ئۇيغۇر مەسىلىسى ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىي ۋە مۇسۇلمان جامائەتلىرىنىڭ ئورتاق قىزىقىش نۇقتىسى بولۇپ قالغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-02-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
رەخىمە ماھمۇت خانىم ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىي جامائىتىنىڭ ھەيئەتلەر كېڭىشى بىلەن ئەنگلىيە مەملىكەتلىك ئىماملار مەسلىھەت كېڭىشى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزگەن يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرمەكتە. 2020-يىلى 30-يانۋار. لوندون، ئەنگلىيە.
رەخىمە ماھمۇت خانىم ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىي جامائىتىنىڭ ھەيئەتلەر كېڭىشى بىلەن ئەنگلىيە مەملىكەتلىك ئىماملار مەسلىھەت كېڭىشى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزگەن يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرمەكتە. 2020-يىلى 30-يانۋار. لوندون، ئەنگلىيە.
Social Media

ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىيلار بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ پەلەستىن مەسىلىسى، سىياسىي ۋە دىنىي-ئېتىقادتىكى مۇرەككەپ ئىختىلاپلار سەۋەبلىك نۇرغۇن ئىشلاردا ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلىپ، ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشى بەسى مۈشكۈل بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىختىلاپلار ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ھەمكارلىقىغا توسقۇنلۇق قىلالمىدى. مەلۇم بولۇشىچە، . خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە بولغان ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مۇسۇلمانلارنى لاگېرلارغا قاماپ، ئۇلارنى خورلاشتەك قورقۇنچلۇق مۇئامىلىسىگە قارشى تۇرۇش ئۇلارنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئورتاق ھەمكارلىق نۇقتىسى بولۇپ قالدى.

ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىي جامائىتىنىڭ ھەيئەتلەر كېڭىشى بىلەن ئەنگلىيە مەملىكەتلىك ئىماملار مەسلىھەت كېڭىشى 30‏-يانۋار كۈنى ئەنگلىيە پارلامېنتىدا يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە ئۇلارغا قانداق ياردەم قىلىشنى مۇزاكىرە قىلغان. ئەنگلىيە يەھۇدىي جامائىتى ھەيئەتلەر كېڭىشىنىڭ تەشكىللىشىدىكى بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇلۇپ، ئەنگلىيەدىكى يەھۇدىي ۋە مۇسۇلمان جامائەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى چىقىرىلىشى ۋە خۇاۋېي شىركىتىنىڭ چەكلىنىشىگە ياردەم قىلىشى تەلەپ قىلىنغان. ئەنگلىيە يەھۇدىي جامائىتى ھەيئەتلەر كېڭىشىنى ئەزاسى راباي دەيۋىد مەيسون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يەھۇدىيلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىش مەجبۇرىيىتى ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ 75 يىللىقى خاتىرىلىنىۋاتقان بىر مەزگىلدە مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشى يەھۇدىيلارنى قاتتىق بىئارام قىلماقتىكەن. 

ئۇ، 30‏-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا بۇ ھەقتىكى بىر سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ناھايىتى ئورۇنلۇق بىر سوئال بولدى. بىز ئەنگلىيە ۋە پۈتكۈل ياۋروپادا يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلىمەكتىمىز. بۇ كۈن، بىر مىليون يۈز مىڭ يەھۇدىي ۋە شۇنداقلا چىنگەن ( سىگان) ۋە باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئۆلتۈرۈلگەن ئاشۋېتس جازا لاگېرى ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى خاتىرە كۈنىدۇر. شۇڭا، بىر خەلقنى لاگېرلارغا قاماپ باستۇرۇشى يەھۇدىيلارغا ئۇلارنىڭ ئۆتمۈشىدىكى قورقۇنچلۇق تراگېدىيەنى ئەسلىتىدۇ. چۈنكى، بۇنىڭدىن 75 يىل بۇرۇن لاگېرلاردىكى يەھۇدىيلارغا نېمە ئىش بولغانلىقى ئۇلارنىڭ ئېسىدە. شۇڭا، مەن بىر يەھۇدىي بولۇش سۈپىتىدە بۇنىڭ ئىزتىراپىنى چوڭقۇر ھېس قىلالايمەن. مەن ئۈچۈن باشقا خەلقلەرنىڭ باستۇرۇلۇشىغا قارشى چىقىش دىنىي ۋەزىپىدۇر.» 

سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى 1945‏-يىلى 1‏-ئاينىڭ 27‏-كۈنى پولشادىكى ئاشۋېىتس يەھۇدىيلار جازا لاگېرىنى ئازاد قىلىپ، ناتسىستلارنىڭ مەزكۇر لاگېردا يۈز مىڭلىغان يەھۇدىينى ئۆلتۈرگەنلىكى دۇنياغا ئاشكارىلانغان. شۇنىڭدىن بۇيان ھەر يىلى 27‏-يانۋار يەھۇدىيلار چوڭ قىرغىنچىلىقى خاتىرە كۈنى سۈپىتىدە خاتىرىلىنىپ كېلىنمەكتە. مەزكۇر خاتىرە كۈنى بۇ يىل 27‏-يانۋار دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا خاتىرىلەنگەن. لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتناشقانىدى. ‏ ‏‏30‏-يانۋار ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يىغىن يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئۆتكۈزۈلگەنىدى. 

ئەنگلىيە مەملىكەتلىك ئىماملار مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى، ئەنگلىيە ھۆكۈمەت مەسلىھەتچىسى ئىمام قارى ئاسىم بۇ يىغىنغا قاتناشقان مۇسۇلمانلار ۋەكىلى. ئۇ 30‏-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنى لاگېرلارغا قامىشى، ئۇلارغا قارىتا «قايتا تەربىيە» ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ھەقىقەتەن ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ئىمام قارى ئاسىم مۇنداق دەيدۇ: «خىتايدا 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ، دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك جازالىنىشى ھەقىقەتەن قورقۇنچلۇق ۋەقە. خىتاينىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلارنى ساقتا خەۋەر، دەپ ئېلان قىلىشى، شۇنداقلا لاگېردىكى تۇتقۇنلارغا قايتا‏-تەربىيە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ئادەمنىڭ ھەقىقەتەن ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. مىليونلىغان كىشىگە قايتا تەربىيە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ۋە كەسپىي ماھارەت ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى پەقەت ئۇنىڭ ئۆز قىلمىشىنى يوشۇرۇش ئۈچۈندۇر. ‏» ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، مۇسۇلمانلار ۋە يەھۇدىيلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى بىرگە قوغداش ئۈچۈن بۇ يىغىننى ئۆتكۈزگەن. 

قارى ئاسىم مۇنداق دېدى: «يەھۇدىيلار چوڭ قىرغىنچىلىقى بولۇپ 75 يىلدىن كېيىن، بوسنىيەلىك مۇسۇلمانلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلىپ 25 يىلدىن كېيىن، شۇنداقلا كومبودژا، دارفۇر، رۇۋاندالاردا يۈز بەرگەن ئىرقىي قىرغىچىلىقلاردىن كېيىن ‹ھەرگىز قايتىلانمايدۇ› دېگەننى داۋاملىق تەكىتلىگەن بولساقمۇ، لېكىن بۇ يەنە قايتىلانماقتا. ‹ھەرگىز قايتىلانمايدۇ› دېگەن بۇ سۆز ئىنسانلار ھەرگىز ئۆزىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى، كىملىكى، دىنىي ئېتىقادى ۋە ئارقا كۆرۈنۈشىدىن مەھرۇم قىلىنمايدۇ، دېگەنلىكتۇر. بۈگۈن، بىز مۇسۇلمانلار ۋە يەھۇدىيلار بىر يەرگە كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن يىغىلدۇق. مەن بارلىق قاناللارنىڭ دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا ئاۋاز چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

راباي دەيۋىد مەيسېننىڭ قارىشىچە،» ھەرگىز قايتىلانمايدۇ «دېگەن سۆزنى قىلىش ئاسان بولسىمۇ، لېكىن بۇنى ئەمەلىيەتتە ئىشقا ئاشۇرماق ئاسان ئەمەس ئىكەن. ئۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن سىياسىي رەھبەرلەرگە بېسىم ئىشلىتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. دەيۋىد مەيسېن، «ئۇيغۇرلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنىشى بۇ جەھەتتىكى بىر سىگنال، دەپ قاراشقا بولامدۇ؟»، دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭچە بۇ شۇنداق، مېنىڭچە بىز ‹ھەرگىز قايتىلانمايدۇ› دېگەننى چۈشىنىپ يېتىشىمىز كېرەك. ھەقىقەتەن، ‹ھەرگىز قايتىلانمايدۇ› دېيىش بەك ئاسان. ئەلۋەتتە بۇنى ھەممە ئادەم ئۇنداق ئويلىمايدۇ. بىز ئىنتايىن مۈشكۈل بىر يەرشارى سىياسىي ۋەزىيىتىدە ياشاۋاتىمىز. بىز دۆلەتلەرنىڭ بۇ يولنى تۇتۇشىغا كۈچلۈك تەلەپ قويۇپ، بۇ ئارقىلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز زۆرۈر. مەن ئېيتقاندەك ‹ھەرگىز قايتىلانمايدۇ›، دېيىش بەك ئاسان. شۇڭا، بىزنىڭ ئىشىمىز سىياسىي رەھبەرلەرگە بېسىم ئىشلىتىپ، بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش يولىنى تېپىشىمىزدۇر.» 

رەخىمە ماھمۇت خانىم د ئۇ ق غا ۋاكالىتەن بۇ يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەرگەن ئۇيغۇر پائالىيەتچىدۇر. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يىغىندا ئەنگلىيەدىكى مۇسۇلمان ۋە يەھۇدىي جامائىتىنىڭ خۇاۋېي شىركىتىنى چەكلەشكە، شۇنداقلا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى چىقىرىلىشىغا ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان. رەخىمە ماھمۇت خانىم 30-يانۋار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ ئىككى مەسىلىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىملىقىنى چۈشەندۈردى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خۇھۋېي شىركىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى باستۇرۇشتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياردەملەشكەن. ئۇ، ئەنگلىيە ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەھدىتى بولۇپلا قالماي، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ ئىشتىراكچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

رەخىمە ماھمۇت خانىم خىتاينىڭ خۇھۋېي شىركىتىنى چەكلەش ھەققىدىكى بۇ تەلىپىنى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى قارار چىقىرىپ، خۇھۋېي شىركىتىنىڭ ئەنگلىيە رەقەملىك ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشلىرىغا قىسمەن قاتنىشالايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلگىرى خۇھۋېينىڭ بىخەتەرلىك تەھدىتى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەنگلىيە رەقەملىك ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا ئىشتىراك قىلىشىغا قارشى چىققان. ئەگەر ئەنگلىيە خۇھۋېيغا يول ئېچىپ بەرسە، ئۇنىڭ بىلەن بولغان ئىستىخبارات ھەمكارلىقىغا خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى. ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 28‏-يانۋار ئېلان قىلغان قارارىدا، خۇاۋېينىڭ ھەربىي بازا ۋە يادرو ئىستانسىسىدەك نازۇك ئورۇنلارنىڭ رەقەملىك ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشلىرىغا قاتنىشالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت