«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەرىكىتى» ئەنگلىيە پارلامېنت ئەزالىرىنى خىتاينىڭ زۇلۇمىنى توختىتىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-11-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئېچىلغان يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 18-مارت، لوندون.
ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ئېچىلغان يىغىندىن كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 18-مارت، لوندون.
AFP

ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قىرغىنچىلىق مەسىلىلىرى بويىچە پائالىيەت قىلىدىغان «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەرىكىتى» تەشكىلاتى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن يەنىمۇ كەسكىن تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىردى. ئۇلار 9-نويابىر كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا ئامېرىكادا پرېزىدېنتلىق سايلىمى ئېلىپ بېرىلىپ «دۇنيا سىياسىتى ھالقىلىق پەيت» كە كەلگەن مۇشۇنداق بىر ۋاقىتتا بارلىق تەرەپلەرنى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قوللىنىشقا دەۋەت قىلدى.

باياناتتا تۆۋەندىكى 5 خىل تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان: «ب د ت نىڭ ئالاھىدە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دەرھال ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، دوكلات ئېلان قىلىشىنى تەلەپ قىلىش؛ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قارىتىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۈستىدىن مۇستەقىل ھالدا قانۇنىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش؛ ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن ماسلاشقان ئاساستا جازا تەدبىرلىرى ۋە ماگنىتسكىي قانۇنى قاتارلىق دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جىنايەتچىلەرگە قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق جازالىرى ئارقىلىق خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىش؛ ئۇيغۇرلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىۋاتقان شىركەت ۋە ئورگانلارغا قارىتا تەدبىر قوللىنىپ خىتايدىن مەھسۇلات ياكى زاپچاس ئىمپورت قىلىدىغان شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى تەكشۈرۈپ، ئۇيغۇر رايونىدىن كېلىۋاتقان ياكى خىتاينىڭ ھەرقانداق يېرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچى ئىشلىتىلگەن تەمىنلەش زەنجىرلىرى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزۈشنى تەلەپ قىلىش؛ زىيانكەشلىكتىن قاچقان بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئەنگلىيە كۆچمەنلەر ئىشلىرى سىستېمىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق بىۋاسىتە ياردەم بىلەن تەمىنلەش».

ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى رەھىمە مەھمۇت خانىمنىڭ بىزگە ئېيتىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيە شۆبىسىدىكى مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى جانلاندۇرۇش ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىگە قىلىنىۋاتقان چاقىرىقلارنى يېڭىلاش مەقسىتىدە بىر قاتار كەسپىي كىشىلەر بىلەن بىرگە ئەنگلىيەدە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەرىكىتى» نى باشلىغان بولۇپ، بۇ بايانات بۇ ھەرىكەت نامى ئاستىدا قايتىدىن ئېلان قىلىنغانىكەن.

«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەرىكىتى» گە باش دىرېكتور قىلىپ بېكىتىلگەن بلەيىر ماكدوگۇل ئەنگلىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ سىياسىي پائالىيەتچىسى بولۇپ، ئۇ شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىق رېفىراندۇمى جەريانىدا يولغا قويغان «بىرلىكتە ياشاش ھەرىكىتى» ئسىتراتېگىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن داڭ چىقارغانىكەن. رەھىمە خانىم ئىشنىڭ ئەھلى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەرنىڭ نەتىجىسىنىڭمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

«ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەرىكىتى» نىڭ يېتەكچى مەسلىھەتچىلىرىدىن بىرى بولغان بەن روگېرس بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ئۈچۈن ئەنگلىيە جامائىتى ۋە ئەنگلىيە پارلامېنتىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز پارلامېنتنى، ھۆكۈمەتنى، ئاخبارات ساھەسىنى ۋە خەلقنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈش ئارقىلىق 21-ئەسىردە يۈز بېرىۋاتقان بۇ ئىنتايىن ئېغىر جىنايەتنى توختىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان بۇ زالىملارچە جىنايەتنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ قارايمىز ۋە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنى شۇنداقلا باشقا ھۆكۈمەتلەرنى بۇ قىرغىنچىلىقنى توختىتىشقا چاقىرىمىز».

بەن روگېرس ئەسلى ئەنگلىيەدىكى «خوڭكوڭنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە شۇنداقلا ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خەلقئارالىق بىر جازالاش مېخانىزمى قۇرۇپ چىقىش ئىنتايىن مۇھىم، دەپ قارايدىكەن. ئۇ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى مەسىلىسىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ تۇرۇپ ئەنگلىيەدىكى داڭلىق ماركىلارغا بۇ جەھەتتىن بېسىم ئىشلىتىشنى، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىشى، دىنىي زىيانكەشلىك ۋە لاگېرلار مەسىلىسىنى ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە كىرگۈزۈشكە بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى يۇقىرىقى جىنايەتلىرى ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدىغان بىر خەلقئارالىق مېخانىزم قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى قىرغىنچىلىق ئۈچۈن جاۋابكارلىققا تارتىدىغان بىر خەلقئارالىق ھەرىكەت باشلاشقا تىرىشىمىز. لوندوندا ‹ئۇيغۇر سوت كوللېگىيەسى› قۇرۇلغان بولسىمۇ بۇ كوللېگىيە ھۆكۈمەتلەر قوللىمايدىغان، مۇستەقىل بىر كوللېگىيە. شۇڭا بىز ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىرلىكتە خىزمەت قىلىپ خىتاينى جاۋابكارلىققا تارتىدىغان بىر خەلقئارالىق جازا مېخانىزمى قۇرۇپ چىقىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىمىز».

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەنگلىيە شۆبىسى دەسلەپتە 8-ئايدا ئېلان قىلغان ۋە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن قايتىدىن ئېلان قىلىنغان چاقىرىققا ھازىرغىچە 150 پارلامېنت ئەزاسى قول قويغان. رەھىمە مەھمۇت خانىم بۇ چاقىرىققا قول قويغان پارلامېنت ئەزا سانىنى ئومۇمىي پارلامېنت ئەزاسىنىڭ 50 پىرسەنتىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن تىرىشىدىغانلىقىنى، شۇندىلا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ مەسىلىگە قاراپ چىقىشقا مەجبۇرلىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت