ئەركىن ئەمەتنىڭ قېرىنداشلىرى ئۈستىدىكى ئەيىبنامىنىڭ چىنلىقى ۋە نۇرنىسا ئەمەتنىڭ كېسەلچانلىقى دەلىللەندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2020-08-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرى ئەركىن تارىمنىڭ قېرىنداشلىرىدىن (سولدىن ئوڭغا) ئەنۋەر ئەمەت 11 يىللىق كېسىلگەن، نۇرەلا ئەمەت ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان، نۇرنىسا ئەمەت 14 يىللىق كېسىلگەن.
ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرى ئەركىن تارىمنىڭ قېرىنداشلىرىدىن (سولدىن ئوڭغا) ئەنۋەر ئەمەت 11 يىللىق كېسىلگەن، نۇرەلا ئەمەت ئايرىم بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان، نۇرنىسا ئەمەت 14 يىللىق كېسىلگەن.
RFA/Azigh

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەتنىڭ 4 قېرىندىشى ئۈستىدىكى ئەيىبنامىدە يارقىن ئابلەت ئىسىملىك بىر قارىلىغۇچىنىڭ نامى خاتىرىلەنگەنىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەر تەپتىش مەھكىمىسىگە قارىتا ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا يارقىن ئابلەتنىڭ مەزكۇر مەھكىمىدىكى 40 ياشلار چامىسىدىكى بىر تەپتىش خادىمى ئىكەنلىكى دەلىللەندى، يەنە ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئەركىن ئەمەتنىڭ سىڭلىسى نۇرنىسا ئەمەتنىڭ قاماقتا كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ، يەكەن پەيلۇ تۈرمىسىدىن يوپۇرغىدىكى بىر تۈرمىگە يۆتكەلگەنلىكى ئايدىڭلاشتى.

ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەتنىڭ قېرىنداشلىرى ئۈستىدىكى ئەيىبنامىدە ئەيىبلىگۈچى ئورۇننىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قەشقەر شۆبىسى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. ئەيىبنامىدە ئەيىبلىگۈچى سۈپىتىدە يارقىن ئابلەت ئىسىملىك تەپتىش خادىمى تىلغا ئېلىنغان. مەزكۇر ئەيىبنامىنىڭ چىنلىقىنى دەلىللەش ئۈچۈن قەشقەر ۋىلايەتلىك تەپتىش مەھكىمىسىگە تېلېفون قىلدۇق ۋە بۇ مەھكىمىدە راستىنلا يارقىن ئابلەت ئىسىملىك بىر خادىمنىڭ بار-يوقلۇقىنى سۈرۈشتە قىلدۇق. بىز يارقىن ئابلەتنىڭ نۆۋەتتە ئىشخانىسىدا بار ياكى يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا، تەپتىش خادىمى بۇ كۈننىڭ بىر دەم ئېلىش كۈنى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئېلىپ، يارقىن ئابلەت بىلەن سۆزلىشەلمەيدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدا بۇ مەھكىمىدە يارقىن ئابلەت ئىسىملىك بىر خادىمنىڭ بار يوقلۇقىنى سورىغىنىمىزدا «ئەلۋەتتە بار» دەپ جاۋاب بەردى. بىز ئۇنىڭدىن يارقىن ئابلەتنىڭ قانچە ياشلاردىكى كىشى ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇنىڭ 40 ياشلاردىكى بىرى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. بىز ئارقىدىن يارقىن ئابلەتنىڭ قايسى ئۇنىۋېرسىتېتنى ئوقۇغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، بۇ تۈر مەلۇماتلارنى كادىرلار بۆلۈمىدىن سورۇشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى. بىز ئۇنىڭدىن يارقىن ئابلەتنىڭ تېلېفون نومۇرىنى سورىدۇق. ئۇ ئۇنىڭ نۆۋەتتە كارانتىن سەۋەبلىك ئۆيىدە ئىكەنلىكى، ئەمما ئۇنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئۇنىڭدىن يارقىن ئابلەت بېجىرگەن دېلودىكى يوپۇرغۇلۇق 4 قېرىنداشنىڭ، يەنى ئەركىن ئەمەتنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى سورىدۇق. بۇ خادىم بۇ دېلو ھەققىدە رەھبىرى كادىرلاردىن رۇخسەت ئالماي تۇرۇپ جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بىز ئاخىرىدا مەزكۇر تۆت قېرىنداشنىڭ نۆۋەتتە قايسى تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، بۇ بۇ ھەقتە 10 مىنۇتتىن كېيىن قايتىدىن تېلېفون قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى؛ ئەمما دېيىلگەن ۋاقىتتا تېلېفون قىلغىنىمىزدا، سوئاللىرىمىز پۈتۈنلەي جاۋابسىز قالدۇرۇلدى.

دوكتور ئەركىن ئەمەت قېرىنداشلىرىدىن نۇرنىسا ئەمەت بىلەن ئەنۋەر ئەمەتنىڭ سالامەتلىكى ياخشى ئەمەسلىكى ۋە شۇ سەۋەبتىن پەيلۇ تۈرمىسىدىن يوپۇرغا تۈرمىسىگە يۆتكەلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بۇ قېرىنداشلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى سالامەتلىك ئەھۋالدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان يوپۇرغىدىكى بىر سىياسىي-قانۇن كادىرى، ئەركىن ئەمەتنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ 11 يىللىقتىن كېسىلگەنلىكىنى ئاشكارىلاش بىلەن بىرلىكتە، نۆۋەتتە نۇرنىسا ئەمەتنىڭ كېسەلچان ھالەتتە ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، نۇرنىسا ئەمەت تۈرمىدە كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ يەكەن پەيلۇ تۈرمىسىدىن يوپۇرغىدىكى بىر تۈرمىگە يۆتكەلگەن. نۇرنىسانىڭ بۇنىڭدىن 3 ئايچە ئاۋۋال يەكەن پەيلۇ تۈرمىسىدىن يوپۇرغىدىكى دوختۇرخانىغا ئەكېلىنگەنلىكىنى بايان قىلغان بۇ خادىم؛ ئۇنىڭ نۆۋەتتە يوپۇرغىدىكى تۈرمىدە ئىكەنلىكى، ۋىرۇس مەزگىلى سەۋەبلىك دوختۇرخانىدا قايتا تەكشۈرۈلۈش ۋە داۋالاشنىڭمۇ ئوڭۇشلۇق بولمايۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە خىتاي دائىرىلىرى نۇرنىسا ئەمەت ۋە يولدىشى قادىر ئەمەتكە ئەركىن ئەمەتنى يوقلىغانلىقى ئۈچۈن ئىككى مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇپ، پۈتۈن مال-بىساتىنى مۇسادىرە قىلغان؛ ساقچىلار سوراق جەريانىدا ئۇلارنى قالغان ئۈچ قېرىندىشىنىڭ ئەركىن ئەمەت ۋە ئايالىغا نېمىلەرنى سوۋغا قىلغانلىقىغا قەدەر ئاتالمىش جىنايەتلىرىنى تەپسىلىي ئىقرار قىلدۇرغان. نۇرنىسا ئەمەتنىڭ نۆۋەتتىكى كېسىلىگە ئائىلىسىگە كەلگەن مەزكۇر چوڭ ئىقتىسادىي زىياننىڭ ۋە ياكى قاماقخانىدىكى قېيىن-قىستاقنىڭ ۋەياكى قاماقخانىدىكى شارائىتنىڭ ناچارلىقى سەۋەب بولغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت