دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار: خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن دىنىي ئېتىقادىغا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2016-06-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«ھەقىقىي ھايات» ناملىق ژۇرنالنىڭ شۇ ناملىق تەمىدىكى در. ئابدۇلھامىت ئاۋشارنىڭ زىيارەت خاتىرىسىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
«ھەقىقىي ھايات» ناملىق ژۇرنالنىڭ شۇ ناملىق تەمىدىكى در. ئابدۇلھامىت ئاۋشارنىڭ زىيارەت خاتىرىسىدىن سۈرەتكە ئېلىنغان.
RFA/Arslan

تۈركىيەدە چىقىدىغان «ھەقىقىي ھايات» دېگەن ژۇرنالنىڭ بۇ ئايلىق سانىدا: «خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش ئۈچۈن دىنىي ئېتىقادىغا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ» دېگەن تېمىدا بىر زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىندى. بۇ زىيارەت خاتىرىسى «ھەقىقىي ھايات» ژۇرنىلىنىڭ مۇخبىرى مەھمەتئىمىن تالاشنىڭ، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

زىيارەت خاتىرىسىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ رامزان ئېيىنىڭ باشلىنىشى بىلەن تەڭ ئۆتكەن يىلدىكىگە ئوخشاش بۇ يىلمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا چەكلىمە قويغانلىقى، خىتاي ساقچىلىرى ئالدىغا كەلگەن ھەر قانداق ئۇيغۇرنى سوراققا تارتىۋاتقانلىقى، كادىرلار، ئوقۇغۇچىلار، ئەسكەرلەر، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ روزا تۇتۇشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

زىيارەت خاتىرىسىدە يەنە، رامزان مەزگىلىدە ئۇيغۇرلار ئاچقان يېمەكلىك دۇكانلىرىنىڭ تاقالماستىن ئوچۇق تۇتۇشقا مەجبۇرلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

زىيارەت خاتىرىسىدە يەنە تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى نەتىجىسىدە تايلاندقا قېچىپ پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ سەۋەبسىز بىگۇناھ ھالدا تۈرمىگە قامالغانلىقى ئىپادىلەنگەن.

دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئۇيغۇرلاردىن ۋە مۇسۇلمانلاردىن قورقىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى بىر شەكلىدە كونترول ئاستىدا تۇتۇشقا ئۇرۇنماقتا. ئۇيغۇرلار مۇسۇلمانلىق ئېتىقادىنى داۋام قىلغان مۇددەتكىچە ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلماقتا.»

بىز بۇ زىيارەت خاتىرىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشارنى زىيارەت قىلدۇق.

دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سورىغان بىر قاتار سوئاللىرىمىزغا ئەتراپلىق جاۋاب بەردى.

بۇ ھەقتىكى سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاۋازلىق ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت