خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە رامىزانلىق دىنىي پائالىيەتلەرنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-06-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۈرلۈك بېسىمى ۋە دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى ئۇيغۇرلارنى چۈشكۈنلەشتۈرمەكتە. 2009-يىلى 17-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تۈرلۈك بېسىمى ۋە دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىلىرى ئۇيغۇرلارنى چۈشكۈنلەشتۈرمەكتە. 2009-يىلى 17-ئىيۇل، ئۈرۈمچى.
AFP

بۇ ئاينىڭ 2‏-3 كۈنلىرى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سايباغ رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ۋە ئىسلام جەمئىيىتى، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر، تۇڭگان مەسچىتلىرىنىڭ ئىمام، خاتىپ ۋە مۇتىۋەللى ھەيئەتلىرىنى يىغىپ، رامىزاننى قانداق ئۆتكۈزۈشنى ئورۇنلاشتۇرغان.

يىغىندا، دىنىي زاتلارغا ئۈرۈمچى شەھەرلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى ۋە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ 10‏-نومۇرلۇق ھۆججىتى يەنى،« 2015‏- يىللىق رامىزان ئېيى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى» يەتكۈزۈلۈپ، ھەر قايسى مەسچىتلەردىن ھۆججەتنى روھىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 10 ‏-نومۇرلۇق ھۆججەتتە رامىزان مەزگىلىدىكى دىنىي پائالىيەتلەرگە كونكرېت بەلگىلىمە چىقارغان. جۈمە نامىزى، ئۆشرە-زاكات، تاراۋى، ئىپتار، خۇتبە، قەدىر كېچىسى قاتارلىق ئىبادەت پائالىيەتلىرىنىڭ ئورنى، مەزمۇنى، ۋاقتىغا چەكلىمە قويۇلغان.

مەزكۇر ھۆججەتنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگە خاس بەلگىلىمە ئىكەنلىكى ياكى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا ئورتاق سىياسەت ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلقى رامىزاندا ئوقۇتقۇچى‏-ئوقۇغۇچى، كادىر، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە دەم ئېلىشقا چىققان ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ روزا تۇتۇشىنى چەكلىگەن ئىدى.

دائىرىلەر، بۇ يىلقى بەلگىلىمە مەسچىتلەرنىڭ، دىنىي زات ۋە جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن بۇ بەلگىلىمە د ئۇ ق ۋە بەزى دىنىي زاتلارنى بىئارام قىلدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق دىنىي زات ۋە ژۇرنالىست سىراجىددىن ئەپەندىنىڭ كۆرسىتىشىچە، دىنىي ئىبادەتكە چەك قويۇش ئىنسانلىققا قىلىنغان ئېغىر جىنايەت.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئەڭ ئاۋۋال دىنىي ئىبادەت مەسىلىسى ئەمەس، ئىنسانلىققا قىلىنىۋاتقان جىنايەت بۇ. ھەر بىر ئىنساننىڭ نورمال ئىنسانىي ئەركىنلىكى بولىدۇ. خالىسا دىنسىز بولىدۇ، خالىسا دىندار بولىدۇ، خالىسا ئىسلام دىنىغا ئىبادەت قىلىدۇ، خالىسا خرىستىئان بولىدۇ. خالىسا كوممۇنىست بولۇپ مۇشرىك بولىدۇ. ئەمما ئىنساننىڭ دىنىي ئىبادىتىگە چەك قويۇشنىڭ ئۆزى سېنىڭ ئىنسانلىقىڭنى مەن ئېتىراپ قىلمايمەن، كېچىلەردە ئىبادەت قىلىش، روزا تۇتۇش، نامازنىڭ ۋاقتىنى چەكلەش زولۇق يېيىشنى چەكلەشنىڭ ئۆزى ئىنسانلىققا قىلىنغان ئېغىر جىنايەت بۇ.

سىراجىددىن ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ مۇقەددەس رامىزان ئېيىدا ئىبادەتكە چەكلىمە قويۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ نازۇك نۇقتىسىغا چېقىلغانلىقتۇر، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: يىلدا بىر كېلىدىغان رامىزان بىر ئىبادەت مەۋسۇمى. ئۇ بىر مۇسۇلماننىڭ ھاياتىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. «قۇرئانى كەرىم» دە مۇسۇلمانلارغا بىر ئاي رامازاند روزا تۇتۇشنى پەرز قىلغان. ئۇ ھېچقانداق شەك-شۈبھە يوق بىر ئاي. بۇ ئايدا قۇرئانى كەرىم نازىل بولغان. خۇسۇسەن بۇ رامىزان روزىسى دېسەك، بۇ پەقەت ئاللا بىلەن بەندە ئوتتۇرىسىدا بولىدىغان يېگانە بىر مۇناسىۋەت. بىر ئىنسان تاڭ ئاتقاندىن تارتىپ تاكى كۈن پاتقىچە ھېچ نەرسە يېمەيدۇ، ئىچمەيدۇ. ئۇنىڭ تۇتقان روزىسىنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. شۇنداق تۇرۇپ، بىزنىڭ ۋەتەندە روزىنى، ئىبادەتنى چەكلەش مەسىلىسى بۇ ئىنساننىڭ ئەڭ سەزگۈر نۇقتىسىغا چېقىلغانلىقتۇر.

ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ2015‏- يىللىق رامىزان ئېيى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى» دا يەنە، مەسچىتلەردە ئىپتار بېرىش، دىنىي زاتلارنىڭ رايون ۋە سورۇن ئاتلاپ تەبلىغ قىلىشى چەكلەنگەن.

تەبلىغ سۆزلەيدىغان، خۇتبە ئوقۇيدىغان خاتىپلار چوقۇم دىنىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئورگانلىرىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى تەلەپ قىلىنغان. مەسچىتلەرنىڭ يۇقىرى ئاۋازلىق كاناي ئىشلىتىشى مەنئى قىلىنىپ، قەدىر كېچىسى مەسچىتلەردە تۈنەش چەكلەنگەن.

ئۇنىڭدا يەنە، قەدىر كېچىسى 7‏-ئاينىڭ 13‏-كۈنى قىلىپ بېكىتىلىپ، شۇ كۈنكى ئىبادەت پەقەت يېرىم سائەت ئۇزارتىلغان. مەسچىتلەردە تۈنەشكە بولمايدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇپ، قەدىر كېچىسىدىكى ئىبادەت 11:30 دىن كېيىن قالماسلىقنى تەكىتلىگەن.

سايباغ رايونلۇق دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ باشلىقى مۇرات مەمەت يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ھەر قايسى مەسچىتلەرنىڭ «دەرۋازىسىغا ياخشى قاراپ، ئۆز ئادىمىنى ياخشى باشقۇرۇشى، ئۆز ئىشىنى ياخشى قىلىشى» نى تەكىتلەپ، تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان.

لېكىن سىراجىددىن ئەپەندىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، ئىنسانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بۇ خىل تەدبىرلەر ئىنتايىن خەتەرلىك، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئىنساننى بىر قانۇن-تۈزۈم، ئەخلاق ۋە شەرمى-ھايا ئىچىدە ياشاشقا ئۈندەيدىغان روھىي كۈچ -ئىنساننىڭ ئەقىدىسى. بۇ ئەقىدىنى سۇسلاشتۇرىمەن، دېگەننىڭ مەنىسى ئىنساننى ۋەيران قىلىمەن، دېگەن بولىدۇ. بۇ ئاخىرقى ھېسابتا ھەر قانداق ھاكىمىيەتنىڭ ئۆزىنىڭ بېشىغا بالا قازا ئېلىپ كېلىدۇ. ئۇنداق رايوندا ۋە ھاكىمىيەتتە ھېچقاچان ئامانلىق، مۇقىملىق بولمايدۇ. يەنە كېلىپ مۇسۇلمانلارنىڭ ئەقىدىسىنى سۇسلاشتۇرىمەن، دېگەنلىك ئىسلامغا قارشى جەڭ ئېلان قىلىمەن دېگەنلىك بولىدۇ. بۇ دۇنيادىكى بىر يېرىم مىليارد، ئىككى مىليارد مۇسۇلمانغا جەڭ ئېلان قىلغانلىقتۇر. بۇ بەك خەتەرلىك مەسىلە.

بۇ يىللىق رامازان دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلەشمىسى يېقىندا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان دىنىي سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان مەزگىلدە يېتىپ كەلدى.

دۇنيا مۇسۇلمان ئۆلىمالار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمان دۇكاندارلىرىنى ھاراق-تاماكا سېتىشقا مەجبۇرلىغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت