تۈركىيەنىڭ قەيسەرى، ئەنقەرە ۋە باشقا شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيتنى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزمەكتە

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016-09-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزئارا ھېيت تەبرىكلەشمەكتە
تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۆزئارا ھېيت تەبرىكلەشمەكتە
RFA/Erkin Tarim


بۈگۈن، ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭ ھېيتلىرىدىن بىرى بولغان قۇربان ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى.

تۈركىيەدە بۇ يىل قۇربان ھېيتى نامىزى بۈگۈن، يەنى 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئوقۇلدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ يىل ھېيتتا 9 كۈن تەتىل قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىدى. تۈركىيەدە مىليونلىغان كىشىلەر ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن جەم بولۇپ، ھېيت نامىزى ئوقۇپ، ئالەمدىن ئۆتكەن يېقىنلىرىنىڭ قەبرىسى بېشىدا دۇئا قىلىپ، قۇربانلىق قويلارنى سويۇۋاتقان شۇ پەيتلەردە، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار قانداق ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ؟

بىز تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە، قەيسەرى ۋە باشقا شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ھېيت ئۆتكۈزۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدۇق.

قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، بۇرۇن كەلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن 2014 - 2015 - يىللىرى تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق كەلگەن ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بولۇپ، ھېيت نامىزى ئوقۇغانلىقى، نامازدىن كېيىن ھال - ئەھۋالى ياخشى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇربانلىق قويلىرىنى سويۇۋاتقانلىقى، نامرات ئۇيغۇرلارغا باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە تۈركلەرنىڭ ياردەم قولىنى سۇنىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى قەيسەرىدە ھازىر ئىككى چوڭ ئۇيغۇر مەھەللىسىنىڭ بارلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ئىچىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە قۇربان ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
turkiye-qurban-heyt-2016-2.jpg
بىز بۈگۈن، يەنى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇساپىرلار بىلەنمۇ تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق. ئۇلار ئەركىن دۇنيادا قۇربان ھېيتنى ياخشى ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى، ئەمما يۈرەكلىرىنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى سېغىنىش ئوتىدا كۆيۈۋاتقانلىقىنى، كۆڭۈللىرىنىڭ ناھايىتى يېرىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتى.

تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھرىدە ھازىر ئىككى ئۇيغۇر مەھەللىسى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ بىرى 1964 - يىلى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرى ئەخمەت يەسەۋىي مەھەللىسىگە جايلاشتۇرۇلغان ئۇيغۇرلاردىن تەركىپ تاپقان مەھەللە، يەنە بىرى بولسا 2013 - 2014 يىللىرىدا مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق كەلگەن ئۇيغۇرلار تۇرۇشلۇق بەلسىن دۆلەت قورۇسىدۇر. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھازىر 2 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

قۇربان ھېيت 20 - سىنتەبىر كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت