۆھبەت پروگراممىسىنىڭ كىرىش قىسمىدا مۇخبىر تاي جاپلىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھازىر خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا كەڭ ئورۇن ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا نېمە قىلىۋاتىدۇ ۋە ئۇنى قانداق شەكىلدە ئەمەلىيلەشتۈرىۋاتىدۇ، دېگەن ئىككى سوئالغا مەركەزلەشكەنلىكى، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىۋاتىدۇ ۋە بۇنىڭدىن كىم پايدا ئېلىۋاتىدۇ، دېگەن سوئالغا كۆپ چۈشەنچە بېرىلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ دەررىن بايلىر بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبىتىنىڭ «زۇلۇمنى ھەرىكەتلەندۈرۈۋاتقان ماشىنىلارنىلا ئەمەس، بەلكى بۇ ماشىنىلارنى ئالغا ئىلگىرىلىتىۋاتقان ۋە ئۇنىڭغا ئېنېرگىيە بېرىۋاتقان لوگىكىنى چۈشىنىشنى مەقسەت قىلىدۇ،» دېدى.

رىياسەتچىنىڭ ئېيتىشىچە، دەررېن بايلىر زۇلۇمنىڭ ئارقىسىدىكى يادرولۇق سەۋەب-ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي ئۈچۈن يېڭى بازارلارغا ۋە ئۇنىڭ دۆلەت ھەم خۇسۇسىي ئىگىلىكىدىكى شىركەتلىرى ئۈچۈن بىر كېڭىيىش پۇرسىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوننى زور كۆلەملىك سانائەت ۋە دېھقانچىلىق سانائىتىگە ھازىرلاش ئارقىلىق ئۆزىنى دۇنيانىڭ پاختا، پەمىدۇر قاتارلىق ھالقىلىق مەھسۇلاتلار تەمىنلىگۈچىسى قىلىپ مۇستەھكەملىمەكچى دەپ قارايدىكەن. 

دەررېن بايلىر شۇ ۋەجىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئادىمىيلىقتىن چىقىرىش ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا، غەيرىي ئىنسانىي جانلىقلارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنى ئەرزان باھالىق ئەمگەك تۈزۈمىگە مەجبۇرلاپ، كارخانىلارنىڭ پايدا ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە بۇ ئارقىلىق ئەرزان باھالىق ئەمگەك كۈچى ئىزدەۋاتقان دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنى جەلپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

دەررېن بايلىر بۇ سۆھبەت پروگراممىسىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىشغالىيەت سىياسىتى يۈرگۈزۈپ كەلگەن خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ، بولۇپمۇ غەربنى ئېچىش سىياسىتىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنلىرىنى، ئىقتىسادىي مەنبەلىرىنى تارتىۋېلىپ، ئۇلارنى نامراتلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ھاياتلىق چەمبىرىكىدىن سىقىپ چىقارغانلىقىنى ئېيتقان. ئاندىن ئۇيغۇرلارنى «تېررولۇق» بىلەن قارىلاش ئارقىلىق يۇقىرى تېخنىكا شېركەتلىرىنىڭ يۈز تونۇش سىستېمىسى ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىقلاردا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ، ئۇلارنىڭ كارخانىلىشىشىنى تېزلىتىپ، خىتاي تېخنىكا شېركەتلىرىنى بېيتقانلىقىنى ئېيتقان. 

دەررېن بايلىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىنى يۈرگۈزۈشتە خىتاي كۆچمەنلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغانلىقىنى، خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ ھەم ئۇيغۇر ئېلىنى خىتاي شەھەرلىرىدەك قۇرۇپ چىقىشتا ھەم رايوندىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى شالاڭلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت رولنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتايلار ئۇيغۇر ئېلىگە ئاساسلىق ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، مۇلازىمەت تۈرى ۋە ئۆي-مۈلۈك ساھەسىدىن ئىبارەت 3 ساھەدە ئىشلەش ئۈچۈن كۆچۈپ بارغان. دەسلەپتە ئۈرۈمچى قاتارلىق شىمالىي رايونلارغا مەركەزلىك ئورۇنلاشقان بۇ خىتايلار جەنۇبتا 1995-1999-يىللىرى پويىز يولى ئېچىلىشى بىلەن كۆرۈنەرلىك كۆپىيىپ، جەنۇبتىكى بارلىق مۇھىم ساھەلەرنى ئىگىلىگەن. مانا بۇ ئۆزگىرىش ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنىڭ مەنبەسى بولغان. دەل مۇشۇنداق پەيتتە، 2001-يىلىدىكى «11-سېنتەبىر تېرورلۇق ھۇجۇمى» يۈز بەرگەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى دەرھال «تېرورلۇق» ئاتالغۇسىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق سىياسىي تىركىشىشلەرنى ۋە ئىجتىمائىىي ئادالەت تەلەپ قىلىنغان بارلىق ھەرىكەتلەرنى «تېررولۇق» بىلەن ئەيىبلىگەن. 

دەررېن بايلىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2011-يىلىدىن كېيىن «تېررولۇق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» تىن ئىبارەت ئىككى سۆزنى، قىسقىسى بىر خىتاينىڭ ئېغىلدىكى كالىسىنى ئوغرىلاشتىن تارتىپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش خاراكتىرلىق ھۇجۇمغىچە بولغان كەڭ دائىرىلىك ھەرىكەتلەرنى ئىزاھلاشتا قوللانغانلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق «پۈتۈنلەي باشقىچە ئۇيغۇرلار» نى يارىتىپ چىققانلىقى، بۇ گۇرۇپپا كىشىلەرگە قارشى «خەلق ئۇرۇشى» قوزغاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان ھۇجۇمىنى ھەقلىق كۆرسەتكەنلىكىنى بايان قىلغان ۋە بۇ ئۇرۇشنىڭمۇ خىتايدىكى نۇرغۇن شىركەتلەرنى باي قىلغانلىقىنى بايان قىلغان. 

دەررېن بايلىر مۇشۇ ھەقتە يازغان كىتابىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا قوزغىغان ئاتالمىش «تېررولۇققا قارشى خەلقنىڭ ئۇرۇشى» نىڭ ئۆز ھەقىقىتى ئاساسىدا بىر رېجىم ياراتقانلىقى ۋە ئىقتىسادى نىشان ياراتقانلىقىنى بايان قىلغان بولۇپ، رىياسەتچى سۆھبەت جەريانىدا كىتابتا دىيىلگەن تۆۋەندىكى قۇرلارنى ئوقۇپ ئۆتىدۇ: «تېرورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن بىر مۇسۇلمان ئەرنىڭ جىسمى مىليونلىغان كىشىگە خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى، ساقچى، تۈرمە ساقچىسى، قۇرۇلۇش ئىشچىسى، مۇلازىمەت سېكتورى خىزمەتچىسى، سەھىيە خىزمەتچىسى، كومپىيۇتىر ئېنژىنىرلىرى ۋە سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى تەرەققىي قىلدۇرغۇچى بولۇپ ئىشلەشتەك ئىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.» رىياسەتچى سۆزىدە «مانا بۇنىڭدىن قارىغاندا، بىر ئۇيغۇرنى ‹تېرورچى› دەپ بەلگىلەپ چىقىشنىڭ كەينىدىكى زور كۆلەملىك ئىقتىساد تورىنى ھېس قىلغىلى بولىدىكەن»، دېدى. 

دەرۋەقە، لاگېرلارغا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە ياكى لاگېر سىرتىدا بولغان مىليونلارچە ئۇيغۇرنىڭ ھازىر تەدرىجى ھالدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى-سىرتىدا قۇل ئەمگەكچىلىرىگە ئايلاندۇرۇلۇۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ بارلىق تەنقىدلەرگە قارىماي ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقانلىقى بىر ھەقىقەت. گەرچە دەررېن بايلىر ئۇيغۇرلارنىڭ قۇل ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرۇلۇش جەريانىنى «ئۇيغۇرلارنى ئادىمىيلىقتىن چىقىرىش ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇلارنى قانداقتۇر غەيرىي-ئىنسانىي بىر جانلىقلارغا ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى ھەرىكەتلەندۈرۈش» دەپ ئاتاپ، داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇمغا يېڭىچە بىر ئىزاھات بەرگەن. بىراق ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىكى سەۋەبنى پەرقلىق دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولاش ۋە ئاقىۋەتتە يوقىتىش ئارقىلىق بۇ زېمىننى تارتىۋېلىش ئىدى، بىراق خەلقئارادىكى كۈچلۈك قارشىلىقلار نەتىجىسىدە خىتاي لاگېر تۇتقۇنلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرۇپ، تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدى، دېدى. «ئاقىۋەتتە خىتاينىڭ مەقسىىتى ئۇيغۇرنى يوقىتىش بولدى،» دەپ ئەسكەرتتى ئىلشات ھەسەن ئاخىرىدا. 

يۇقىرىقى بۇ پروگرامما رىياسەتچىسىمۇ دەررېن بايلىردىن «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشانغا ئېلىشى پەقەتلا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەلىرىنى كېڭەيتىش ۋە ئەرزان ئەمگەك كۈچى قوشۇنى يارىتىش ئۈچۈنمۇ؟ سەۋەب مۇشۇنداق ئاددىيمۇ؟ خىتاي ھۆكۈمىتى نېمىشقا ئۇيغۇرلارنى تاللىدى؟ بۇنىڭ باشقا سەۋەبى بارمۇ؟» دەپ سورىدى. 

دەررېن بايلىر بۇنىڭغا جاۋابەن «11-سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىنكى مۇسۇلمانلارنى «تېررورلۇق» بىلەن باغلاش خاھىشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان مىللىي كەمسىتىشىنى قانۇنىيلاشتۇرۇپ، ئۇنى يەنىمۇ كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشتۇرۇشى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكىنى، ئاندىن قالسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقات كۈچىنى ئىشقا سېلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسىم زوراۋان ئۇسلۇبتىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدا خىتاي ئىلگىرى سۈرگەندەك «تېررولۇق ھەرىكەتلىرى» دەپ تونۇتقانلىقىنى ئېيتتى. دەررېن بايلىر سۆزى داۋامىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنىنىڭ تىبەت رايونىدىن پەرقلىق ھالدا مول تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا جايلاشقانلىقىنى تەكىتلەپ، مانا بۇمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ نىشانغا ئېلىنىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ «ئۇيغۇر ئېلىدا ھاكىمىيىتىىنى مۇستەھكەملەش خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئۇ ئارقىلىق غەربكە ئېچىلىشى ئۈچۈن زور ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە،» دېدى. 

دەررېن بايلىر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ سۆھبەتتە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسى، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىي ۋە دىنىي ئالاھىدىلىكلىرىنى يەنە قانچىلىك ساقلاپ قالالايدىغانلىقىمۇ مۇنازىرە قىلىندى. دەررېن بايلىر رىياسەتچىنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنى داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ مۇمكىن بولىدىغان ياكى بولمايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە ئۇيغۇرلار ئوخشىمىغان دەۋرلەردە خىتاينىڭ ئوخشىمىغان يوسۇندىكى تەقىبلەشلىرىگە ئۇچرىغاندىمۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ مىللىي مەدەنىيىتىنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى، ھازىرقى شارائىتتا گەرچە مىللىي مەدەنىيەتنى ئوچۇق-ئاشكارا تەشەببۇس قىلىش مۇمكىن بولمىسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا بىر چىقىش يولى تاپىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بولۇپمۇ ئۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ 12 مىليون ئەتراپىدا كىشى ئىشلىتىدىغان بىر تىللىقىنى، ئۇيغۇر تىلىنى سۆزلەپ يېتىشكەن بىر ئەۋلادنىڭ تەپەككۇرىنىڭمۇ ئۇيغۇرچە بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا ھازىرقىدەك جازا لاگېرلىرى ۋە باشقا «تەربىيەلەش» ئارقىلىق ئۇنى يوقىتىشنىڭ بىر قانچە ئەۋلادسىز مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇنى بىلگەچكە ئۇيغۇر بالىلىرىنى ئاتا-ئانىلىرىدىن ئايرىپ كىچىكىدىن خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى ئارقىلىق تەربىيەلەپ سىناق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. 

رىياسەتچى خىتاي ھۆكۈمىتى مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن ھازىرقىدەك ھالەتنى يەنە 50 يىل داۋام قىلامدۇ، دەپ سورىغاندا، دەررېن بايلىر شۇنداق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتىش بىلەن بىرگە يەنە بۇنداق ساقچى دۆلىتى سىستېمىسى ۋە لاگېرلارغا ئوخشاش ئىنتايىن كۆپ تىرىشچانلىق، خىزمەت ۋە مەنبە كېتىدىغان ئىشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ناھايىتى كۈچلۈك بىر سىياسىي ئارزۇ بولۇشى كېرەكلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ لاگېر تۈزۈمى ھازىر خەلقئارادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر شارائىتتا، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇنى يەنە قانچىلىك داۋام قىلدۇرالايدىغانلىقىمۇ مۇجىمەل، دەپ كۆرسەتتى. 

ئېلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئويلىمىغان دەرىجىدە قارشىلىققا ئۇچرىغانلىقىنى، شۇڭا خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى ھەرگىزمۇ ئۇزۇن داۋام قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

دەررېن بايلىر يۇقىرىقى سۆھبەت پروگراممىسىنىڭ ئاخىرىدا دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ چوقۇم داۋام قىلىۋاتقان بۇ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋرۇپا ۋە ئاسىيادىكى شېرىك دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدا ئېلىۋاتقان غەرب شېركەتلىرىگە چەكلىمە قويۇش قاتارلىق ئاماللار ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمنى ئاياقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتلىنىشى كېرەكلىكىنى، ئاندىن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يالغۇز بىر پارتىيەنىڭ مەسىلىسى قىلىۋالماي، دېموكراتلارنىڭمۇ قوبۇل قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

تولۇق بەت