ميۇنخېندىكى ئامېرىكا باش كونسۇلى د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن ئوچۇق تور سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-10-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ميۇنخېندىكى ئامېرىكا باش كونسۇلى مېغان گرېگونىس خانىم بىلەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئوچۇق تور سۆھبىتى ئۆتكۈزۈۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 26-ئۆكتەبىر.
ميۇنخېندىكى ئامېرىكا باش كونسۇلى مېغان گرېگونىس خانىم بىلەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئوچۇق تور سۆھبىتى ئۆتكۈزۈۋاتقان كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 26-ئۆكتەبىر.
RFA/Ekrem

باش كونسۇل مېگان گرېگونس بىلەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ سۆھبەت تېمىسى كەڭ ساھەلەرگە چېتىلدى.

22-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكانىڭ ميۇنخېندىكى كونسۇلخانىسى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايقىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا «1 مىليون ئۇيغۇر لاگېردا» دېگەن سىمۋوللۇق بەلگە بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچۇر تارقاتتى. مەزكۇر ئۇچۇردا باش كونسۇل مېگان گرېگونس بىلەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ 26-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى توغرىسىدا ئوچۇق تور سۆھبىتى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ تور سۆھبىتى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت 15:30 دا باشلاندى.

بۈگۈنكى بۇ تور سۆھبىتىدە باش كونسۇل مەگان گرېگونس خانىمنىڭ دولقۇن ئەيسادىن سورىغان تۇنجى سوئالى «سىز ئالدى بىلەن د ئۇ ق ۋە ئۇنىڭ خىزمەتلىرى توغرىسىدا چۈشەنچە بەرسىڭىز، سىز قاچاندىن بۇيان بۇ تەشكىلاتتا خىزمەت قىلىۋاتىسىز ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىپ كەلدىڭىز؟» دېگەندىن ئىبارەت بولدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا د ئۇ ق نىڭ 2004-يىلى قۇرۇلغانلىقىنى ۋە قۇرۇلغاندىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك ئالىي ئورگىنى سۈپىتىدە دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تونۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنلىكىنى، 2017-يىلى ئۆزىنىڭ رەئىس بولۇپ سايلانغاندىن بۇيان ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى قىسقىچە ئىزاھلاپ ئۆتتى.

سۆھبەتتە يەنە «شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى قانداق؟ سىز ئۆزىڭىزنىڭ قىسقىچە كەچمىشلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بېرەلەمسىز ھەمدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق كۆرۈشى مۇساپىسىدە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتەمسىز؟ بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى خىتايغا قارىتا پىكىر بايان قىلغانلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا نىسپبەتەن بېسىم قىلىدىكەن. بۇنداق ئىش سىز ياكى ئائىلىڭىزدىكىلەرگە قارىتا يۈز بېرىپ باقتىمۇ؟ سىلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىڭلاردا مۇئەييەن بىر ئۆزگىرىشلەر، ئىلگىرىلەشلەر بولدىمۇ؟ سىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ توختىماي قارىلاشلىرى ۋە ئەيىبلەشلىرىگە قانداق تاقابىل تۇرۇپ كەلدىڭىز؟ خەلقئارا جەمئىيەت بۇ زۇلۇملارغا خاتىمە بېرىشى ئۈچۈن قانداق قىلىشى لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلىسىز؟. . .» دېگەندەك سوئاللار سورالدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سوئاللارغا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ نۆۋەتتىكى رېئال ۋەزىيىتىنى، ئۆزىنىڭ، ئائىلىسىنىڭ ئەمەلىي كەچمىشلىرىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ئەتراپلىق جاۋابلارنى بەردى. جازا لاگېرلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەر، ئۇيغۇر نارىسىدەلىرىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەر، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە نەسىل قۇرۇتۇش خاراكتېرلىك زۇلۇملار، مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى، خىتايلاشتۇرۇش ئاسسىمىلياتسىيە قاتارلىقلار ئۇنىڭ جاۋابىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى تەشكىل قىلدى.

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى ئامېرىكا كونسۇلىنىڭ د ئۇ ق رەئىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن بۇ ئوچۇق تور سۆھبىتىگە قارىتا پىكىر بايان قىلغاندا، «بۇ پائالىيەت ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى قوللاشىنىڭ بۇندىن كېيىن يەنىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ،» دېدى. د ئۇ ق نىڭ رەئىس ۋەكىلى، «شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ د ئۇ ق بىلەن ئىش بىرلىكى ھەم ئوچۇق سۆھبەت ئېلىپ بېرىشىنىڭ د ئۇ ق نىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى تېخىمۇ يۈكسەلدۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ميۇنخېندىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسىنىڭ د ئۇ ق بىلەن بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان بۇ پائالىيىتى «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى پائالىيىتى» دەپ ئاتالغان بولۇپ، باش كونسۇل مېگان گرېگونس خانىم يەنە 28-ئۆكتەبىر كۈنى د ئۇ ق نىڭ ياۋروپاغا مەسئۇل ۋەكىلى ئەسقەرجان بىلەن، 30-ئۆكتەبىر كۈنى د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئاي ئەركىن بىلەن ئوچۇق تور سۆھبىتى ئېلىپ بارىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت