ئەنگلىيەدە تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئەھۋالى داۋاملىق ئاڭلىتىلماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازىغ
2020-02-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرمىتىگە» ناملىق پائالىيەتتىن بىر كۆرۈنۈش. 2020-يىلى، 21-فېۋرال. لوندون، ئەنگلىيە.
لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرمىتىگە» ناملىق پائالىيەتتىن بىر كۆرۈنۈش. 2020-يىلى، 21-فېۋرال. لوندون، ئەنگلىيە.
Social Media

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ھەر خىل مەدەنىيەت-سەنئەت پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتنىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتىنى ۋە تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قىسمىتىنى ئەنگلىيەدە ئاڭلىتىپ كەلمەكتە.

مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا ئىنستىتۇتىنىڭ سەنئەت بىناسىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرمىتىگە» ناملىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچى ئوقۇتقۇچىلىرى، ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرى، زىيالىيلار ۋە ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بولۇپ 150 يېقىن كىشى قاتناشقان. 

پائالىيەتتە ئۇيغۇر رايونىنىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىي كىلىماتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە سەنئەتكارلىرى ئۇچراۋاتقان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى نۇقتىلىق ئانالىز قىلىنغاندىن باشقا يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلەردىكى ئۇيغۇر يازغۇچى شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرى ۋە ئۇلارغا ئاتالغان ئەدەبىي ئەسەرلەر ئورۇندالغان. 

پائالىيەتتە تۇتقۇندىكى تونۇلغان ئۇيغۇر شائىرى چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن ۋە چىمەنگۈل ئاۋۇت خانىمغا ئاتالغان «چىمەنقۇش» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلغان شائىر ۋە مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر پائالىيەتتە چىمەنگۈل ئاۋۇتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى، ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى ھەققىدە تەپسىلىي ئۇچۇر بەرگەنلىكىنى، قاتناشقۇچىلارنىڭ چىمەنگۈل ئاۋۇت ھەققىدە بەس-بەستە سوئال سورىغانلىقىنى ئېيتتى. 

مەزكۇر پائالىيەت لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى تارمىقىدىكى شەرقشۇناسلىق ۋە ئافرىقا ئىنستىتۇتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پائالىيەتتە خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان يازغۇچى شائىرلار تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلغان. پائالىيەتتە يەنە ھەر خىل ئۇيغۇر سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇنلانغان. 

پائالىيەتتە يەنە تۈركىيەدىكى قېيىن ئەھۋالدا قالغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە، يېتىم-يېسىرلارغا ۋە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش ئۈچۈن ئىئانە توپلاش پائالىيىتى ئىلىپ بېرىلغان بولۇپ، يىغىلغان ئىئانە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن. 

ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىم بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «پائالىيەتنىڭ بىر قانچە مەقسەتلىرى بار. پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر كرىزىسىدىن ئىبارەت. بولۇپمۇ جازا لاگېرلىرىنىڭ ئەھۋالى، ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك مۈشكۈل ۋەزىيەتتە ياشاۋاتقانلىقىنى شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، ئەدەبىياتى ۋە سەنئىتى، شېئىرىيىتى، مۇزىكىسى قاتارلىقلار ھەققىدە بىر يۈرۈش پروگرامما تەييارلاپ ئوقۇغۇچىلارغا، تەتقىقاتچىلارغا ۋە جەمئىيەتكە بۇ كىچىكلىكنى سۇنۇش. مەن بۇ پائالىيەتتە چىمەنگۈل ئاۋۇتقا بېغىشلىغان ‹چىمەنقۇش› ناملىق شېئىرنى ئوقۇدۇم. ئاڭلىغۇچىلار ئىنتايىن قىزغىنلىق بىلەن ئاڭلىدى.»

يىغىن ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىلىق سوئال جاۋاب پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتكە قاتناشقۇچىلار ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىنتايىن قىزىققان. 

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئۆتكەن ئاي ئەنگلىيەنىڭ مانچېستېر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىرىتانىيە مۇسۇلمانلار سەنئەت ۋە مەدەنىيەت فېستىۋالىغا رەسمىي تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئەھۋالىنى، يىغىۋېلىش لاگېرلىرى مەسىلىسىنى قاتناشقۇچىلارغا تەپسىلىي ئاڭلاتقان ئىدى. 

خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىنىڭ بېشىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى باشلىغان ۋە يىغىۋېلىش لاگېر سىياسىتىنى ئومۇملاشتۇرغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتاقلىق يازغۇچى شائىرلىرى، زىيالىيلىرى ۋە ئاكادېمىك خادىملىرى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا ۋە تۈرمىلەرگە سولانغان. ھەتتا، تاشپولات تىيىپ، خالمۇرات غوپۇر قاتارلىق زىيالىيلارغا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان ئىدى.

ياش شائىر چىمەنگۈل ئاۋۇت 1973-يىلى 6-دېكابىر قەشقەردە تۇغۇلغان بولۇپ، 1991-يىلى ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. شىنجاڭ ياش ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىدا ئۇنىڭ تۇنجى شېئىرلار توپلىمى «تەتۈر چىقىن» نەشر قىلىنغان. ئۇ 1996-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىغا ئىشقا چۈشكەن. -

چىمەنگۈل ئاۋۇت 2008يىلى 11-ئايدا خىتاي مەملىكەتلىك 9-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ تونۇلغان يازغۇچى خالىدە ئىسرائىلنىڭ «ئالتۇن كەش» ناملىق رومانىنىڭ تەھرىرلىك خىزمىتىنى ئىشلىگەنلىكى سەۋەبلىك 2018-يىلى 7-ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، لاگېرغا سولانغانلىقى مەلۇم. 

زىيارىتىمىز داۋامىدا شائىر ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن ئەپەندىم خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر شائىرى چىمەنگۈل ئاۋۇت خانىمغا ئاتاپ يازغان شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت