2-نۆۋەتلىك «خەلقئارالىق ھىجاب پاسونلىرى بايرىمى» تورونتودا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015-08-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

كانادانىڭ تورونتودا شەھىرىدە ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى ئىككى كۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ھىجاب پاسون لايىھىلەش ساھەسىدىكى داڭلىق لايىھىلىگۈچىلەر،تونۇلغان ھىجاب مودېللىرى، ئىسلامى يۈسۈندىكى كىيىم-كېچەكلەرنى كۆرگەزمە قىلدى.

بۇنى «خەلقئارالىق ھىجاب بايرىمى» دېيىش تېخىمۇ مۇۋاپىق. چۈنكى بۇ بايرامغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن 2000غا يېقىن قىز ئاياللار قاتنىشىپ، ئىسلامچە دىنىي خاسلىققا ئىگە كىيىم-كېچەك ماركىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇسۇلمان ئاياللارغا سالماق، ساغلام، مەدەنىي تۇرمۇش شەكلىنى تەشەببۇس قىلىشنى مەقسەت قىلغان مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەتلەرگە قاتناشتى، دەۋرگە ماس ۋە ئېتىقادىغا خاس كىيىنىش، مودا ئېقىمىغا ماس پەردازلىنىشتىن باشقا يەنە مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ھەق ھوقۇقلىرى، ئىنسان ھەقلىرى تېمىلىرىدىكى مول مەزمۇنلۇق تەربىيىلەشلەرگە قاتنىشىپ، مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ ھايالىق ئەمما كۆركەم لاتاپىتىنى، ئېتىقادى بىلەن تەڭ پىكىر ئەركىنلىكىنى تەڭ نامايان قىلدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆتكەن شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى تورونتودا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئىسلام كىيىم-كېچەك ساھەسىنىڭ يىللىق ئەڭ چوڭ لايىھىلەش مودا كۆرسىتىش كەسپىي يىغىنىغا، يەنى، 2015- يىلى، 2-نۆۋەتلىك دۇنيا تەسەتتۇر كىيىم-كېچەك لايىھىلەش بايرىمىغا قاتنىشىشقا مۇيەسسەر بولدۇم.

بايرامنىڭ بىرىنچى بۆلىكى يەنى ھىجاب پاسونلىرى مودا كۆرسىتىش كۆزگەزمىسى، خەۋەر بەرگىنىمىزدەك تورونتو ياپون مەدەنىيەت مەركىزىدە 22- ئاۋغۇست ئىنتايىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. نۆۋەتتە بۇ ئالاھىدە بايرامنىڭ 23- ئاۋغۇست قىسمىدىكى پائالىيەت خاتىرىلىرىمىزنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى.

خەلقئارا سەۋىيەدىكى زامانىۋى ئۇسلۇبتا لايىھەلىيەنگەن ھىجاب پاسونلىرى مودېل كۆرسىتىشى، بايرامنىڭ ئىككىنچى كۈنى، يەنى 23- ئاۋغۇست يەكشەنبە كۈنى تورونتو دېڭىز ساھىلىدا مەخسۇس ئورۇنلاشتۇرۇلغان ساياھەت كېمىسىدە داۋام قىلدى.

داڭلىق مودېللار كېمىگە تەكلىپ قىلىنغان ئالاھىدە مېھمانلارغا مودا ھىجاب پاسونلىرىنى كۆرسەتتى، تەكلىپ قىلىنغان داڭلىق ھىجاب ئوبراز لايىھىلىگۈچىلەردىن ئەنگلىيەدىن تەكلىپ قىلىنغان سېگال، ئامىنە كىن قاتارلىق داڭلىق شەخسلەر، كىيىم سەنئىتى، ھىجاب پاسونلىرى، مودا ئېقىملىرى توغرىسىدا مەخسۇس سۆھبەت ئۇيۇشتۇرۇلدى. ئوبراز لايىھىلىگۈچىلىرى ۋە پاسون لايىھىلىگۈچىلەر بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئالاقىلىرىدە مۇسلىمەلەرگە خاس كىيىنىش، پەردازلىنىشتا زۆرۈر بولغان تېخنىكا ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

بىز خەلقئارا تەسەتتۇر كىيىم لايىھىلەش بايرىمىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن فاتىمە بەگ خانىمنى زىيارەت قىلدۇق:
- ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۈن، بايرىمىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭلاردىن بەكمۇ خۇشال بولدۇم، مەن بايرامنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن بىرى، ئەمما، بۇ بايرام تورونتودىكى داڭلىق مودېللاردىن نېتىكا پېدىرنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ھىجاب پاسونلىرىنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ئىدىيىسى ۋە پىلانى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان. بۇلتۇر تۇنجى نۆۋەتلىك بايرىمىمىزغا 1200دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان، بۇ قېتىم ئۇ ساندىنمۇ ئاشقانلىقىغا ئىشىنىمەن. بۇ بايرام ئارقىلىق بىز دۇنيادىكى مۇسلىمەلەر ئۈچۈن كىيىم پاسون لايىھىلىگۈچىلەرگە ۋە بۇ ساھەدىكى ئىزدەنگغۈچىلەرگە مەيدان ۋە پۇرسەت ھازىرلىماقچى ۋە ئىسلامنىڭ گۈزەللىكىنى ئۆزىمىزنىڭ ئۇسلۇبى بىلەن تاراتماقچى، بايرىمىمىز ئىسلام دۇنياسىنىڭ، جەمىيىتىمىزنىڭلا ئەمەس ھۆكۈمەتنىڭمۇ كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن كېيىن ھىجابىمىزنى يەنىمۇ زور بايراملار بىلەن قۇتلۇقلاشقا، تېخىمۇ كۆپ ھەدە سىڭىللىرىمىز قاتنىشىشقا نېسىپ بولغاي.

ھىجاب پاسونلىرىدىن، يەنى تەسسەتتۈر كىيىملىرىدىن مودېل كۆرسىتىشكە قاتناشقان كانادادىكى داڭلىق مودېللاردىن فاتىما زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھىجاب پاسونلىرىنىڭ دۇنياغا يۈزلىنىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغانلىقىنى گېزىتلەردىن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ھىجاب ئارتالمايدىغانلىقى، روزا تۇتالمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي چەكلىمىلىدىن تولىمۇ بىمەنىلىك ھېس قىلغانلىقىنى بايان قىلدى ۋە ئۇيغۇر قىز ئاياللىرىغا سەمىمىي تىلەكلىرىنى يەتكۈزۈشىمىزنى سورىدى:
- ھەر قانداق كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ئېتىقادى بىلەن ياشاش ھوقۇقى بار، ئۇيغۇر ھەدە-سىڭىللەر، تېخىمۇ قەيسەر بولۇڭلار، ئۆزۈڭلارغا ئىشىنىڭلار، بۇ سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار، ئاخىرىدا ھەممىمىز قىلغانلىرىمىز ئۈچۈن جاۋاب بېرىمىز، شۇڭا قورقماڭلار....

ساياھەت كېمىسىدىكى مودېل كۆرسىتىشتىن كېيىن ئۇ يەنە كىيىم-كېچەكتىن ئىبارەت تىلسىز، ئەمما ئىنتايىن ئۈنۈملۈك مەدەنىيەت ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھىجابلىق ئاياللارنىڭ ئىچكى گۈزەللىكىنى لايىق پاسونلار ئارقىلىق ئىپادىلەشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە مۇنازىرىلەر ئۇيۇشتۇرۇلدى. بۇ ھەقتە تەجرىبىلىرىنى مېھمانلارغا ئورتاقلاشقان مىليونلىغان ئەگەشكۈچىلىرى بار داڭلىق ھىجاب ئوبراز لايىھىلىگۈچىلىرىدىن ساگال ۋە ئامىنە كىن قاتارلىلقلارمۇ بىزنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن ئۇيغۇرلارغا خەۋەر بېرىۋاتقانلىقىمىزنى ئاڭلاپ ئۇيغۇر قىزلىرىغا ئالاھىدە سالام ۋە مەدەتلىرىنى يوللىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت