خىتاي ئەنۋەر تۇردى «چەتئەلگە مەخپىي ماتېرىيال ئېلىپ چىققان» دېگەن گۇمان بىلەن ئۇنىڭ پېيىگە چۈشكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-05-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
مەلۇم «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ ئالدىدا پوستا تۇرۇۋاتقان ساقچىلار. 2017-يىلى 3-نويابىر، خوتەن.
مەلۇم «تەربىيەلەش مەركىزى» نىڭ ئالدىدا پوستا تۇرۇۋاتقان ساقچىلار. 2017-يىلى 3-نويابىر، خوتەن.
AP Photo/Ng Han Guan

خىتاي ئەدلىيە مىنىستىرلىقى 2016-يىلى 5-ئايدا تۈركىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىغا دىپلوماتىك تەلەپ سۇنۇپ، 2014-يىلدىن بېرى تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرى ئەنۋەر تۇردىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

93 بەتلىك مەزكۇر ھۆججەتتە ئەنۋەر تۇردىنىڭ «تېررورلۇق گۇرۇھى» نىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنى «ماددىي ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكى» ۋە «پىلانلىغانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، تۈركىيە-خىتاي ئارىسىدا 1995-يىلى ئىمزالانغان «خەلق ئىشلار، سودا، جىنايى ۋە ئەدلىيە ھەمكارلىق كېلىشىمى» نىڭ 2-، 28-ۋە 30-ماددىلىرىغا، «چېگرا ھالقىغان تەشكىللىك جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش ب د ت ئەھدىنامىسى» نىڭ 5-ۋە 18-ماددىلىرىغا ئاساسەن ئەنۋەر تۇردىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان.

ھۆججەتتە ئەنۋەر تۇردىنىڭ يەركەن ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئىنىسىنىڭ سوراق جەريانىدىكى ئىقرارى ئۇنىڭ «تېررورلۇق ھەرىكەتلەرنى پىلانلىغانلىقى» ۋە ئۇنىڭغا «ماددىي ياردەم بەرگەنلىكى» نىڭ دەلىلى سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن. يېقىندا بۇ ھۆججەت نورۋېگىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ تەمىنلىشى بىلەن ئامېرىكادىكى «ئوكسىئوس» تورى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىپ، غۇلغۇلا قوزغىغان. تۈركىيە تەرەپ خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى رەت قىلغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ خەۋەر تۈركىيەنىڭ مۇساپىرلار مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيەسىگە قارىتا ئەندىشە پەيدا قىلغان ئىدى. ئەنۋەر تۇردى 25-ماي كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ پېيىگە چۈشكەنلىكى ھەققىدە توختالدى.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرى ئۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە ئائىت مەخپىي ھۆججەتلەرنى چەتئەل ئېلىپ چىقىپ كەتتى، دەپ گۇمان قىلىدىكەن.

ئەنۋەر تۇردى مۇنداق دېدى: «بىز 2012-2013-يىللىرىدا شۇ يەردە تۇرۇپ، چەتئەلگە ئۇچۇر يوللايتۇق. قەشقەرلىك بىر بالا بار ئىدى، مەن ئازراق ئۇچۇر تەييارلاپ بېرەي، شۇنى چەتئەلگە ئېلىپ چىقىپ كەتسەڭلار دېدى. بىز ماقۇل دەپ پاسپورت بېجىرىپ قويۇپ، ئولتۇرغان ئىدۇق. 2013-يىلى بىزنىڭ يەنە بىر بالا يوقاپ كەتتى. ئائىلىسىگە تېلېفون قىلساق ساقچىلار ئېلىپ كەتتى، دېدى. شۇ ۋاقىتتا مېنىمۇ تۇتۇپ 10 سائەتتەك سوراق قىلىپ قويۇپ بەرگەن ئىدى. بىزگە ماتېرىيال بېرىدىغان بالا بىلەن يەنە بىر بالا ئىككىسى تەڭلا تۇتۇلۇپ قالدى… شۇنىڭ بىلەن مەن 2014-يىلى يېنىپ چىقتىم. ئۇلارنىڭ ھازىرغا قەدەر مېنى قانداق ماتېرىيال ئېلىپ چىقىپ كەتكەندۇ، دەپ ئىچى پۇشۇقلۇق.»

ئەنۋەر تۇردىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2014-يىلى تۈركىيەگە چىقىپ، 2017-يىلى تۈركىيە ئامانلىق ئورگانلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئىقامەت كىنىشكىسىنىڭ ۋاقتى توشۇپ كېتىپ، پاسپورتىنىڭ ئىناۋەتلىك مۇددىتىنى ئۇزارتالماسلىقى سەۋەب بولىدۇ. ئۇنىڭ پاسپورتى 2017-يىلى ھەج ۋىزىسى ئېلىش ئۈچۈن دۇبەيگە ئەۋەتكەندە يوقاپ كېتىدۇ. ئۇ كېيىنرەك پاسپورتىنىڭ خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئەنۋەر تۇردىنىڭ تەكىتلىشىچە، ئۇ 2017-يىلى تۈركىيەدە سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىلغان بولسىمۇ، لېكىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆزىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىدىن 2020-يىلى 1-ئايدا خەۋەر تاپقان.

ئەنۋەر تۇردى يەنە مۇنداق دېدى: «2017-يىلى تۈركىيەدە تېررورلۇق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، تەكشۈرۈش بەك كۈچىيىپ كەتتى. 1-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىشقا ماڭغاندا ئىقامەت تەكشۈرۈش ئورنىغا كېلىپ قالدىم. ئۇلار ‹ئىقامەت›، دېدى، كونا ئىقامەتنى كۆرسەتتىم. شۇنىڭ بىلەن مېنى ساقچى پونكىتىغا ئېلىپ باردى. 12 كۈن قالدىم ساقچى پونكىتىدا. ئاندىن ئەرزۇرۇمغا ئېلىپ كەتتى. شۇ يەردە 5 ئاي قالدىم. شۇ 5 ئاي داۋامىدا ئۇيغۇر بالىلار 200 دەك بولۇپ قالدۇق. 5 ئاي بولغاندا خىتاي ئىنىمنى تۈركىيەگە ئەۋەتىپتۇ. ئۇ مېنى يوقلاپ كەلدى. ‹سېنى كىم چىقاردى، › دېسەم، ‹شۇلار چىقاردى، › دېدى. ‹ھە، ئە›، دېدىم. ئۇ كېتىپلا تۈرك ئىستىخباراتىنىڭ ئادەملىرى كەلگىلى تۇردى، مېنىڭ 2004-يىلى چۈشكەن رەسىمىمنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ. ئارقىدىنلا ‹سېنىڭ ئۈستىڭدىن شىكايەت بار، مەھكىمىگە چىقىسەن، › دېدى…»

تۈركىيە ئەدلىيە تارماقلىرىنىڭ شۇنىڭغىچە نېمە ئۈچۈن ئەنۋەر تۇردىغا ئۇنى خىتاينىڭ «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلەپ، ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى رەسمىي تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتماسلىقىدىكى سەۋەب مەلۇم ئەمەس. ئەنۋەر تۇردىنىڭ مەسىلىسى تۈركىيە بىلەن خىتاي 2017-يىلى 5-ئايدا جىنايەتچى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ، كېلىشىم تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ماقۇللىشىغا سۇنۇلغان. كېلىشىمدىكى بەزى ماددىلار ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىشىگە يول ئېچىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا جىددىي ئەندىشە قوزغاۋاتقان مەزگىلدە ئاشكارىلانغان ئىدى. بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل ئەندىشىلەرنىڭ ئاساسى يوق ئەمەس ئىكەن.

مۇھەممەت توختى ئاتاۋۇللا مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، بۇ ئەندىشىنىڭ ئاساسى بار. تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ئەدلىيە ھەمكارلىقى 1990-يىللاردا باشلانغان. 2000-يىللاردا تەرەققىي قىلىپ، 2014-يىللىرىدا تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە چىققان. شۇ جەرياندا ئۇيغۇرلار رەسمىي خىتايغا قايتۇرۇلمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ كېلىشىم تۈركىيە-خىتاي ئەدلىيە ھەمكارلىقىنىڭ تەدرىجىي كۈچىيىۋاتقانلىقىنىڭ مەھسۇلى…»

بۇ سۆزلەرنى تۈركىيەدىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، تۈركىيە قەھرىمان ماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسەت-خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىدە ماگېستىرلىقىنى پۈتتۈرگەن مۇھەممەت توختى ئاتاۋۇللا 25-ماي كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ئېيتتى. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، تۈركىيەنى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە ۋە مىسىردەك دۆلەتلەرگە سېلىشتۇرغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ قىسمەن كىشىلەرنى مەلۇم قانۇنىي رامكا ئىچىدە ياكى قانۇنسىز يوللار بىلەن خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاققىلى بولمايدىكەن.

مۇھەممەت توختى ئاتاۋۇللا يەنە مۇنداق دېدى: «تۈركىيەنىڭ ھازىرقى ھاۋاسى ۋە ئۇنىڭ پوزىتسىيەسىگە قارىغاندا بۇ خىل ئېھتىماللىق تۆۋەن. چۈنكى تۈركىيەدە قانۇن ياخشى ئىشلىمىسىمۇ، لېكىن دېموكراتىك تۈزۈم ۋە ئۆكتىچى پارتىيەلەر بار. قانۇن سىستېمىسىدا يوچۇقلار بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا سىياسىنىڭ مۇداخىلىسىنى مۇتلەق، دەپ كەتكىلى بولمايدۇ…ئەمما مەلۇم دائىرىدە مەلۇم كىشىلەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلار رامكىسى ئىچىدە ياكى قانۇنسىز ھالدا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ.»

2017-يىلى 5-ئايدا ئىمزالانغان «تۈركىيە-خىتاي جىنايەتچى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى» ئۆتكەن يىلى تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ماقۇللۇشىغا سۇنۇلغان. لېكىن پارلەمېنتتىكى بەزى ئۆكتىچى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارلامېنتنىڭ نۆۋەتتىكى كۈنتەرتىپىدە بۇنداق بىر كېلىشىم يوق ئىكەن. تۈركىيە پارلامېنتىدىكى 4-ئۆكتىچى پارتىيە- «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى فەھرەتتىن يۇقۇش ئۆتكەن ھەپتە بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا ھۆكۈمەتنىڭ بۇنداق بىر كېلىشىمنى پارلامېنتنىڭ كۈنتەرتىپىگە قويالمايدىغانلىقى، ئەگەر قويسا شىددەتلىك قارشىلىققا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ كېلىشىم يەنە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى جىم رىش، كېڭەش پالاتا ئەزاسى ئېدۋارد ماركېينىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. جىم رىش بۇ مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ «نومۇسسىزلىق» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيەنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سەردار كىلىچ جىم رىش بىلەن ئېدۋارد ماركېيغا خەت يېزىپ، تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلاشقانلىقىنى رەت قىلغان. ئۇ تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارنى 3-دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىۋاتقانلىقىغا دائىر تەنقىدلەرنىڭ «پۈتۈنلەي ئويدۇرما» ئىكەنلىكى ۋە «ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.

2017-يىلىدىن بېرى تۈركىيەدە ئىقامەتسىز ياشاۋاتقان ئەنۋەر تۇردى كېلەر ئايدا يەنە سوت مەھكىمىسىگە چىقىدىكەن. ئۆتكەن قېتىملىق سوتتا ئۇنىڭ دېلوسى يەنە 6 ئاي كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ ئۇنىڭ سوتىنىڭ يېقىنقى 2 يىل مابەينىدە بىرىنچى قېتىم كېچىكتۈرۈلۈشى ئەمەسكەن. ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، ئۇنىڭ ئادۋوكاتى ئۇنىڭ سوتىنىڭ «مۇشۇنداق كەينىگە سۈرۈلۈپ، خېلى ئۇزۇنغا سوزۇلۇشى مۇمكىنلىكى» نى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت