روزا ئېيىدا قەيسەرىدىكى ھاجەتمەن ئۇيغۇرلارغا ماددىي ياردەم تارقىتىپ بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رامىزان ئېيى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ئىبادەت ئېيى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئاي ئىچىدە مۇسۇلمانلار روزى تۇتىدۇ، قۇرئان ئوقۇيدۇ. زاكات ۋە فىترە قاتارلىق دىنىي ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىدۇ. رامىزان ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن 6-ئاينىڭ 25-كۈنى قەيسەرىدىكى مۇساپىر ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان قورۇ جاينىڭ ئىچىدە ھاجەتمەن يېتىم بالىلارغا، تۇل خوتۇن، كېسەل ۋە نامرات ئۇيغۇرلارغا نەق پۇل، تاللا بازارلاردىن يېمەك-ئىچمەك ئالىدىغان كارتا تارقىتىپ بېرىلدى. چۈشتىن كېيىن سائەت بىردىن ئاقشام ئىپتار ۋاقتىغىچە داۋاملاشقان بۇ پائالىيەتتە قەيسەرى ۋىلايەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى مۇئاۋىن مەسئۇلى سالىھ سەزىن ئەپەندى، مەركىزى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ھەقيول ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرىدىن ئىسمەت جونتار ئەپەندى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەردىن تەركىب تاپقان بىر كومىتېت ھاجەتمەن ئۇيغۇرلارغا قول قويدۇرۇپ ياردەم پۇلى ۋە كارتىلارنى تارقىتىپ بەردى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى قەيسەرىدە 1600 ئەتراپىدا ئۇيغۇر بارلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ھاجەتمەن كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىنى، 6-ئاينىڭ 25-كۈنى بىر كۈن ياردەم پۇلى تارقىتىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قەيسەرى ۋىلايەتلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى مۇئاۋىن مەسئۇلى سالىھ سەزىن ئەپەندى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى 55 كارتا تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىز ۋىلايەتلىك دىنىي ئىشلەر ئىدارىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر بىرى 100 تۈرك لىرالىق 55 كارتا تارقىتىپ بەردۇق. بۇ سودا قىلىش كارتىسى. ئۆتكەندە 200 خالتىدا ياردەم بۇيۇملىرى ئاپىرىپ بەرگەن ئىدۇق. يەنە ئۆتكەندە ھەر خالتا ئىچىدە 10-15 كىلودىن شېكەر بار خالتىدىن يۈز ئەللىكنى ئاپىرىپ تارقىتىپ بەردۇق. ھېيتتىن بۇرۇن خۇدا بۇيرۇسا ھەر ئائىلىگە بىر خالتىدىن ئۇن ئاپىرىپ تارقىتىپ بېرىمىز. ئۇلارغا ياردەم قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.»

سالىھ سېزىن ئەپەندى رامىزان ئېيىنىڭ قېرىنداشلىق ئېيى ئىكەنلىكىنى بۇ ئايدا يېتىملەرگە، كەمبەغەللەرگە ياردەم قىلىشنىڭ ساۋابىنىڭ زور بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «رامىزان ئېيى رەھمەت ۋە بەرىكەت ئېيىدۇر. كىشىلەر بۇ ئايدا روزى تۇتۇش ئارقىلىق، ئاچ قالغان كىشىلەرنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلالايدۇ. شۇڭا سەدىقىلىرىنى، فىترەلىرىنى ۋە زاكاتلىرىنى ھاجەتمەن كىشىلەر بىلەن ئورتاقلىشىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە رامىزان ئېيى قېرىنداشلىق تۇيغۇلىرى كۈچەيگەن بىر ئاي. مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ‏- ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغان بىر ئايدۇر. شۇڭا دۆلىتىمىزگە كەلگەن بۇ مۇساپىر قېرىنداشلىرىمىزغا ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلىشىمىز كېرەك.»

ئۇيغۇر مەھەللىسىنىڭ ئىمامى ئەمىن قارىم 6-ئاينىڭ 25-كۈنى قەيسەرى دىنىي ئىشلار ئىدارىسىدىن كەلگەن كىشىلەر بىلەن ئىستانبۇلدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ھاجەتمەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەممىسىگە ياردەم تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئەمىن قارىم چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى يېڭى كەلگەن ھاجەتمەن ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلسا كۆپ ساۋاپ ئالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2014-2015-يىللىرىدا شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 7 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە كۆپلىگەن تۇل ئايال ۋە بالىلار بار. بۇلار تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ ياردىمى بىلەن تۇرمۇش كۆچۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت