87 يېشىدا لاگېرغا سولانغان ئالىم-ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىم

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-03-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاينىڭ جازا لاگېرىدا جان ئۈزگەن دىنىي ئالىم ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىم. 2015-يىلى، خوتەن.
خىتاينىڭ جازا لاگېرىدا جان ئۈزگەن دىنىي ئالىم ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىم. 2015-يىلى، خوتەن.
Muhemmed Éli teminligen

23-مارت ئابدۇلئەھەد ھاجىمنىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئائىلە تاۋابىئاتلىرى «تۈركىستان تايمس‏» (turkistantimes.com) تور بېتىدە خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىم ئۈستىدىن چىقارغان جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئېلان قىلغان.

خوتەن ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا دەرىجىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن 2004-يىلى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى چىقىرىلغان 13-نومۇرلۇق جىنايى ئىشلار ھۆكۈمنامىسىگە ئاساسلانغاندا، ئابدۇلئەھەد ھاجىم قانۇنسىز دىن ئوقۇتۇشتا پايدىلىنىدىغان دەرسلىك تۈزۈپ چىققان، ئۆز ئۆيىدە قۇتراتقۇلۇق قىلىش مەقسىتىدە ئەرەبچە كىتابلارنى ساقلىغان دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قېلىنغان. جازا مۇددىتى 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە بولىدۇ، دەپ يېزىلغان. ئادەتتە خىتاينىڭ ھۆججەتلىرىدە ئۇنىڭ ئىسمى «ئابلەت بارات‏» دەپ ئاتالسىمۇ خەلق ئارىسىدا «ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىم» ئىسمى بىلەن تونۇلغان.

ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە شاگىرتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2004-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى خوتەن دائىرىلىرى شۇ ۋاقىتتا 75 ياشقا كىرگەن ئابدۇلئەھەد بارات مەخسۇمنى قولغا ئالغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتقىچە تۆتىنچى قېتىم قولغا ئېلىنىشى ئىدى. ئەمما ھۆكۈمنامىدە ئۇنىڭ يېشى 70 ياش دېيىلگەن.

ئابدۇلئەھەد بارات 2009-يىلى، جازا مۇددىتىنى تۈگىتىپ، تۈرمىدىن چىققان بولسىمۇ، ئەمما 2017-يىلى 87 ياش مەزگىلىدە قايتىدىن لاگېرغا ئېلىپ كېتىلىپ، 2018-يىلى لاگېردا جان ئۈزگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققانىدى. خوتەن ۋە باشقا جايلاردا نامى تونۇلغان بۇ دىنىي زاتنىڭ ئۆلۈمى چەتئەللەردىكى ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان بولۇپ، ئۇنى ھازىرغىچە ئەسلەپ كەلمەكتە. يېقىندا بولسا ئۇنىڭ 2004-يىلى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ھۆكۈمنامىسى ئېلان قىلىنىپ، ئۇنىڭغا قانداق جىنايەتلەر ئارتىلغانلىقى رەسمىي مەلۇم بولدى.

ئابدۇلئەھەد ھاجىمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى «تۈركىستان تايمىس ‏» تور بېتىدە «خىتاي زالىملىرىنىڭ بىگۇناھ مەخسۇم ھاجىمنى ۋەھشىيلەرچە شېھىت قىلىۋەتكەنلىكىنىڭ پاكىتىنى دۇنياغا يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلاش مەقسىتىدە بۇ ھۆكۈمنامىنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئېلان قىلدۇق‏»، دەپ ئەسكەرتكەن.

ئابدۇلئەھەد بارات ھاياتىدا كۆپ قېتىم تۈرمە ۋە ئەمگەك لاگېرلىرىغا سولانغانىكەن.

ئابدۇلئەھەد بارات ھاجىنىڭ تۈركىيەدىكى جىيەنى دوكتور ياقۇپ بۇغرانىڭ نەۋرىسى، ئىستانبۇل ئوغۇللار تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ دىن ۋە ئەخلاق دەرسى مۇئەللىمى مۇھەممەد ئېلى ئەپەندى ئابدۇلئەھەد ھاجىنى ئەسلەپ: «تولىمۇ مۇشەققەتلىك بىر ھايات كەچۈردى، ئۆزى ئاشۇ يولنى تاللىۋالغان» دېدى.

ئابدۇلئەھەد ھاجىم يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر زات، دىنىي ۋە مىللىي يولباشچى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ جىيەنى بولۇپ، 1931-يىلى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى داۋاكۆل مەدرىسىسىدە تۇغۇلغان.

تۇغقانلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇلئەھەد ھاجىمنىڭ دادىسى بارات داموللاممۇ ئەينى ۋاقىتتىكى شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي-ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەنىكەن.

تۇغقانلىرى يەنە ئابدۇلئەھەد ھاجىم ھەققىدە ئاتا-ئانىلىرىدىن ئاڭلىغانلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئەينى ۋاقىتتا ئابدۇلئەھەد ھاجىم تېخى ئەمدى تۆت-بەش ياشلاردىكى كىچىك بالا بولسىمۇ، ئائىلە ئەزالىرى بىلەن قوشۇپ تۇتقۇن قىلغان. ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتۈپ قويۇۋېتىلگەن. قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنمۇ بۇنداق قەرەلسىز تۇتقۇن قىلىش ۋە ئېغىر سوئال-سوراقلارغا تارتىشلار توختىمىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 1958-يىلى ئابدۇلئەھەد ھاجىمنى ‹تارىخ دەرسلىرىنى ئوقۇغان ۋە ئۇنى مەدرىسىدە باشقىلارغا يەتكۈزگەن›دېگەن باھانە بىلەن 12 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان. بۇ ۋاقىتتا ئابدۇلئەھەد ھاجىمغا توي قىلغىلى ئەمدىلا بىر يىل بولغان ئىكەن. 1970-يىلى ئابدۇلئەھەد مەخسۇم جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىنمۇ، داراسكال كەنت مۇدىرلىقى: ‹بۇنداق ئۇنسۇرنى بىز كەنتىمىزگە ئەمدى قوبۇل قىلمايمىز، يۇقىرىدىكىلەر ئۆزلىرى بىلىپ بىر تەرەپ قىلىۋەتسۇن› دەپ، ھۆكۈم مۇددىتى توشقاندىن كېيىنمۇ ‹ئۆز كەنتىگە قايتسا بولىدۇ› دېگەن تەستىق ۋارىقىنى يىرتىپ تاشلىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇلئەھەد ھاجىم يەنە ئىككى يىل ئارتۇق ئەمگەككە سېلىنىپ جازالانغان.

ئابدۇلئەھەد بارات ھاجى 1972-يىلىنىڭ ئاخىرى تۈرمىنىڭ ئەمگەك مەيدانىدىن قېچىپ كەتكەن ۋە سەككىز يىل قېچىپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. 1982-يىلى تۇغقان يوقلاش ۋە تاشقى دۇنيانى كۆرۈش مەقسىتىدە پاكىستان ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن. تۈركىيەدە بىر يېرىم يىلدەك تۇرغاندىن كېيىن ئەرەبىستانغا بېرىپ ھەج پەرزىنى ئادا قىلىپ ۋەتىنىگە قايتقان. ئابدۇلئەھەد ھاجى ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن تاكى 2004-يىلىغىچە خوتەن شەھىرى ۋە قاراقاش ناھىيەسىدە ئىزچىل دىنىي مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.

تۈركىيە سەلجۇق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى بويىچە دوكتورانتى ئابدۇرېھىم دۆلەت ئەپەندى، ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇپ قېلىش پۇرسىتى بولسىمۇ يەنىلا خوتەنگە قايتىپ كېتىشنى تاللىغانلىقى ھەققىدە ئۆز قەلىمى بىلەن يازغان مۇنۇ قۇرلارنى بىز بىلەن ئورتاقلاشتى: «مەن بۇ يەردە قالسام ۋەتىنىمگە، مىللىتىمگە، دىنىمغا خىزمەت قىلىپ بېرەلمەيدىكەنمەن. بۇ يەردە قورساق بېقىپ، تىنچ تۇرمۇش ئۈچۈنلا ياشىسام بولىدىكەن.»

ئۇ يەنە ئابدۇلئەھەد ھاجى تۈركىيەدىن قايتىش يولىدا پاكىستاندا يازغان «ھەسرىتىم» ناملىق شېئىرى ھەققىدە توختىلىپ، مۇشۇ شېئىر ئارقىلىق ھاجىنىڭ ۋەتەن مىللەت ۋە دىننىڭ مەنپەئەتىنىڭ ھەممىسىنى بىرلەشتۈرۈپ قارىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز، دېدى. «ھەسرىتىم‏» ناملىق شېئىردا ئۇنىڭ ئوي-پىكىرلىرى مۇنداق بايان قىلىنغان:

ھۆر ۋەتەن تۈركىيەدىن ئايرىلمىقىم ھەسرىتىم،

گەر قىزىللار زۇلۇم قىلسا باشتا باردۇر كۈلپىتىم.

ۋالىدەم، ئەۋلادى قارداش ناتىۋانلار بولمىسا،

قايتماس ئەردىم ھۆر ۋەتەندىن تاپىلۇردى ئۈلپىتىم.

ئانا يۇرتۇم قالدى زۇلمەت ئاسارەتنىڭ ئاستىدا،

مىللىتىمنىڭ خورلۇقىغا ئەسلى يوقتۇر تاقىتىم.

ھەر كۈنى تەھدىت ئىچىدە ئۆتسىمۇ كۈنلەر ماڭا،

مىللىتىمگە بىر ئېغىز ئىلىم ئۆگەتمەك تائىتىم.

قامىسا، ئۆلتۈرسە دۈشمەن مەنغىنە يالغۇز ئەمەس،

شۇھەدالەرگە قوشۇلسام، ھەل بولۇر چوڭ نىيىتىم.

تۈركىيەدىكى «تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى» نىڭ ساھىبى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى، ئابۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىمنى ياخشى بىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ: «ھاجىم ھاياتىدا كۆپ قېتىم تۇتۇلۇپ، پاراكەندىچىلىككە ئۇچراپ تۇرسىمۇ يەنىلا، خوتەندە دىنىي مائارىپ ئۈچۈن كۆپ خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا تەرجىمە ئەسەرلەرنى ئىشلىگەن بىردىنبىر ئۆلىما دېيىشكە بولىدۇ» دېدى.

ئابدۇلئەھەد ھاجىمنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق ئوقۇغۇچىلىرىدىن سىراجىدىن ئەزىز ئەپەندى ئۇستازىنى ئەسلەپ مۇنۇلارنى ئېيتتى: «پەقەت دىنىي ئۆلىما بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ تۇغقىنى بولغانلىقى ئۈچۈن دائىم پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىدى. ئاشۇنداق 24 سائەت رېجىم ئاستىدىمۇ بالىلارنى ئوقۇتۇشنى، خەلقنى ئويغىتىشنى توختىتىپ قويمىدى.»

ئابدۇلئەھەد ھاجىم ۋېلىسىپىتكە مىنىپ مەھەللەممۇ-مەھەللە ئايلىنىپ بالىلارغا دەرس بەرگەن ئىكەن، ئاشۇنداق دەرس بەرگەن ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىرى، ئاۋسترالىيەدە تۇرۇشلۇق ئابدۇسالام ئالىم ئەپەندى، كىچىك ۋاقتىدا تەلىم ئالغان ئۇستازى ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىمنى ئەسلەپ، «بەك مېھرىبان، ئاق كۆڭۈل ئادەم ئىدى، ئوقۇغۇچىلىرىغا بەك كۆيۈنەتتى» دەيدۇ.

ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2017-يىلى «ھەر بىر پۇقرا بىردىن خىتاي بىلەن تۇغقان بولۇش» سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈۋاتقان مەزگىلدە، ئابدۇلئەھەد ھاجىمغىمۇ بۇ ئۇقتۇرۇش كەلگەن. ئەمما ئابدۇلئەھەد ھاجىم مۇنداق سۈنئىي تۇغقان بولۇشنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەتكە خىلاپ ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ كەسكىن رەت قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى 11-ئايدا ئابدۇلئەھەد ھاجىمنىڭ بارلىق ئائىلە ئەزالىرىنى تۈرمىگە ۋە ئۆزگەرتىش مەركەزلىرىگە قامىغان. بۇ قېتىم قامالغاندىن كېيىن ھېچكىم ھېچقانداق خەۋەر ئالالمىغان. ئارىدىن ئالتە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئائىلىسىگە ئابدۇلئەھەد ھاجىمنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى يەتكۈزگەن.

دوكتورانت ئابدۇرېھىم دۆلەت ئەپەندى، 2017-يىلى ياشىنىپ قالغان ھاجىمنى لاگېرغا سولىشىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىم مەيلى كېلىپ چېقىشى سەۋەبىدىن بولسۇن مەيلى ياشاش ئۇسۇلى جەھەتتىن بولسۇن خوتەنلىكلەر ئارىسىدا بىر خىل مەنىۋى سىمۋولغا، مەنىۋى داھىيغا ئايلانغان. خىتاينىڭ 2017-يىلىدىكى بۇ زۇلۇمىنى يۈرگۈزۈشىنىڭ سەۋەبى ئۇيغۇرلارنى مەنىۋى جەھەتتىن پۈتۈنلەي تىز پۈكتۈرۈش. ئاشۇنداق سىمۋوللۇق كىشىلىرىمىزگە زەربە بېرىش ئارقىلىق ئومۇمى مىللەتنى مەنىۋى جەھەتتىن بويسۇندۇرماقچى، دەپ قارايمەن.»

تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق، خوتەندىن چىققان دىنىي زاتلاردىن ئەكبەر ئېلى ھاجىمۇ يۇقىرىقى سۆزلەرنى تەستىقلاپ مۇنداق دېدى: «ئابدۇلئەھەد مەخسۇم ھاجىم، خوتەن خەلقىنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مەنىۋى ئۇستازى ئىدى.»

مۇھەممەد ئېلى ئەپەندى 2017-يىلى ياشىنىپ قالغان ھاجىمنى لاگېرغا سولىشى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ 87 ياشلىق كىشىنى زىندانغا تاشلىشىدىكى سەۋەب شۇكى ئابدۇلئەھەد ھاجىمدەك بىزگە مەنىۋى ئوزۇق بولىدىغان ئاقساقاللىرىمىزنى يوقىتىش. بىر مىللەتنىڭ تارىخىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇشۇنداق كىشىلەر بولمىسا مىللەت ئۆزىنىڭ تارىخىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. تارىخ ئۇنتۇلسا كەلگۈسىدىن سۆز ئىچىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس.»

ئابدۇلئەھەد ھاجىمنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىدىن، تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندى ئابدۇلئەھەد ھاجىم بىلەن ئۆتكۈزگەن ۋاقىتلىرىنى ئەسلەپ كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىدى: «ھاجىم دادام ھەممە ئادەمگە مېھىر-شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان، بەك كەمتەر، مېھرىبان ئادەم ئىدى. ‹ۋەتەن، مىللەت› دەپ بىر ئۆمۈر ئوتنىڭ ئىچىدە كۆيدى. ئۇنىڭ ئىزىدىن مېڭىشقا نېسىپ قىلسۇن، ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي».

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت