تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي بېسىمى كۆرسىتىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015-06-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ت ر ت ئاۋاز تېلېۋىزىيىسىدە رىياسەتچى گۆكچەن ئوگان خانىم ئۆتكەن يىلى مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەن ئادىل ئابدۇغوپۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا. 2015-يىلى ئىيۇن، تۈركىيە.
تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ت ر ت ئاۋاز تېلېۋىزىيىسىدە رىياسەتچى گۆكچەن ئوگان خانىم ئۆتكەن يىلى مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەن ئادىل ئابدۇغوپۇر ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارماقتا. 2015-يىلى ئىيۇن، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇشقا چەك قويۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىگە تارقىتىۋاتقان ت ر ت ئاۋاز تېلېۋىزىيىسى «دۇنيا بۈلتەنى» ناملىق پروگراممىسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى كۆرسىتىلدى.

گۆكچەن ئوگان خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان پروگراممىدا ئۆتكەن يىلى مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەن ئادىل ئابدۇغوپۇر ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي چەكلىمىلەرنى مىساللار بىلەن ئاڭلاتتى. ت ر ت ئاۋاز تېلېۋىزىيىسىدە ئادىل ئابدۇلغوپۇر ئەپەندى ئاڭلىتىۋاتقان ۋاقتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى، تۇتقۇن قىلىش، ئۆلتۈرۈش ۋە قوراللىق باستۇرۇشتەك قىلمىشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىم ۋە سىنئالغۇ كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلدى. ئارقىدىن پروگرامما رىياسەتچىسى گۆگچەن ئوغان خانىم: بىز بۈگۈنكى «دۇنيا بۈلتەنى» ناملىق پروگراممىمىزدا تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرىدىن بىرى بولغان شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان دىنىي چەكلىمىلەر توغرىسىدا توختىلىمىز، دەپ پروگراممىغا باشلىدى.

ئادىل ئابدۇغوپۇر ئەپەندى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ يۇرتىنى تاشلاپ تايلاند ۋە مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىپ كېلىشتىكى سەۋەبلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇ، مۇساپىر ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىنكى ئەھۋالى توغرىسىدىمۇ مەلۇمات بەردى. ئۇ، ئۆزىنىڭ 18 يىل خىتاي تۈرمىسىدە ياتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا بۇنداق ئېغىر بېسىم ئىشلىتىشىدىكى سەۋەبنىڭ ئۇيغۇرلارنى پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق ئادىل ئابدۇغوپۇر ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت