ئەنگلىيە پارلامېنتىدىكى خىتايغا قارشى گۇرۇپپىلار: ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قاچان ھەرىكەتكە كېلىدۇ؟

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2020-10-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەنگىلىيە يەھۇدىي ۋەكىللەر كومىتېتىنىڭ باشلىقى مارىي ۋاندىر زېل خانىم.
ئەنگىلىيە يەھۇدىي ۋەكىللەر كومىتېتىنىڭ باشلىقى مارىي ۋاندىر زېل خانىم.
Social Media

19-ئۆكتەبىر ئەنگىلىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى ۋە خىتاي تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قەبىھ جىنايەتلەر ۋە بۇنى توسۇش توغرۇلۇق تور مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۆتكۈزدى.

ئەنگلىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ يىغىنىغا ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن ئەلىستىر كارمەكول(Alistair Carmichael)، نۇسرەت غەنى(Nusrat Ghani)، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى لوندون ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت خانىم، ئەنگىلىيە يەھۇدىي ۋەكىللەر كومىتېتىنىڭ باشلىقى مارىي ۋاندىر زېل(Marie van der Zyl)، ئىرقىي قىرغىنچىلىق خاتىرە كۈنى فوندىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئولىۋىيا ماركس ۋولدمەن(Olivia Marks-Woldman) قاتارلىقلار قاتناشتى. ئۇلار بۇ يىغىندا 2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە يەھۇدىيلار ئۇچرىغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان قەبىھ زۇلۇملارنىڭ ئوخشىشىدىغان تەرەپلىرىنى، قانداق قىلغاندا يەنە بىر قېتىملىق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇپ قالغىلى بولىدىغانلىقىنى مۇھاكىمە قىلدى.

ئەنگلىيە يەھۇدىي ۋەكىللەر كومىتېتىنىڭ باشلىقى مارىي خانىم ئۆتكەن ئەسىردە ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارنى قىرغىن قىلغانلىقىدەك پاجىئەلىك تارىخىنى ئەسلەپ ئۆتكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «بىز بىلىمىزكى، خىتاي بۈگۈن باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىشتەك شۇنداق نومۇسسىز جىنايەتنى سادىر قىلىۋاتىدۇ؛ ئۆزىنىڭ قانۇنىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئارقىلىق نەتىجە قازىنىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، تارىختىن ئىبرەت ئالمايۋاتىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ھەرگىز ئۇنۇتمايدۇ. شۇڭا بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى دىنىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە، لاگېرلارنىڭ ئىشىكىنى خەلقئارا تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئۈچۈن ئېچىپ بېرىشكە چاقىرىمىز. ھۆكۈمەتلەرنى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى ھەرىكەت قوللىنىپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئۈچۈن ھەق-ئادالەتنى ياقلاشقا دەۋەت قىلىمىز». ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايىتىنى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ئاۋام خەلققە بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇنداق يىغىنلارنى ئېچىپ تۇرۇش ۋە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنى بىرەر ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئىرقىي قىرغىنچىلىق خاتىرە كۈنى فوندىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى ئولىۋىيا خانىم خىتاينىڭ «قايتا تەربىيەلەش لاگېرى» ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى يوق قىلىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ يوشۇرۇن قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «تىل ۋە مەدەنىيىتىمىز بىزنىڭ ئادىتىمىز ۋە ئۆتمۈش خاتىرىمىزدۇر، ئۇلار بىزنىڭ كىملىكىمىزنى شەكىللەندۈرىدۇ ۋە باشقىلار بىلەن بولىدىغان ئالاقىمىزنى ساقلايدۇ، شۇنداقلا ئۆزىمىزگە خاس مەۋجۇتلۇقىمىزنى نامايەن قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىۋاتىدۇ، بالىلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىپ خىتايلاشتۇرۇۋاتىدۇ، بۇ ئىنتايىن يامان تەھدىت. بىز شۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، دۇنيانىڭ مەلۇم جايىدىكى مەدەنىيەت ئۇچراۋاتقان تەھدىت ھەممىمىز ئۇچراۋاتقان تەھدىتتۇر». ئۇ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زىيانكەشلىك ھەققىدىكى ئىسپاتلارنى توپلاش، رەتلەش ۋە باھالاشنىڭ مۇھىملىقىنى، بۇلارنى مۇزېيلاردا كۆرگەزمە قىلىش ۋە تونۇشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان دىققىتىنى قوزغاش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى نۇسرەت غەنى بۇ يىغىندا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىپ، ئامېرىكىدىكىگە ئوخشاش ماگنىتىسكى قانۇنىنى چىقىرىش كېرەكلىكىنى، ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا قارشى پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى ۋە ھەرىكەت قوللىنىشى ئۈچۈن خىتاينىڭ ئۆتكۈزۈۋاتقان جىنايەتلىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ كۆپ ئىسپاتلار بىلەن بىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزاسى ئەلىستىر كارمەكول خىتاينىڭ سودىسىنىڭ ئاللىقاچان دۇنياغا كېڭىيىپ بولغانلىقىنى، ئەنگىلىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئۈچۈن خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ئالاقىسىنى ئۈزۈشىنىڭ ئاسانغا توختىمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەنگىلىيە ياۋروپا ئەللىرى ۋە ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى. 

رەھىمە خانىم ياۋروپانىڭ، جۈملىدىن ئەنگلىيەنىڭ خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنى توسۇش ئۈچۈن قاچان ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقى ھەققىدە خەلقتىن، بولۇپمۇ لاگېر شاھىدلىرىدىن سوئاللار ھەم ئىلتىجالار كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «مەنچە بىزدە خىتاينىڭ جىنايىتى ھەققىدە يېتەرلىك ئىسپات ۋە ئۇچۇرلار بار. ئەمدى گەپ خەلقئارانىڭ بۇ قەبىھ جىنايەتنى توسۇش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلالىشىدا». 

يىغىن قاتناشقۇچىلىرى بىردەك ھالدا «بىز باشقا مىللەتلەرنىڭمۇ تارىختا شۇنداق كۈلپەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى كۆرگەن بولساقمۇ، بۈگۈنكى كۈندە ئاشۇ خىل قەبىھ زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە توسۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىمىز ۋە ئاگاھلاندۇرۇشىمىز تولىمۇ كەم بولماقتا، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا چوقۇم ئەمەلىي ھەرىكەت قوللىنىشى كېرەك» دېگەن نۇقتىنى ئىلگىرى سۈردى. 

بۇ يىغىنغا يەھۇدىي تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، رەھىمە خانىم ئۇلارنىڭ ئەنگىلىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

19-ئۆكتەبىر يەنە ئەنگلىيە پارلامېنتى تاشقى ئىشلار كومىتېتى خىتاي تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر رايونى ۋە تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا تور مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنىز بىلەن رەھىمە مەھمۇت خانىم بۇ يىغىندا دوكلات بەرگەن ھەمدە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. رەھىمە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنگىلىيە پارلامېنتى خىتاي تەتقىقات گۇرۇپپىسى ھازىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پائالىيەت ئۆتكۈزۈۋاتقان خىتايغا قارشى پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىكى (IPAC)، ئەنگلىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى (APPG) دىن كېيىنكى ئۈچىنچى ئورۇن ئىكەن. 

رەھىمە خانىم بۇ ئىككى پائالىيەتنىڭ مەقسىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئەنگىلىيەلىكلەرگە تېخىمۇ كەڭ ئاڭلىتىش، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقارمىغان پارلامېنت ئەزالىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلدۈرۈپ ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت