ئۇيغۇرلاردا رامىزان باشلىنىشتىن ئىلگىرىكى دىنىي مۇراسىملار ۋە رامىزان قوشاقلىرى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2014-07-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2008 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﻰ، ﻫﯧﻴﺘﮕﺎﻫ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2008 - ﻳﯩﻠﻰ 8 - ﺋﺎﯞﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﻰ، ﻫﯧﻴﺘﮕﺎﻫ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

ئۇيغۇرلاردا رامىزان ئېيى باشلىنىپ 30 كۈن روزا تۇتۇش ئىبادىتى تاماملىنىپ رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنى يېڭى ئاي كۆرۈنۈش بىلەن روزا ئاخىرلىشىپ، روزا تۇتۇش پەرزىنىڭ ئادا قىلىنغانلىقى تەنتەنە قىلىنىپ روزا ھېيت بايرىمى قىلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەنە شۇ روزا ئېيى باشلىنىشتىن ئىلگىرىكى ئايلاردىن تارتىپ ئاخىرلاشقۇچە بولغان ئارىلىقتا ئادەتتە كۆپلىگەن دىنىي مۇراسىملار ئۆتكۈزۈلىدۇ.

ئۇيغۇر ئېلىدا نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي مۇراسىملىرىغا ئائىت كىتابلاردا كۆرسىتىلىشىچە «بارات كېچىسى» ھەر يىلى رامىزان ئېيىدىن ئىلگىرى (شەباننىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى كېچىسى) ئۆتكۈزۈلىدىغان دىنىي مۇراسىم. بۇ كۈندە كىشىلەر ئۆي-ئۆيدىن ياغلىق قاپاق، قوغاچلاردىن يېقىلغان مەشئەللەرنى كۆتۈرۈپ، مازارلىقلارغا توپلىشىپ ئەرۋاھلارنىڭ روھىغا دۇئا-تىلاۋەت قىلىدۇ. مۇقام ۋە ھۆكمەتلەرنى ئوقۇپ، ساما سالىدۇ، ھېكايە-چۆچەك ۋە قىسسە ئېيتىشىدۇ شۇنداقلا مەھەللەردىكى ياش بالىلار جەم بولۇپ، ياغلىق قاپاقنى ئۇزۇن بادىرنىڭ ئۇچىغا بېكىتىپ مەسچىتنىڭ ئۆگزىسى ياكى مەھەللىدىكى ھەممە كىشى كۆرەلەيدىغان ئىگىزلىككە چىقىپ مەشئەل يېقىپ:

بارات كەلدى بۈگۈن كېچە،
ئۇخلىماڭلار تاڭ ئاتقىچە.

بارات كەلدى تۇيدۇڭلارمۇ،
قازانغا ياغنى قۇيدۇڭلارمۇ؟

پوشكال-قۇيماق سالدىڭلارمۇ،
بىزگە ئاتاپ قويدۇڭلارمۇ؟

دەپ باشلىنىدىغان «بارات قوشىقى» نى يۇقىرى ئاۋازدا ئۆزىگە خاس ئاھاڭى بىلەن توۋلاپ ھەممە كىشىنى «بارات كېچىسى»نىڭ كىرگەنلىكىدىن خەۋەردار قىلىدۇ. بۇنى «ۋەششەمسى توۋلاش»مۇ دەپ ئاتايدۇ. «ۋەششەمسى» توۋلىغانلارغا كىشىلەر ئۆيلىرىدە پىشۇرۇلغان پوشكال-قۇيماقلارنى ھەدىيە قىلىشىدۇ. «بارات كېچىسى» ئەرۋاھلارنى يوقلاش مۇراسىمى بولۇپ، كونا بارات، يېڭى بارات دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. بۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن ئەجدادلارنىڭ روھىغا سېغىنىش كونا بارات، شۇ يىلى ئىچىدە ئۆلگەنلەرنىڭ روھىنى يوقلاش يېڭى بارات دېيىلىدۇ. «بارات كېچىسى» مۇراسىمى ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە ئىسلام دىنىي مۇراسىمى دەپ قارىلىدۇ.

چەتئەلدە نەشر قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىگە ئائىت ماقالىلەردە يېزىلىشىچە «بارات كېچىسى» دىنىي مۇراسىمىنى كەڭ كۆلەملىك ئۆتكۈزۈش ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشقان پائالىيەت بولۇپ، بۇ مۇراسىم 1950-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋام قىلغان، كېيىن خىتاي كومپارتىيىسى بۇ خىلدىكى دىنىي مۇراسىملارنى ئۆتكۈزۈشنى چەكلىگەن. شۇنىڭ بىلەن «بارات كېچىسى» دىنىي مۇراسىم سۈپىتىدە كوللېكتىپ ئۆتكۈزۈلمەيدىغان، ئەمما ئائىلىلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان دائىرىسى تار بولغان مۇراسىمغا ئايلانغان.

ئۇيغۇرلاردا «بارات كېچىسى» دىنىي مۇراسىمىدىن باشقا يەنە «تۈنەك كېچىسى» مۇراسىمى بولۇپ، بۇ ھەقتە يېزىلغان ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىتابلاردا بېرىلگەن ئۇچۇرلاردا:«تۈنەك كېچىسى-قەمەرىيە يىل ھېسابىدا سەككىزىنچى ئاي-بارات ئېيىنىڭ ئون بەشىنچى كۈنى كېچىسى مۇھەممەت پەيغەمبەرگە «پەيغەمبەرلىك ۋەھى كەلگەن» كېچە دەپ قارىلىپ مۇسۇلمانلار، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار بۇ كۈننىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن «تۈنەك كېچىسى» ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلار تۈن بويى ئىبادەت قىلىدۇ. بۇنى «سۈننەت» دەپ قارايدۇ. بۇ كېچىدە مەسچىت، خانىقالاردا ئىبادەتتە بولغۇچىلار كۆپ بولىدۇ. ئاياللار بولسا ئۆيلىرىدە ئولتۇرۇپ خەتمە ئۆتكۈزىدۇ. كىشىلەر يەنە ياغلىق قاپاقنى كۆيدۈرۈپ بادرا ئۇچىغا ئىلىپ مەشئەل ئورنىدا ئېگىز كۆتۈرۈپ قەبرىستان، مازار-ماشايىقلارغا بېرىپ ئەرۋاھلارنى يوقلايدۇ. شۇ كېچىسى مەخسۇس تاماق قىلىپ يېگۈچىلەر بولىدۇ. بۇ بارغانسېرى كۈچىدىن قىلىۋاتقان دىنىي مۇراسىملاردىن بىرى» دېيىلگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىدىكى ئاسارە-ئەتىقىلەر سودىگىرى ئەھەد ھاجىم «بارات كېچىسى» دىن ئىبارەت بۇ دىنىي مۇراسىمىنىڭ ئىلگىرى قەشقەردە ئېلىپ بېرىلىشى ھەققىدە توختالدى.

‏ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارىخىي ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار رامىزان ئېيىدا دىنىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارغاندىن باشقا، ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە پائالىيەتلەرنىمۇ ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، ئوتتۇز كۈن روزا ئىچىدە كىشىلەر بىر-بىرىنى ئىپتارغا چىللىشىپ، ئۆز-ئارا مېھمان بولۇشۇپ ھەم سۆھبەتتە بولۇشىدۇ. بالىلار روزىنىڭ ئونىنچى كۈنىدىن كېيىن مەھەللە ئارىلاپ، ھەر بىر ئائىلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ رامىزان قوشاقلىرىنى ئېيتىشىپ ئوينايدۇ. ئۆي ئىگىلىرى ئۇلارغا ھەر خىل يېمەكلىكلەرنى ۋە پۇل-مال سوۋغا قىلىدۇ. رامىزان قوشاقلىرى ھەر خىل مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بالىلار:

روزىنىڭ ئونى كۈنى قەدرى كۈنى،
روزىنىڭ زاكاتىنى بىرىڭ قېنى.

رامىزانۇ-رامىزان، ئالاھۇ شەررا مىزان،
مۇھەممەد ئۇممەتىگە شەررا مىزان.  
رامىزان ئېيتىپ كەلدۇق ئىشىكىڭگە،
خۇدايىم بالا بەرسۇن بۆشۈكىڭگە،

ئۆيىڭىزنىڭ ئارقىسىدا ئاي كۆرۈنەر،
ھەممە ئۆيدىن مۇشۇ ئۆي باي كۆرۈنەر.

ئۆيىڭىزنىڭ ئارقىسىدا قاتار-قاتار قوينىڭ ئىزى،
بىزگە بىر پاقلان بېرىڭ باينىڭ قىزى.

رامىزاندا ئۆلتۈرگىنىڭ بوز-ئالا قوي،
گۆشىنى ئۆزۈڭ يىسەڭ تۆشىنى قوي.

قوزۇقۇڭنى ئۇ يەرگە قاق، بۇ يەرگە قاق،
تاغىرىڭدا ئۇن بولمىسا سۇپراڭنى قاق.

قوندىقىدا توخۇلىرى قاقاقلايدۇ،
پىخسىق خوتۇن نان بەرمەي ۋالاقلايدۇ.

دېگەندەك قوشاقلارنى توۋلاپ مەھەللە ئارىلايدۇ.

رامىزان ئېيىدىكى بۇ پائالىيەت ھەققىدە توختالغان ئەھەد ھاجىم بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ ئىلگىرى قەشقەرنىڭ پۈتكۈل يېزىلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت