كەنت باشلىقلىرى: چېقىلغان مەسچىتلەرنىڭ كۆپىنچىسى پىششىق خىشتىن ئىدى، ساغلام ئىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016-12-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەلالاشتۇرۇش باھانىسى بىلەن چىقىلىۋاتقان مەسچىتلەر.
ئەلالاشتۇرۇش باھانىسى بىلەن چىقىلىۋاتقان مەسچىتلەر.
Social Media

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا مەسچىت چېقىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغاندا، گەرچە «مەسچىتلەرنى ئەلالاشتۇرۇش» دېگەن نامدا ئېلىپ بارغان ۋە تەشۋىقاتلىرىدا جامائەتنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقىلىرىنى تىلغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە قۇرۇلۇش بىخەتەرلىكىدە ھېچقانداق مەسىلە بولمىغان مەسچىتلەرمۇ چېقىلغان؛ ھەتتا چېقىلغانلار ئومۇمى سانىنىڭ كۆپ قىسمىنى ساغلام مەسچىتلەر ئىگىلىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە چېقىلغان مەسچىتلەرنىڭ ھەممىسى جامائەتتىن توپلانغان پۇل بىلەن سېلىنغان بولغاچقا، ھەر مەھەللىگە ئوتتۇرىچە 100 مىڭ سوم، كەنتكە بولسا، مىليون سوم ئىقتىسادىي زىيان بولغان.

ئاشكارىلىنىشىچە، دائىرىلەر ئۇيغۇر رايونىدا چاققان مەسچىتلەرنىڭ كۆپىنچىسى، پىششىق خىشتىن سېلىنغان، ھەتتا بەزىلىرى تېخى 2-3 يىلنىڭ ئالدىدىلا سېلىنغان مەسچىتلەردۇر.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ مەسچىتلەرنىڭ بىر قىسمى 30-40 كىشىلىك جامائەت توپلىنىدىغان، مەھەللە مەسچىتلىرى بولسا، يەنە بەزىلىرى 100-200، 500 كىشىلىك جامائەتنى سىغدۇرالايدىغان مەركىزى مەسچىتلەردىن ئىكەن.

توققۇزاقنىڭ لەڭگەر يېزا 2‏-كەنتىدە چېقىلغان لاۋارا مەسچىتى ئەنە شۇلاردىن بىرى. مەلۇمكى مەسچىت چېقىشنىڭ مۇسۇلمان بىر جامائەتنىڭ قەلبىدە پەيدا قىلىدىغان ئاغرىنىش ۋە جاراھەتنى، شۇنداقلا غەزەپ-نەپرەتنى تەخمىن قىلىش مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاش مۇمكىنسىزدۇر. شۇڭا بىز ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، مەسچىت چېقىشنىڭ ئاھالىلەرگە ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي زىيىنى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدۇق. مەلۇم بولۇشىچە، چېقىلغان مەسچىتلەر مەھەللە جامائىتىنىڭ قۇربان ھېيتلىق تېرىلەرنى توپلىشى ۋە ھەر بىر ئائىلىدىن ياردەم توپلىشى بىلەن سېلىنغان. لاۋارا مەسچىتى 3 يىلنىڭ ئالدىدا 70-80 مىڭ سوم مەبلەغ بىلەن رېمونت قىلىنغان. بۇنىڭدىن قارىغاندا، مەسچىت چېقىش ھەرىكىتىنىڭ ئىقتىسادىي زىيىنىنىڭ ئۆزىلا مەھەللە جامائىتىگە يۈز مىڭ سوم، كەنتتىكىلەرگە بىر مىليون سوم، قەشقەر ۋىلايىتى بويىچە نەچچە يۈز مىليون سومغا زىيان سالغان. بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىقتىسادىي نۇقتىدىن قارىغاندىمۇ ئېغىر بىر بۇزغۇنچىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

كەنت باشلىقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەسچىتلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە چېقىلىشى، قاتناش شارائىتى ناچار بولغان يېزىلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ مەسچىتتە توپلىنىپ ناماز ئوقۇشىنى مۇمكىنسىزلەشتۈرگەن.

مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر بۇ ھەرىكەت راست دېگەندەك ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن بولغان بولسا، دائىرىلەر چېقىشتىن ئاۋۋال، ئورنىغا يېڭىنى سالىدىغان ياكى رېمونت قىلىدىغانغا پۇل ئاجراتقان، بۇ ھەقتە ئاممىغا كەڭ كۆلەمدە خىزمەت ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ رازىلىقى ۋە تەستىقىنى ئالغان بولاتتى؛ ئەمما مەقسەت ئەلالاشتۇرۇش ئەمەس، يوق قىلىش، جامائەت بىخەتەرلىكى ئەمەس، دۆلەت بىخەتەرلىكى بولغاچقا، دائىرىلەر مەسچىت چېقىشنى مەجبۇرىي ۋە ئاخباراتتىن يوشۇرۇن ئېلىپ بارغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت