ئالىملارنىڭ بۇزۇلۇشى مىللەتنىڭ ھالاكىتى

2013-11-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئالىملار ئەزەلدىن مىللەتنىڭ كۆزىنى ئاچىدىغان، ئۇلارنى ئىلىم-مەرىپەت بىلەن بېيىتىدىغان باغۋەن بولۇپ كەلگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «ئۆلىمالار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر» دېگەن سۆزىمۇ بۇ سەۋەبتىن ئېيتىلغان بولۇشى ئېھتىمال. ئەمما ئەپسۇسكى، ھازىرقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئۆلىما دەپ ئاتالغانلارنىڭ ھەممىسى مۇنداق ئەمەس. چۈنكى ئۇلار ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمايۋاتىدۇ.

يېقىندا«ساجىيە» تور بېكىتىدە «ئالىملارنىڭ بۇزۇلۇشى مىللەتنىڭ ھالاكىتى»دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ماقالىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:«ئالىملار بىلىم ئېلىش، ئەمەل قىلىش، دەۋەت قىلىش ۋە كۈرەش قىلىشتا پەيغەمبەرلەرنىڭ مىراسخورلىرى. ئۇلار چوڭ پاجىئەلەر يۈز بەرگەندە ئۈممەتنىڭ نىجاتكارى. كىشىلەر بۇزسا ئۇلار ئىسلاھ قىلىدۇ ۋە ھالاكەتكە قاراپ ماڭغان ئېقىملارغا تاقابىل تۇرىدۇ. ئۇلار ئىنسانلارنى تىنچلىق ۋە خاتىرجەملىك قىرغىقىغا باشلاپ ماڭغۇچى يېتەكچىلەر. ئۇلار ھەر قانداق ياخشىلىقتا خەلقنىڭ ئالدىدا تۇرىدىغان ۋە خەلقنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى باغلانغان قوماندانلار. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ تائالا ئالىملارغا ئىتائەت قىلىشقا بۇيرۇپ:«ئەگەر بىلمىسەڭلار، ئەھلى ئېلىمدىن سوراڭلار» دەيدۇ.

ئىسلام دىنى ئۆلىمالارنى خەلق ئۇلارغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تەبىئىي ئىتائەت قىلىدىغان يولباشچىلار دەپ قارايدۇ. چۈنكى ئالىملار دىننى چۈشەندۈرۈشتە ئاساس، ئۇلار دىننىڭ ھەقىقەتلىرىنى بايان قىلىپ بەرگۈچىلەر ۋە ھامىيلىرىدۇر.

مانا بۇ ئالىملارنىڭ رولى، ئۇلار مۇشۇنداق ئىدى، ئەسلىدىمۇ مۇشۇنداق بولۇشقا تېگىشلىك.

لېكىن ئالىم -ئۆزىگە تېگىشلىك يۇقىرىقى رولىنىڭ ئەكسىنى تاللىسا، ئۇ چاغدا پەيغەمبەرلەرنىڭ مىراسخورى بولماستىن، شەيتاننىڭ مىراسخورلىرىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. شۇ چاغدا زالىملارنىڭ كانىيى ۋە جاللاتلارنىڭ چاكىرى بولۇشقا رازى بولىدۇ. نەتىجىدە زالىملارنىڭ زۇلمىنى ئاقلايدۇ، ئۇلارنىڭ مۇستەبىت قەبىھ قىلمىشىنى خەلقنىڭ كۆزىگە چىرايلىق كۆرسىتىشكە تېرىشىدۇ، ھەق بىلەن ناھەقنى ئارىلاشتۇرۋىتىدۇ، خەلقنى سېتىلما پەتىۋالىرى بىلەن ئالدايدۇ، ئۆزى قىلمايدىغان نەرسىلەرنى دەيدۇ، بىلمەي تۇرۇپ پەتىۋا بېرىدۇ ۋە دىننى زالىملارنىڭ مەنپەئەتىگە بويسۇندۇرىدۇ...

يۇقىرىقىدەك قىلمىشلىرى ئارقىلىق خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كېتىدۇ، جەمئىيەتتە يېتەكچىلىك رولىنى يوقىتىدۇ. خۇلاسە شۇكى، ئۆزلىرى ئازغان ۋە ئازدۇرىدىغان كىشىلەرنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ.

ئالىملارنىڭ بۇزۇلۇشى ھاكىملارنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ئېغىر بولىدۇ، ئالىملار بۇزۇلسا، مىللەت ۋە دىيار تۈگىشىدۇ، ھاياتلىق كېمىسى ياخشى كىشىلەر بىلەن غەرق بولىدۇ... شۇ چاغدا پۇشايمان باشلىنىدۇ، لېكىن ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن پۇشايمان بولىدۇ.دېمەك، دىننى بۇزىدىغانلار بىلىمسىز ۋە نادان موللىلاردۇر.

ئالىملارنىڭ بۇزۇلۇش كۆرۈنۈشلىرىدىن

1. ئالىمنىڭ نەسىھەتلىرى ۋە پەتىۋالىرى مىللەتنىڭ شارائىتى ۋە دەرد-ئەلەملىرىدىن يىراق بولۇشى ئالىمنىڭ بۇزۇلۇش كۆرۈنۈشلىرىدىن بىرى. كۆپلىگەن كىشىلەر دەۋەتچىلەرنىڭ ئەمەلىي ھاياتىدا دىنى ئىشلار بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئىشلىرىنى ئايرىپ مۇئامىلە قىلغانلىقىنى كۆرگەن ۋاقتىدا، دىننى ھايات ۋە جەمئىيەتتىن ئايرىپ قاراشقا قانائەتلىنىپ قالدى. ئالىملار كىشىلەرگە پەقەت مەسجىتتىلا ئىمام بولۇشتى، مەسجىتنىڭ سىرتىدا بولسا بارلىق ھاياتلىق ئىشلىرىغا زالىملار ئىمام بولۇشتى.

2. ئالىمنىڭ گەپ-سۆزىنىڭ قىلمىشلىرىغا زىت كېلىشى: ئىمان ئەمەلدىن ئايرىلسا، ھالاكەت باسىدۇ. ئالىملار پەيغەمبەرلەر مىراسخورلىرىدىن شەيتاننىڭ مىراسخورلىرىغا ئايلىنىدۇ. بىلىم-مەرىپەت بەزىدە ئەقىلگە ھىمايە ئاتا قىلسا، يەنە بەزىدە ئىنساننى يوقىلىشتىن ساقلاپ قالىدۇ. لېكىن يۇقىرىقى نەتىجە بىلىمگە ماسلاشقان ئەمەل ۋە مەرىپەتكە باغلانغان ئىش-ھەرىكەت بىلەن بولىدۇ.

3. ئالىمنىڭ مۇسۇلمانلار ئارىسىدا پىتنە ۋە بۆلۈنۈش پەيدا قىلىشى: ئالىملارنىڭ قاتارىدا مەزھەپ پىتنىسى ۋە تارماق مەسىلىلەر توغرىسىدا جېدەل- ماجىرا قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كىشىلەر تېپىلىدۇ. بۇلاردىكى مەزھەپ مۇتەئەسسىپچىلىكى ھەقىقەت يۈزىنى پەردىلەيدۇ.

بۇ سۈپەتلىك موللىلار ھەقىقىي ئىسلاھاتچىلار مەيدانغا كەلسە بىر ئامال قىلىپ، زۆرۈر تېپىلسا زالىملارنى ئىشقا سېلىش ياكى ئۇلاردىن پايدىلىنىش ئارقىلىق ئىسلاھاتچىلارنى يوقىتىدۇ ياكى ئۇلارغا سۈيىقەست قىلىدۇ. ئىسلاھاتچى ئالىملارنى جەدىتچى، سەلەپى، ۋەھھابىي...دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتاپ، ئۇلارنىڭ ئىسلاھات يولىغا توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. ئۆزى بىلمىگەن ياكى ئاڭلاپ باقمىغان مەسىلىلەرنى، گەرچە ئاساسلىق مەسىلىلەر بولسىمۇ رەت قىلىدۇ ياكى قارشى چىقىدۇ. بۇ تۈردىكى موللىلار مۇسۇلمانغا قارشى ئورا كولايدىغان، دىننى ئۆزى خالىغانچە ئىزاھلايدىغان، يۈز ‏- ئابروي ۋە ئاز-تولا پۇل ئۈچۈن مۇسۇلمان قېرىندىشىنى چاقىدىغان دىني مۇناپىقلاردىن ئىبارەت.

4. ئالىمنىڭ مەنسەپدار كۈچلەرگە تەلپۈنۈشى: بىر قىسىم ئالىملار زۇلۇمنى، زالىملارنى ئاقلاشقا، ئۇلارنى مۇداپىئە قىلىشقا، ناھەق ۋە پاساتچىلىقنى قوللايدىغان پەتىۋالارنى چىقىرىشقا ماھىر. بۇلارنىڭ غايىسى بىر بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ- ئاللاھنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرۈش بەدىلىگە ھوقۇقدارلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش.

5. ئالىمنىڭ ھەقىقەتنى يوشۇرۇشى: بۇ يەردىكى يوشۇرۇش شەرئى ھۆكۈملەرنى يوشۇرۇش بولسۇن، ياكى قوشۇپ قويۇش بولسۇن، ياكى مەنىسىنى بۇرمىلاش بولسۇن، ياكى ئۆگىتىشكە تېگىشلىك كىشىلەرگە ئۈگەتمەسلىك بولسۇن ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كۆپىنچە ئىلىمنى يوشۇرىدىغانلار مەنسەپ، مال-دۇنيا ياكى يۈز-ئابروي ئۈچۈن قىلىدۇ، بۇلار «خەلق ئالىملىرى» دەپ ئاتالماي، «مەنسەپدارلارنىڭ موللىلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئالىملارنىڭ بۇزۇلۇش سەۋەبلىرى

1. نادانلىق: بىز بۇ يەردە دىننىڭ ئاساسىنى بىلمەسلىك ياكى شەرئى ھۆكۈملەرنى ئۇقماسلىقنى مەقسەت قىلمايمىز. چۈنكى بۇ ئىلىملەرنى ھوقۇقدارلارنىڭ ۋائىزلىرى ۋە موللىرى ياخشى بىلىدۇ.
2. ھاۋايى-ھەۋەس:دۇنيانى ياخشى كۆرۈش، ئابروي ۋە شۆھرەت قوغلىشىش: باي، ئابرويلۇق كىشلەرگە ۋە مەنسەپدارلارغا يېقىنلىشىش ئالىمنى ئاخىرىدا تەرسا قىلىپ قويىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى.
3. غەپلەت: بەزىدە ئالىم ئاللاھدىن غاپىل قېلىشى سەۋەبلىك ئالىم ئەمەس بولۇپ قالىدۇ. بەزىدە غاپىللىق بېسىپ كېتىپ قالسا، كۆز كۆرمەيدىغان ۋە قۇلاق ئاڭلىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. شۇ چاغدا غەپلەت كېسىلى تۈپەيلىدىن كۆز ۋە قۇلاقنىڭ پايدىسى بولمايدۇ.
4. ئالىمنىڭ كۆڭلىدە ئۆزىنى «ئالىم» دەپ قاراپ قېلىش. رەسۇلۇللاھ مۇنداق دېگەنىدى:«ئاللاھ تائالا ئىلىمنى بەندىلىرىدىن بىراقلا تارتىپ ئېلىۋەتمەيدۇ، لېكىن ئىلىمنى ھەقىقىي ئالىملارنى ۋاپات قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئالىدۇ. ھەقىقىي ئالىم قالمىغاندا كىشىلەر نادان موللىلارنى ئۆزلىرىگە باشلىق ۋە يولباشچى سايلىۋالىدۇ. ئۇ نادانلار بىلمەي تۇرۇپ قالايمىقان پەتىۋا بېرىپ، ئۆزىمۇ ئازىدۇ ۋە باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدۇ» دېگەن. يۇقىرىقى ۋە ئۇندىن باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بەزى ئالىملار بۇزۇلۇپ، ھەقىقەت يولىدىن ئادىشىدۇ، باشقىلارنى ئازدۇرىدۇ ۋە بىلىمسىزلىكى سەۋەبىدىن ئاللاھنىڭ يولىدىن توسىدۇ.

ئەمما ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ھېس قىلغان ۋە بۇزۇلۇش يوللىرىدىن يىراقلاشقان ھەقىقىي ئالىم توغرا يولدا ماڭغان بولىدۇ.

5. ئىدىيىسىنىڭ ساغلام ئەمەسلىكى: ئىدىيە، ئەقىدە ۋە قىممەت قاراشنىڭ تەسىرى ۋە سايىسى. بىر ئادەمنىڭ ئەخلاقىنىڭ بۇزۇلۇشى ئىدىيەنىڭ بۇزۇلۇشىدىن خەتەرلىك. چۈنكى ئىستىلى بۇزۇلسا زىيىنى شەخسى بولىدۇ، يەنى ئاز بولىدۇ. لېكىن ئىدىيىسى بۇزۇق بولسا، زىيىنى بەك چوڭ بولۇپ كېتىدۇ.
ئالىم تۇزغا ئوخشايدۇ، تۇز بۇزۇلسا تاماق قاملاشمىغاندەك، ئالىم بۇزۇلسا جەمئىيەت قاملاشمايدىغان بۇزۇق ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ، سەۋەبچىسى موللىلار.»

تولۇق بەت