ئىسلامغا ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىك مۇسۇلمانلاردىن كەلمەكتە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان
2013-11-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺷﻪﻫﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﻛﯩﻴﯩﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo

دۇنيادىكى دىنلارنىڭ ھەممىسى كىشىلەرنى گۈزەل ئەخلاققا چاقىرىشتا ۋە ھەر ئىشتا دۇرۇسلۇققا تەشەببۇس قىلىشتا بىردەكتۇر. چۈنكى مەيلى ھەق بولسۇن، مەيلى باتىل بولسۇن، ھەربىر مىللەتنىڭ دىنى شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋى كۈچلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلگەن.

يېقىندا لىۋاندا نەشر قىلىنىپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تارقىلىشقا باشلىغان «پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق تەربىيىلەيمىز» دېگەن كىتابتا مۇنداق دەپ يېزىلغان: ئەپسۇسكى، بۇ دىننى كىشىلەرگە قىيىن كۆرسىتىپ قويغانلار ۋە ئۇنىڭ شەنىگە داغ قوندۇرۇۋاتقانلار يەنىلا مۇسۇلمانلاردۇر. بۇ ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش. چۈنكى ھازىرقى زاماندىكى مۇسۇلمانلار دۇنيانىڭ قانداقلا يېرىدە بولمىسۇن، ھەرگىزمۇ ئىسلام دىنىنىڭ گۈزەللىكلىرىنى ۋە ئەۋزەللىك تەرەپلىرىنى نامايان قىلالمىغان. ئەكسىچە، ئىسلام دىنىنى باشقىلارنىڭ كۆزىگە سەت كۆرسىتىش ۋە ئۇنى ھازىرقى ئەسىر بىلەن ماسلىشالمايدىغان بىر دىن قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىسلامغا ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىكلەرنى قىلغان.

ئىسلام مۇتەپەككۇرى ئەللامە مۇھەممەد غازالى بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ئەگەر مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام تىرىلىپ كېلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى كۆرگەن بولسا، ئۇلارنى تونۇماي قالغان بولاتتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىسلام دىنىنى تاپالمايتتى، ئۇلاردا قۇرئان بىلەن سۈننەتنىمۇ كۆرەلمىگەن بولاتتى.

چۈنكى، ھازىرقى مۇسۇلمانلاردا ئومۇملاشقان شەخسىيەتچىلىك، ئاچكۆزلۈك، مەنمەنچىلىك قاتارلىق ئەخلاقىي جەھەتتىكى بۇزۇلۇشلار ئۇلارنى باشقا بىر ئۈممەتكە ئۆزگەرتىپ قويغان. ئۇلاردا ئىسلامنىڭ بىرلا نامى ۋە شەكلىي ئىبادەتلىرىلا قالغان بولۇپ، ئىمان روھى ئۇلاردا ئىپادىلەنمەيدىغان بولۇپ قالغان. بۇ بۇھران سودا-سېتىق ئىشلىرىدا قەسەم قىلىپ تۇرۇپ بىر-بىرىنى ئالداشتىن باشلاپ، يول ماڭغاندا يول تالىشىشقا قەدەر بېرىپ ئومۇملاشقان. بۇ ۋەزىيەت بىزنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىمىزدە تېخىمۇ ئېغىر، تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولماقتا. بىزدە ھەرەمگە بارىدىغانلار بىلەن ئىسلامىي كىيىنىدىغانلارنىڭ سانى ئاشقان بىلەن ئىسلام ئەخلاقى ئومۇملاشقىنى يوق. يەنىلا شەخسىيەتچىلىكىمىز ھەممىنى بېسىپ چۈشمەكتە.

قىسقىسى، مۇسۇلمانلاردا شۇ زاھىرىي ئىبادەتلەردىن باشقا ھېچ نەرسە قالمىغان، ئۇلاردىكى ئىماننىڭ كۈچى دۇنيا ھەلەكچىلىكى ئالدىدا يېڭىلىپ قالغان.

مۇسۇلمان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا مۇسۇلمان دەپ ئاتىلىپ قالغان بەزى ئۇيغۇرلار بەزى دىندارلاردىكى شەخسىيەتچىلىك، ئالدامچىلىق ۋە يالغانچىلىقلارنى كۆرۈپ، سەسكەنگەن يەردە، باشقا دىندىكىلەر بىزگە قانداق باھا بېرەر؟ ئۆتمۈشلەردە ئۆزلىرىنىڭ توغرىلىقى، راست سۆزلۈكى ۋە گۈزەل ئەخلاقى بىلەن ئاسىيا ۋە ئافرىقا قىتئەلىرىدىكى كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈۋەتكەن ۋە ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولۇشىغا سەۋەب بولغان مۇسۇلمانلار بىلەن ھازىرقى زاماندىكى نامدىكى مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىنى بىلەمسىز؟ بىزنىڭ بۇ ئەھۋالىمىزنى كۆرۈپ كىممۇ مۇسۇلمان بولسۇن؟ كىممۇ بىزدىن تەسىرات ئالسۇن؟

بۇ ئورۇندا مۇنداق بىر قىسسىنى قىستۇرۇپ قويغۇم كەلدى. يېڭىدىن مۇسۇلمان بولغان غەربلىكلەردىن بىرى مۇسۇلمانلارنىڭ يۇرتلىرىدىن بىرىگە كەلگەن ئىكەن، ئۇ جايدا مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى كۆرۈپ، «ئاللاھقا شۈكرىكى، مەن مۇسۇلمانلارنى كۆرمەي تۇرۇپ مۇسۇلمان بولغان ئىكەنمەن» دېگەن ئىكەن.

چۈنكى، ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپ سانلىقىنىڭ مۇسۇلمانچىلىقىدىن مەسچىتلەردە بەش ۋاخ نامازنى جامائەت بولۇپ ئوقۇشتىن ۋە تەكرار ھەج قىلىشتىن باشقىسىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىدا مۇسۇلمانغا خاس ئۆزگىچىلىكلەرنى تاپقىلى بولمايدۇ. بۇرۇنقى مۇسۇلمانلار ئىسلامىي قېرىنداشلىقتا كامالىغا يېتىپ ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك شەخسىي مال-مۈلكىنى بىر-بىرى بىلەن بۆلۈشۈشكەن دەرىجىسىگە، ئۇرۇشلاردا بىر-بىرىنى ئاسرىغانلىقتىن، «سەن ھايات قالغىن، سېنىڭ ئورنۇڭغا مەن ئۆلەي» دېگەن مەقسەت بىلەن بايراقنى ۋە ئالدىنقى سەپنى تالىشىش دەرىجىسىگە يەتكەن بولسا، ھازىرقى مۇسۇلمانلاردىكى شەخسىيەتچىلىكتىن ئىبارەت بۇ ناچار روھىي ھالەت ھاياتلىقنىڭ پۈتۈن ساھەلىرىگىچە بېرىپ سىڭىپ كەتكەن. بۇلارنى ساناپ تۈگىتىش مۇمكىن ئەمەس. ئاددىيسى، ھازىرقى مۇسۇلمانلاردىكى شەخسىيەتچىلىك ئاپتوموبىل ھەيدەشتە ئەدەپسىزلەرچە يول تالىشىشتىن باشلاپ، مەسچىتلەردە كىشىلەرنىڭ مۈرىسىگە دەسسەپ ئۆتۈپ جامائەتلەرگە ئازار بېرىشكىچىلىك پۈتۈن ئىشلىرىدا ئىپادىلىنىپ تۇرماقتا.»

تولۇق بەت