روزا تۇتۇشنىڭ خاسىيەتلىرى توغرىسىدا سۆھبەت

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015-06-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
دىنىي زات مەمەت قارىم تۈركىيە تېلېۋىزىيىسىدە سۆھبەتتە.
دىنىي زات مەمەت قارىم تۈركىيە تېلېۋىزىيىسىدە سۆھبەتتە.
RFA/Erkin Tarim

11 ئاينىڭ سۇلتانى بولغان، ئىنساننىڭ روھىي دۇنياسىنى مۇھەببەت بىلەن سۇغىرىدىغان مۇبارەك رامىزان ئېيى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى، يەنى پەيشەنبە كۈنى باشلاندى.

مۇبارەك رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش ئىسلام دىنىدىكى 5 پەرھىزنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئىلاھىيەتشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، روزا يالغۇز ئىسلام دىنى پەيدا بولغاندىن كېيىن ئەمەس بەلكى ئىسلام دىنىدىن بۇرۇنمۇ، ئىنسانلارغا ئاللا روزا تۇتۇشنى بۇيرۇغان. بۇنىڭدىن روزا تۇتۇشنىڭ ئىنسانلار ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكىلى بولىدۇ.

ئۇنداقتا روزا تۇتۇشنىڭ خاسىيىتى نېمە؟ رامىزان ئېيىدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟ قانداق كىشىلەر روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ؟ كىملەر قانداق كىشىلەرگە ئىپتار زىياپىتى بېرىشى كېرەك؟ خىتاي ھۆكۈمىتى روزا تۇتقىلى قويمىسا بۇنىڭ گۇناھى كىمگە بولىدۇ؟ دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق دىنىي زات مەمەت قارىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

مەمەت قارىم روزا تۇتۇشنىڭ ئىسلام دىنىدىكى ئورنى نېمە؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى:
روزا تۇتۇشنىڭ ھۆكۈمى ئاللا تەئاللانىڭكى بارلىق مۇسۇلمانلارغا پەرھىز قىلغان نۇرغۇنلىغان پەرھىزلىرىنىڭ ئىچىدىن جۈملىدىن 5 پەرھىزنىڭ ئىچىدىكى بىر پەرھىز ھېسابلىنىدۇ. يەنى بۇ روزا تۇتۇش تېنى ساغلام بولغان مۇقىم بولغان ئەر-ئايال ھەرقانداق مۇسۇلمانلارغا پەرھىز بولىدۇ. ئەگەر بۇنى ئادا قىلمىسا ئاللانىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولىدۇ. تېنى ساغلام بولمىغان كېسەلچان بولغان، روزا تۇتسا ئاش قازىنى ئاغرىپ كېسەللىكلەر كېلىپ چىقىدىغان كىشىلەرنىڭ، مۇقىم بولماي مۇساپىر بولغان كىشىلەرنىڭ روزا تۇتۇش پەرھىزى ساقىت قىلىنغان بولىدۇ. بۇلاردىن باشقا پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا مۇتلەق پەرھىز. روزا تۇتۇش مۇھەممەت پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتىگىلا پەرھىز بولۇپ قالماستىن ئىلگىرى ئۆتكەن بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۈممەتلىرىگىمۇ پەرھىز قىلىنغان بىر ئىبادەت. بۇ ھەقتە قۇرانى-كەرىمدە ئايەتمۇ بار.

مەمەت قارىم بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلەۋاتىدۇ، بۇنداق شارائىتتا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار نېمىلەرنى قىلىشى كېرەك؟ ئۇيغۇرلار روزا تۇتالمىسا كىم گۇناھكار بولىدۇ؟ دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ، مۇنداق جاۋاب بەردى:
مەن يۇقىرىدىمۇ دەپ ئۆتكەندەك روزا تۇتۇش ئاللا-تەئالانىڭ پەرھىزى بولۇپ، خۇداغا يېقىنلىق ئىزدەيدىغانلارنى، ئاللا بىلەن يېقىنلاشتۇرىدىغان ئەڭ مۇھىم پەرھىزلىرىدىن بىرى بولۇپ، ھەم بۇ رامىزان ئېيى بىر ئاي روزا تۇتۇش ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزئارا قېرىنداشلىق مېھرىنى كۈچەيتىدىغان ھەم ئۇلارنىڭ سەۋرچانلىق ۋە چىدامچانلىقىنى ئاشۇرىدىغان ئۇلۇغ پەزىلەتلىك بىر ئاي. مۇشۇنداق بولغاچقا خىتاينىڭ ئۆزى شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئىمكان قەدەر مۇسۇلمانلارنى روزا تۇتماسلىققا مەجبۇرلاپ، ھەتتا بۇ ئۇلۇغ ئاينىڭ شەرىپىنى بۇزۇش ئۈچۈن ئاشخانىلارنى ئېچىشقا، يېمەك-ئىچمەك تىجارەتلىرىنى قىلىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ. بۇنداق بىر شارائىتتا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ دېگەن ھۆكۈمنى بىز بەرسەك بولمايدۇ.

قانداق كىشىلەر كىملەرگە ئىپتار تامىقى بېرىشى كېرەك؟ دېگەن سوئالىمىزغا مەمەت قارىم مۇنداق جاۋاب بەردى:
مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشۇ ئايدا ئىپتارلىق بېرىشى ئۇ كىشىنىڭ سېخىيلىقىنى، ئۆزىنىڭ ساخاۋەتلىكىنى ئىسپاتلاش بىلەن بىرگە ئۆزئارا مېھرى-مۇھەببەت قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي ئىتتىپاقلىقىنى، بىرلىكىنى ئاشۇرىدىغان بىر خىل پائالىيەت. مۇھەممەت پەيغەمبەرمۇ مۇشۇ رامىزان ئېيىدا قاتتىق سېخى بولۇپ كېتەتتى. ئالدىغا موھتاج كىم كەلسە ئۇنىڭغا ياردەم قىلاتتى. جانابىي رەسۇللىللاھنىڭ بۇ قىلغانلىرىنى سۈننەتكە ئايلاندۇرۇپ ئىجرا قىلىدىغان بىر پائالىيەت ئىپتار زىياپىتى بېرىش. ئىپتار بېرىشنىڭ قانچىلىك پەزىلەتلىك بىر ئىش ئىكەنلىكى بىر ھەدىستە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: ھەرقانداق بىر ئادەم روزىدار بىر كىشىگە ئىپتارلىق بەرسە روزا تۇتقان ئادەم ئالغاندەكلا ساۋاپ بولىدۇ. روزا تۇتقان ئادەم كۆرسەتكەندەك ئەجىر سىڭدۈرگەن بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق خاسىيەتلىك بىر ئىشنى ئىزچىل ھالدا چەكلەپ كېلىۋاتىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت