يەركەندىكى دوخان پاشا مازارلىقى ۋە ئەتراپىدىكى مەھەللىلەرنىڭ چېقىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2019-09-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
چېقىلىۋاتقان يەركەن باغ مەھەللە ۋە دوخان پاشا مازارلىقىنىڭ سۈنئىي ھەمراھىدىن ۋە 2018-يىلىغا سېلىشتۇرما كۆرۈنۈشى. 2019-يىلى سېنتەبىر.
چېقىلىۋاتقان يەركەن باغ مەھەللە ۋە دوخان پاشا مازارلىقىنىڭ سۈنئىي ھەمراھىدىن ۋە 2018-يىلىغا سېلىشتۇرما كۆرۈنۈشى. 2019-يىلى سېنتەبىر.
Oqurmen Teminligen

ئىگىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەركەندىكى قەدىمىي تارىخقا ئىگە دوخان پاشا مازارلىقىنى يۆتكەشكە ئائىت ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرى بىلەن بۇ ھەقتىكى قۇرۇلۇش پىلانلىرى ئاشكارا بولماقتا. يەركەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر 2017-يىلى 3-ئايدا دوخان پاشا مازارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەركەن كونا شەھىرىدىكى پۈتۈن باغ مەھەللە رايونىنى قايتا تۈزەش ھەققىدە «يەركەن ناھىيەسىنىڭ 2017-يىللىق كەپىلىك مەھەللىلەرنى چېقىش ۋە تۈزەش پىلانى» نى ئېلان قىلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پىلان كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەن مەزكۇر پىلاننىڭ 1-مۇددەتلىك تۈزەش قۇرۇلۇشىغا دەل دوخان پاشا مازارلىقى جايلاشقان يەركەن بازار ئوتتۇرا مەھەللە باشقۇرۇش كومىتېتىغا قاراشلىق باغ مەھەللە نىشانغا ئېلىنغان ئىكەن. يەرلىك دائىرىلەر 674 مىڭ كۇۋادىرات مېتىرغا يېقىن دائىرىنى چېقىپ تۈزلەش سېرىق سىزىقى ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ئىككى يىل ئىچىدە بۇ دائىرىدىن 1700 ئائىلە ۋە 5780 ئادەم كۆچۈرۈلىدىكەن.

سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلىش داۋامىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنى تارقىتىپ، بۇ يىل 7-ئاينىڭ 19-كۈنىگىچە بولغان ئىككى يىل ئىچىدە دوخان پاشا مازارلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قەدىمىي مەھەللىلەرنى چېقىپ تۈزلىۋېتىش پىلانىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

ئەمما يەركەندىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر باغ مەھەللىنى چېقىپ تۈزەش پىلانى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى قاتتىق قامال قىلغان بولۇپ، ئۇلار بىزنىڭ تېلېفون ئارقىلىق كۆپ قېتىم سورىغان سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلدى.

ئامېرىكادا ياشاۋاتقان بەھرام سىنتاش يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا چېقىۋاتقان مەسچىت-جامەلەر، مازارلار ۋە قەدىمىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھەققىدە خەلقئارالىق ئاخباراتلارغا ماتېرىيال توپلاپ تەقدىم قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا ئۆزىنىڭ يېقىندا سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەركەندىكى دوخان پاشا مازارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قەدىمىي مەھەللىرىنى چېقىپ تۈزەۋاتقانلىقىنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2018-يىلىدىكى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدە ئېنىق كۆرۈنگەن دوخان پاشا مازارلىقىغا يېقىن جايدىكى خانىقا مەسچىتى بىلەن ئەتراپتىكى مەھەللىدىكى ئۆيلەرنىڭ ئورنى ھازىر قۇرۇقدىلىپ قالغان ئىكەن. يەنى 2019-يىلى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان سۈرەتلەردە بۇ جايدىكى مەسچىت ۋە ئۆيلەر غايىب بولغان.

مازار تەتقىقاتچىسى دوكتور راھىلە داۋۇت بىلەن ئىلگىرى ھەمكارلاشقان ئامېرىكالىق فوتوگراف لىسا روز خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇرۇن بىر قانچە قېتىم ئۇيغۇر دىيارىغا بارغىنىدا نۇرغۇنلىغان قەدىمىي مازارلىقلارنى سۈرەتكە ئېلىپ توپلىغانلىقىنى بايان قىلدى. بىز يەركەندىكى دوخان پاشا مازىرى ۋە ئۇنىڭ تارىخى ھەققىدە لىسا رۇس خانىمنىڭ سۈرەتلەر ئارخىپىغا مۇراجىئەت قىلدۇق. لىسا خانىم بىر قانچە كۈن ئىزدەنگەندىن كېيىن «مەن يەركەندىكى قەدىمىي مازارلارنى ئاساسەن دېگۈدەك ھەممىسىنى ئارىلاپ سۈرەتكە تارتقان ۋە ماتېرىيال توپلىغان بولساممۇ، ئەپسۇسلىنارلىقى، ئارخىپلىرىم ئىچىدىن دوخان پاشا مازىرىغا مۇناسىۋەتلىك سۈرەت ياكى ماتېرىياللارنى تاپالمىدىم» دېدى.

ئەمما لىسا روز خانىم ئۇيغۇر ئېلىدە يىلدىن-يىلغا چېقىلىپ غايىب بولۇۋاتقان قەدىمىي مازارلىقلاردىكى ئورتاق نۇقتىلارنى ئەسكەرتىپ، مۇنداق دېدى: «مەن يەركەنگە كۆپ قېتىم بارغان. ئەينى چاغدا راھىلە داۋۇت بىر تەتقىقاتچى، مەن بولسام بىر فوتوگراف سەنئەتكار سۈپىتىدە بارغان ئىدىم. ھەقىقەتەنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دوخان پاشاغا ئوخشاش كۆپلىگەن قەدىمىي مازارلىقلارنى بىر كۈنلەردە يوقىتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن. مەن بۇ قەدىمىي ئۇيغۇر مازارلىقلىرىدا نۇرغۇن ئاياللارنىڭ كېلىپ تاۋاپ قىلىپ، بۇ يەرگە يالداما بۇيۇملارنى قويۇپ كېتىدىغانلىقنى، بەزى مازارلاردا قۇربانلىق قىلىنىپ كەمبەغەللەرگە تارقىتىلىدىغانلىقىغىمۇ شاھىت بولغان ئىدىم. بۇ مازارلار نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە يادىكارلىقلاردۇر. ئادەملەر تەرەپ-تەرەپلەردىن بۇ مازارلىقلارغا كېلىپ تاۋاپ قىلىدىكەن. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ جايلار ئۇلارنىڭ روھىي ۋە مەنىۋى ھاياتىغا تەسەللى بېرىدىغان بىر تاۋابگاھ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا كۆرۈشىدىغان ھەم ئالاقە ئورنىتىدىغان مۇھىم ‹ئىجتىمائىي سورۇنى› ھېسابلىنىدىكەن. مېنىڭچە، خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلەر تاۋاپ قىلىدىغان بۇنداق ئۇلۇغ جايلارنى يوقىتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقاتماقچى.»

لىسا روز خانىم يەركەن خانىقا دەرۋازىسىغا ياندىشىپ جايلاشقان دوخان قەدىمى مازىرىنىڭ كۆچۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئەندىشىسى ۋە بۇ قەدىمىي تارىخىي ئىزنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يوقىتىلىۋاتقانلىقىغا بولغان ئېچىنىشىنى ئىپادىلەپ، مۇنداق دېدى:

«بۇ مازارلار ئۇزاق تارىخ ۋە مەدەنىيەتكە ئىگە بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ ئەينى چاغلاردا بۇ جايلارنى قوغدىلىدىغان ئورۇن قىلىپ بېكىتكەن. ئەپسۇسكى، بۈگۈن ئۇنى پۈتۈنلەي تۈزلەپ يوقىتىۋاتىدۇ، بۇلار مىڭ يىللارچە تارىخقا ئىگە ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت مىسرالىرى بولۇپ، ئۇنىڭدا بۇ جايدا ياشىغان خەلقنىڭ تارىخى، دىنىي-ئېتىقادى، تىل-يېزىقلىرى، ئەدەبىياتى، ئىجادىيەتلىرى، مىللىي سەنئىتى ۋە روھىي دۇنياسى سىڭگەن. مەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قەدىمىي ماكاندىكى تارىخىي ۋە مەدەنىيەت ئىزلىرىنى يوقىتىش ھەرىكىتىنى ‹مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى› دەپ چۈشىنىمەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چېقىپ يوقىتىۋاتقان مۇ مازارلار يالغۇز ئۇيغۇر خەلقىگىلا مەنسۇپ بولۇپ قالماستىن، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە مەنسۇپ مەدەنىيەت مىراسلىرىدۇر. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلاردىن ھالقىغان، ھەتتا پۈتۈن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر قىرغىنچىلىقتۇر. مەن بۇنىڭ ئېلىپ كېلىدىغان ۋەيرانچىلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتىمەن، خىتاينى بۇ رەزىللىكتىن كىم توسۇپ قالىدۇ؟ بۇ مەن جاۋاب تېپىشقا تەقەززا بولۇۋاتقان ئەڭ جىددىي سوئالدۇر.»

ئامېرىكادىكى فوتوگراف لىسا روز خانىم ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلىپ يۇقىرىقى ئىككى مازارنى كۆرگەن ۋە بۇ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشى، مەنىۋى ھاياتىغا ئالاقىدار نۇرغۇن مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە ئېلىپ، ئۇنىڭ مەدەنىيەت قاتلىمىنى مەڭگۈلۈك خاتىرلەشتۈرگەن فوتوگرافلارنىڭ بىرىدۇر.

بەھرام سىنتاش ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يەركەنگە ئوخشاش قەدىمىي جايلاردا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ھەرىكەتلىرىنى تاشقى دۇنيادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن بىر قىسىم نۇقتىلىق تارىخىي ئورۇن، مەقبەرە ۋە ئاسارە-ئەتىقە ئورۇنلىرىغا مەبلەغ سېلىپ، ئۇنى كېڭەيتىپ ساياھەت ئورۇنلىرىغا ئايلاندۇرۇش تاكتىكىسىنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كەڭ دائىرىدە سىستېمىلىق ۋە تېز سۈرئەتتە ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر ئىزلارنى يوقىتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. شۇڭا ئۇ خىتاينىڭ بۇ قەبىھ سىياسەت ۋە تاكتىكىلىرىنى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىگە ئوخشاش پاكىتلىق-ھۆججەتلىك ماتېرىياللار ئارقىلىق ئىسپاتلاپ كۆرسىتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، ئىلگىرى ئۈرۈمچىگە جايلاشقان شامالباغدىكى خوجىنىياز ھاجى قەبرىستانلىقى كۆچۈرۈلگەندە نۇرغۇن كىشىلەردە نارازىلىق پەيدا بولغان ئىدى. ھالبۇكى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر رايوندا «كەپىلىك، خەتەرلىك ئۆي ۋە مەھەللىلەرنى تۈزەش، كۆكەرتىش ھەمدە ئېكېئولوگىيىلىك تەرەققىيات رايونى بەرپا قىلىش» دېگەندەك ناملاردا قەدىمىي مەھەللە ۋە تارىخىي مازارلىقلارنى چېقىشى ۋە كۆچۈرۈش ھەرىكىتى نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت