«بەش يۇلتۇزلۇق ئىماملار»غا كىم ئەگىشىدۇ؟

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2015-12-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ھېيتگاھ جەمىئەسىنىڭ سابىق خاتىبى جۈمە تاھىر
ھېيتگاھ جەمىئەسىنىڭ سابىق خاتىبى جۈمە تاھىر
Photo: RFA


ئۇيغۇرلار رايونىدا بىرنەچچە يىلىدىن بۇيان ئىزچىل يولغا قويۇلۇۋاتقان «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىش» ھەرىكىتىدىكى پائال تەدبىرلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە قارغىلىق ناھىيىسىدە يولغا قويۇلغان «دىنىي زاتلارنى دەرىجىگە ئايرىپ چىقىش» ئۇسۇلى يېقىندىن بۇيان جامائەتچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

يېقىندا خوڭكوڭدىكى «سۇمۇرغ تېلېۋىزىيىسى»نىڭ مۇخبىرلىرى قارغىلىق ناھىيىلىك پارتكومنىڭ سېكرېتارىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇ ئۆز تەۋەلىكىدىكى ھەرقايسى يېزا، كەنتلەرگە قەدەر ئومۇملاشتۇرۇلغان يەرلىك دىنىي زاتلارنى بەش يۇلتۇز دەرىجىسى بويىچە ئايرىپ چىقىش ئۇسسۇلىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغان. بۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، ناھىيىلىك پارتكوم «دىنىي زاتلارنى ياخشى باشقۇرغاندىلا دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنى ياخشى باشقۇرغىلى بولىدۇ» دېگەن يېتەكچى ئىدىيە ئاساسىدا، ناھىيىدىكى 1100 گە يېقىن دىنىي زاتنى سىياسىي جەھەتتىكى مەۋقەسىنىڭ مۇستەھكەملىكى، بىلىم سەۋىيىسى، ھالقىلىق پەيتلەردە ئىجابىي رول ئويناش سەۋىيىسى قاتارلىق ئۆلچەملەر بويىچە بەش يۇلتۇزلۇق تۈركۈمگە ئايرىپ چىققان. شۇنداقلا يۇلتۇز دەرىجىسىگە قاراپ ئۇلارغا مۇۋاپىق مىقداردا تەمىنات بېكىتكەن.

بىز بۇ خىل تەدبىرنىڭ يولغا قويۇلۇشىنىڭ رېئال ئەھمىيىتى ھەققىدە ئامېرىكىنىڭ فروستبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور ما خەييۈننىڭ پىكرىنى سورىدۇق. ئۇ بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ ئەمەلىيەتتە خېلى بۇرۇنلا باشقا خىل شەكىللەردە يولغا قويۇلۇپ بولغانلىقىنى، مۇشۇ خىل شەكىلدە تاللىنىپ چىققان ئاتالمىش «دىنىي داھىلار» نىڭ ماھىيەتتە كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە «مىللىي خائىن» دەپ قارىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «ئاددىيراق قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئەمەلىيەتتە ئۇنچىۋالا بىر يېڭىلىق دېگۈدەكمۇ ئىش ئەمەس. "مەدەنىيەت ئىنقىلابى" نىڭ ئالدى - كەينىدىكى مەزگىللەردىلا بۇ خىل تەدبىرلەر يولغا قويۇلغان. يەرلىك دائىرىلەر شۇ ۋاقىتلاردا ھەرقايسى دىنىي زاتلارنى تەربىىيىلەپ "سىياسىي ئاخۇنۇم" قىلىپ چىققان. ئۇلار مۇشۇ ئارقىلىق يەرلىك خەلققە مۇشۇ دىنىي زاتلارنىڭ بۇيرۇغىنىنى تولۇق بىجا كەلتۈرۈشنى بۇيرۇغان. بۇنىڭدا مۇنداق ئىككى تۈرلۈك مەسىلە مەۋجۇت. بىرى، يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ئىماملىرى بەرىبىر كومپارتىيىنىڭ ئادىمى ئەمەس. ئۇزاقنى كۆزلىگەندىمۇ بۇ ئىماملار مەيلى بەش يۇلتۇزلۇق بولۇپ كەتكەن ھالەتتىمۇ، يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ ھېچقانچە قىممىتى مەۋجۇت ئەمەس. ئىككىنچىسى، ئىلگىرى بۇنداق مىساللار كۆپ قېتىملاپ يۈز بەرگەن. بۇ مىساللار نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ دېسىڭىز، بۇ دىنىي زاتلار تەربىيىلىنىپ بەش يۇلتۇزلۇق ئىماملارغا ئايلانغانسېرى ئۇلارنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئارىلىقى شۇنچە يىراقلايدۇ. يەرلىك ئۇيغۇرلار ئىماملارنى ئۇلارنىڭ كومپارتىيە ئىنئام قىلغان يۇلتۇز دەرىجىسى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ ئەل يۇرتنىڭ قانچىلىك غېمىنى يېگەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھەقىقى دىنىي سەۋىيىسى، ئەخلاق - پەزىلىتى ئارقىلىق باھالايدۇ.»

ھازىر تۈركىيىەدە خىزمەت قىلىۋاتقان دىنىي زاتلاردىن بىرى، ئىلاھىيەت پەنلىرى دوكتورى ئالىمجان بوغدا بۇ ھەقتىكى ئەھۋاللارنى ئۆز يولىدا ئەسلەپ ئۆتتى ھەمدە بۇنىڭ ماھىيىتى پەقەت خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى تەقىپ قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى بايان قىلدى.

«تەڭرىتاغ تورى» دىكى ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇ خىلدىكى دىنىي زاتلار «بەشتە ياخشى ئىمام» ياكى «مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىدىكى ئۈلگىلىك دىنىي زات» دېگەندەك ناملاردا داۋاملىق تاللانماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت