د ئۇ ق «ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2020-05-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
 د ئۇ ق ئۆتكۈزمەكچى بولغان «ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىر قىسمى.
د ئۇ ق ئۆتكۈزمەكچى بولغان «ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىر قىسمى.
RFA/Erkin Tarim

كورونا ۋىرۇسى پۈتۈن دۇنياغا يامراپ يۈز مىڭلىغان كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولۇپلا قالماستىن ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان سېلىۋاتقان، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگىمۇ زور تەسىر كۆرسىتىۋاتقان پەيتتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى «ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋە شەرقىي تۈركىستان» تېمىسىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزمەكچى. تۇنجى قېتىم سىن ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق 9 دۆلەتتىن 21 پائالىيەتچى ۋە مۇتەخەسسىس دوكلات بەرمەكچى. كۈندە بىر يېرىم سائەتتىن 7 كۈن داۋاملىشىدىغان مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە شەرقىي تۈركىستان، ۋۇخەندىن دۇنياغا يېيىلغان كورونا ۋىرۇسى ۋە ئۇيغۇرلاردا ساغلاملىق مەسىلىسى، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە شەرقىي تۈركىستان، ياۋروپا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان، ئەنگلىيە، كانادا ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولۇۋاتقان مۇناسىۋەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان، تۈرك-ئىسلام دۇنياسى ۋە شەرقىي تۈركىستان، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدا ياشلار ھەرىكىتىنىڭ رولى قاتارلىق بىر تېمىلاردا دوكلات سۇنماقچى.

ئۇنداقتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇنداق بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىشىدىكى مەقسىتى نېمە؟ د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كورونا ۋىرۇسىنىڭ دۇنياغا زور ئاپەت ئېلىپ كەلگەن بۇنداق بىر پەيتتە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى، بولۇپمۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاي، ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يېڭىدىن تۈس ئېلىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق بىر ۋەزىيەتنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش كېرەكلىكىنى، شۇڭا بۇ ھەقتە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن مەزكۇر يىغىننى ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ ئېيتىشىچە ئۇيغۇرلارنىڭ كېيىنكى 100 يىللىق تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىنىڭ خەلقئارا تەڭپۇڭلۇقلار بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار ئىكەن. بولۇپمۇ كېيىنكى 70 يىلدىن بۇيان چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر دەۋاسى 2018-يىلى خەلقئارالاشقان. دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئۇيغۇرلار بۇندىن كېيىن نېمە قىلىش كېرەك؟ دېگەن مەسىلىنىڭ مۇھىم بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇڭا مەزكۇر ۋىدېيو مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ تېمىسىنى «ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋە شەرقىي تۈركىستان» دەپ قويغانلىقىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېمىلار توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، ھازىر ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ تاشقى سىياسىتى، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ قىممەت قارىشى، تۈرك ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى سىياسەتلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، شۇڭا مەزكۇر يىغىندا بۇ مەزمۇنلاردا تەپسىلىي دوكلاتلار بېرىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار د ئۇ ق تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋە شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 15-ماي جۈمە كۈنى بېرلىن ۋاقتى سائەت 4 تە باشلىنىدىغان بولۇپ، خالىغان كىشى تور ئارقىلىق قاتنىشالايدىكەن. يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر تىلىدا دوكلات سۇنىدىكەن. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندى خىتاي ئانا تىلدا مائارىپنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى يوق قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مەزكۇر يىغىندا پەقەتلا ئۇيغۇر تىلىدا دوكلات سۇنۇشنى قارار قىلغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇرچە بىلىدىغان چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىمۇ تەكلىپ قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.

«ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيا ۋە شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 15-ماي كۈنىدىن 21-ماي كۈنىگىچە 7 كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بېرلىن ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 4تە باشلىنىدىكەن. مەزكۇر يىغىندا ھەر كۈنى 3 كىشى بىر يېرىم سائەت دوكلات بېرىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت