د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئامېرىكا دىپلوماتلىرى بىلەن تور سۆھبىتى ئېلىپ باردى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-11-10
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيونىڭ مەسلىھەتچىسى ئۇلرىك برەھبۇل ئەپەندىنىڭ تەكلىپى بىلەن تور يىغىنى ئۆتكۈزمەكتە. 2020-يىلى 9-نويابىر، گېرمانىيە.
د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيونىڭ مەسلىھەتچىسى ئۇلرىك برەھبۇل ئەپەندىنىڭ تەكلىپى بىلەن تور يىغىنى ئۆتكۈزمەكتە. 2020-يىلى 9-نويابىر، گېرمانىيە.
RFA/Ekrem

د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇھىم ئەربابلىرى بىلەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردى.

9-نويابىر گېرمانىيەگە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن كەلگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى كونسۇللار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيونىڭ مەسلىھەتچىسى ئۇلرىك برەھبۇل ئەپەندىنىڭ تەكلىپى بىلەن د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى ئارىسىدا تور سۆھبىتى بولۇپ ئۆتكەن. سۆھبەت ئامېرىكانىڭ بېرلىندىكى باش ئەلچىخانىسى بىلەن ميۇنخېندىكى كونسۇلخانىسى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان. سۆھبەتكە ئامېرىكانىڭ ميۇنخېندىكى باش كونسۇلى مېگان گىرەگونس خانىم قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلغان.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە شەرقىي تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيىتى ئاساسلىق تېما بولغان. سۆھبەت جەريانىدا ئەرەب، ئىسلام دۇنياسىنىڭ سۈكۈتلىرى ۋە بۇنى قانداق بۇزۇش مەسىلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان. ئۇلرىك برەھبۇل ئەپەندى سۆزىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە داۋاملىق ئىگە چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيۇنىڭمۇ خەۋىرى بولغان. ئۇلرىك برەھبۇل ئەپەندى سۆھبەت خاتىمىسىدە مايىك پومپىيونىڭ ئۇيغۇرلارغا يوللىغان سالىمىنى يەتكۈزگەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مايىك پومپىيونى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇلرىك برەھبۇل ئەپەندى بولسا «مايىك پومپىيومۇ ئۇيغۇرلارنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەن.

بۇ قېتىمقى تور سۆھبىتىگە د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يېتەكچىسى زۇمرەتئايمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ سۆھبەتنىڭ مول مەزمۇنلۇق، تەسىرلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، ئالدىنقى بىر ھەپتە ئامېرىكانىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى ۋە ميۇنخېندىكى كونسۇلخانىسى بىرلىكتە «ئۇيغۇر ھەپتىلىكى» پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، تور سۆھبىتى شەكلىدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەتمۇ ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىنىڭ تور سەھىپىسى ئارقىلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تارقىلىپ ياخشى تەسىر قوزغىغانىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت