ئەسىر ھالقىغان لايىھە: «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ باش-ئاخىرى» (1)

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-09-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خۇدسون مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ساقچى دۆلىتى» ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىس پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. 2018-يىلى 4-ماي.
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى خۇدسون مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «ساقچى دۆلىتى» ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىس پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. 2018-يىلى 4-ماي.
RFA/Eziz

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكىتى پۈتۈن دۇنياغا مەلۇم بولغاندىن كېيىن بۇنى كەسكىن تەنقىدلەش چۇقانلىرى ئىچىدە يەنە بۇنىڭدىكى ماھىيەتلىك مەسىلىلەر ھەققىدە كۆپلىگەن سوئاللار ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى. ئەنە شۇ سوئاللارنىڭ بىرى نۆۋەتتە كۆپلىگەن ساھە بىردەك «قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاۋاتقان زور پاجىئە دۇنياغا مەلۇم بولغۇچە بۇنىڭ قانداقلارچە دىققەتتىن خالىي قالغانلىقى بولدى. ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ ئاقىللار مەركىزىنىڭ بىرى بولغان بروكىڭ ئىنستىتۇتى دەل مۇشۇ مەسىلىگە قاراپ چىقىش ئۈچۈن تونۇلغان ئۇيغۇرشۇناس، جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى داليا پېتېرسوننى بۇ ھەقتە بىر تەتقىقات دوكلاتى تەييارلاشقا تەكلىپ قىلغان ئىدى. ئەنە شۇ تەلەپ بويىچە 14-سېنتەبىردە ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى زۇلۇم سىستېمىسى: ئۇنىڭ باشلىنىشى ۋە چەكلىنىشى» ناملىق دوكلاتتا بۇنىڭدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەرگە تارىخىي تەرەققىيات نۇقتىسىدىن جاۋاب بېرىلدى.

ئاپتورلارنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى ئىجتىمائىي كرىزىس گەرچە 21-ئەسىرنىڭ بېشىدا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن باغلىنىشلىق ھالدا ئوتتۇرىغا چىققان بولسىمۇ، بۇنىڭ ماھىيەتلىك يىلتىزى ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن ئەسىرلەر ئىلگىرىلا بىخ تارتقان ئىكەن. بولۇپمۇ مانجۇلار قۇرغان چىڭ ئىمپېرىيىسىنىڭ 1758-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىر پارچىسى بولغان ئۇيغۇرلار دىيارىنى بېسىۋېلىشى بىلەن ئۇلار بۇ رايوننى يەرلىك بەگلەرنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشى بىلەن ئىدارە قىلىپ كەلگەن. ئەمما دەماللىققا بۇ رايوننى مۇستەملىكەلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلمىغان. چىڭ خانىدانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە، يەنى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە چىڭ ئىمپېرىيەسى «شىنجاڭ» دەپ يېڭىدىن نام قويۇلغان بۇ زېمىننى خىتايلاشتۇرۇشقا رەسمىي يوسۇندا ئۇرۇنۇپ كۆرگەن. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشى مەغلۇپ بولغان ھەمدە بۇ جايغا كۆچۈرۈپ كېلىنگەن خىتاي دېھقانلىرىنىڭ كۆپ قىسمى خىتايغا قايتىپ كەتكەن. ئارىدىن نەچچە ئون يىل ئۆتۈپ 1940-يىللىرىغا كەلگەندە گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بۇ رايونغا پۇتىنى تىقىشقا ئۈلگۈرگەن ھەمدە تېزدىن بۇ رايونغا بىر مىليون خىتاي كۆچمەننى كۆچۈرۈپ، ئومۇمى نوپۇسى شۇ ۋاقىتتا تۆت مىليونچە بولغان بۇ رايوننى مۇستەملىكىلەشتۈرۈشكە ئىنتىلگەن.

سۆھبىتىمىز جەريانىدا پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى سىياسىتىنى چىڭ ئىمپېرىيىسى ۋە گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ رايوندا ئىجرا قىلغان تەدبىرلىرىگە سېلىشتۇرۇشۇمدا مەن بۇ تەدبىرلەر ۋە سىياسەتلەر بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ داۋام قىلدى، دېمەكچى ئەمەسمەن. ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن ئۈزۈكچىلىكلەر بولغان. دەرۋەقە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى سىياسەتلىرى خىتاي كومپارتىيىسى 1949-يىلى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىققان. شىنجاڭغا خىتايلارنى كۆچۈرۈش ئىشى ئەمەلىيەتتە مانجۇلارنىڭ چيەنلوڭ ئىمپېراتورى زامانىسىدا سىچۈەندىكى نامرات خىتايلارنى كۆچۈرۈشتىن باشلانغان. ئۇلار ئۈرۈمچى ۋە تەڭرى تاغنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى جۇڭغارىيە ۋادىسىغا كۆچۈرۈلگەن. ئەمما گومىنداڭ دەۋرىدە بۇ خىل زور نوپۇس كۆچۈرۈشكە ئانچە چوڭ ئىمكان بولمىغان. گەرچە يالتا يىغىنىدا گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى ھۆكۈمرانلىقى ئۈچۈن بىر مۇھىم قەدەم ئېلىنغان بولسىمۇ يەنە بىر ياقتىن شىمالدىكى ئىلى رايونىدا ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن بۇ ئىش تېخىمۇ مۇمكىن بولمىغان. يەنە كېلىپ گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق زور كۆلەملىك نوپۇس كۆچۈرۈشنى تاماملىغۇدەك ئىقتىسادىي قۇۋۋىتى ھەمدە شىنجاڭنى تولۇق كونترول قىلغۇدەك سىياسىي قۇدرىتى بولمىغاچقا بۇ ئىش شۇنداق تاشلىنىپ قالغان. خىتاي ھۆكۈمرانلىرى بولسا قەدىمكى زاماندىكى ‹لەشكەرلەرنىڭ بوز يەر ئېچىشى› ھەققىدىكى رىۋايەتلەردىن ئىلھاملىنىپ ئاخىرقى ھېسابتا مۇستەملىكەلەشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋاسىتىسى بولغان ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى قۇرۇپ چىقتى.»

جېيمىس مىلۋاردنىڭ پىكرىچە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى خىتاي كومپارتىيىسى ئۆتكۈزۈۋالغان. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىرى سىرلىق ئايروپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى تۈركىي تىللىق يەرلىك كادىرلاردىن «شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى ئىنكار قىلىدىغان» بىر تۈركۈم كىشىلەرنى تاللاپ، يېڭى رەھبىرىي كوللېكتىپ ھاسىل قىلغان. بۇ ئىشلارنى تاماملىغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى گومىنداڭ قالدۇق قوشۇنلىرىدىن 80 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى تەشكىللەپ «شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى» نامىدىكى يېڭى مۇستەملىكە ئاپپاراتىنى بەرپا قىلىپ چىققان. ئەنە شۇندىن كېيىنلا خىتايلارنىڭ نوپۇس كۆچۈرۈش ئارقىلىق بۇ رايوننى مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرۇش ئارزۇسى ئەمەلگە ئېشىشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن بۇيانقى 50 يىل مابەينىدە خىتاي ھۆكۈمىتى دېھقانچىلىق مەيدانى، سانائەت كارخانىلىرى، ئەمگەك لاگېرى، تۈرمە ھەمدە يېقىنقى مەزگىللەردىكى «قايتا تەربىيىلەش مەركىزى» قاتارلىق مۇئەسسەلەرنى بەرپا قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ جايغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى راۋۇرۇس مۇستەھكەملىگەن.

ھالبۇكى، بۇ جەرياندا بارلىققا كەلگەن ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتلەردىكى تەقسىماتتا بارغانسېرى كۆپ كىشىلەر تەڭسىزلىك ھادىسىلىرىنى، شۇنىڭدەك يەرلىك خەلق بولغان ‍ئۇيغۇرلارنىڭ بارغانسېرى يەكلىنىپ بىر چەتكە چىقىرىپ قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ يەتكەندىن كېيىن بۇ خىل تەڭسىزلىك، يەكلەش ۋە چەكلەشكە نىسبەتەن تۈرلۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئوتتۇرىغا چىققان. ئەمما خىتاي كومپارتىيىسى دەرھاللا 2000-يىللىرىدىن باشلاپ ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان «تېررورلۇققا قارشى دۇنياۋى ئۇرۇش» نىڭ شامىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى ۋە قارشىلىقىنى بىردەك «تېررورلۇق» قا باغلاپ باستۇرۇشقا كىرىشكەن.

بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد مۇنداق دېدى: «كىشىلەر ھەرقاچان شىنجاڭ رايونىدا توختىماستىن ۋەقە چىقىپ تۇرىدۇ، بۇ ئەھۋال ھازىر بارغانسېرى ئېغىرلىشىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار دائىم خىتاي ھۆكۈمىتىگە ياكى كومپارتىيەسىگە قارشى شۇنداق قىلىۋاتىدۇ، دەپ قارايدۇ. دەرۋەقە بىر قىسىم ھادىسىلەر قارىماققا ھەقىقەتەن شۇنداق بولغاندەك كۆرۈنىدۇ. بولۇپمۇ 1998-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە بولغان مەزگىلگە قارايدىغان بولساق بۇنىڭ تىنچ بىر دەۋر بولغانلىقىنى بايقايمىز. ئەنە شۇ ۋاقىتتىن كېيىنكى ئون يىلغا قارايدىغان بولساق، بولۇپمۇ لاگېرلار باشلانغىچە بولغان مەزگىلدە نارازىلىق ۋە قارشىلىقنىڭ يۈكسىلىپ ماڭغانلىقىنى كۆرىمىز. شۇ ئارىلىقتا بېيجىڭ، كۇنمىڭ قاتارلىق جايلاردا تۆت قېتىملىق زورلۇق ھەرىكىتى يۈز بەردى. بەزى كىشىلەر بۇ ھادىسىلەرنى تېررورلۇق، دەپ قارىدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرقانداق پىكرىنى بىردەك تېررورلۇق، دەپ قارىدى. بولۇپمۇ ئادەتتىكى نورمال دىنىي ئېتىقادنىڭ ھەممىسى تېررورلۇقنىڭ ئىسپاتى بولۇپ قالدى. بۇنداق خاتا دىئاگنوز تېخىمۇ زور قارشىلىققا سەۋەب بولدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچقاچان بۇنىڭدىكى سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىگە قاراپ بېقىشنى خالىمىدى. ئەمدى قارايدىغان بولساق ئۇيغۇرلارنىڭ دىن بىلەن باغلىنىشلىق بارلىق پائالىيىتى ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق بولۇپ قالدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قارشىلىق ۋە نارازىلىقنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سىياسەتلىرىگە ۋە بۇ سىياسەتلەرنىڭ مەغلۇبىيىتىگە قارىتا ئوتتۇرىغا چىققان ئىنكاس ئىكەنلىكىنى كۆرمىدى.»

پروفېسسور جېيمىس مىلۋاردنىڭ پىكرىچە، ھەرقېتىم مۇشۇ خىلدىكى ئاتالمىش «تېررورلۇق» ۋەقەلىرى ھەققىدە سۆز بولغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئۆتكەن يېرىم ئەسىردە ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ «تەرەققىياتى» ئۈچۈن قانچىلىك مەبلەغ سالغانلىقىنى كۆپ قېتىم تەكىتلەپ كەلگەن. بولۇپمۇ 2000-يىلى باشلانغان «غەربنى زور كۆلەمدە ئېچىش» قۇرۇلۇشى بۇنىڭدىكى ئەڭ زور مىسال بولۇپ قالغان. ھالبۇكى، بۇ جەريانغا نەزەر سالغىنىمىزدا بۇ غايەت زور قۇرۇلۇشقا سېلىنغان مەبلەغنىڭ نېفىت قېزىش، تۆمۈر يول ياساش، پاختا مەھسۇلاتىنى كېڭەيتىش ۋە باشقا ھۈل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىسادىي غول تومۇرىغا «جان قوشىدىغان» تۈرلەرگە سەرپ قىلىنغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى يەرلىك خەلققە بۇنىڭ قىلچىلىك مەنپەئەتى يەتمىگەنلىكىنى كۆرۈش يېتىش مۇمكىن ئىكەن.

سۆھبىتىمىز جەريانىدا پروفېسسور جېيمىس مىلۋارد بۇ توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە، مەن بۇ خىل پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان بىردىن-بىر كىشى ئەمەس. چۈنكى كۆپلىگەن مۇتەخەسسلەر بۇ نۇقتىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن. ئۆتكەنكى مەزگىللەردە ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئامىلىنىڭ رولى ھەققىدە كۆپلىگەن مۇھاكىمىلەر بولۇپ ئۆتتى. ‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى› دىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا موھتاج ئىكەنلىكىنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. بۇنىڭ بىلەن مۇشۇ نۇقتىنى چۆرىدىگەن ھالدا بىر قاتار تەدبىرلەر تۈزۈپ چىقىلدى. ئەنە شۇنىڭ ئەڭ چوڭى 2000-يىللاردا ‹غەربنى زور كۆلەمدە ئېچىش› دېگەن نامدا ئوتتۇرىغا چىقتى. 2010-يىلىغا كەلگەندە ‹شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش› نامىدا يېڭى پروگرامما باشلاندى. بۇنىڭ بىلەن مىليارد-مىليارد سوم مەبلەغ قىلىپ سېلىندى. ئەمما بۇنىڭدا بىز دىققەت قىلىدىغان بىر نۇقتا شۇكى، شىنجاڭدىكى بۇ تەرەققىياتنى خىتاي ھۆكۈمىتى 1950-يىللاردىن تارتىپلا بىڭتۇەننى گۈللەندۈرۈش يولى بىلەن ئىشقا ئاشۇرماقچى بولغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل ‹تەرەققىيات› شوئارى ئاستىدا بىز بارلىق گۈللىنىش ۋە تەرەققىياتلارنىڭ يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى، يەنى بۇ خىل تەرەققىياتنىڭ شەرقتىكى بېيجىڭ ۋە شاڭخەي دېگەندەك جايلار ئۈچۈن بولغانلىقىنى، ئەمما قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق جايلاردا ھەقىقىي مەنىدىكى تەرەققىياتنىڭ بولمىغانلىقىنى كۆردۇق. چۈنكى شىنجاڭغا مەبلەغ سالغان بۇ ئۆلكە ۋە شەھەرلەر باي بولدى. ئەمما شىنجاڭنىڭ بۇنىڭدىن مەنپەئەتدار بولغانلىقىدەك مەنزىرە بارلىققا كەلمىدى.»

ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىستېمىلىق زۇلۇم مۇكەممەل يوسۇندا ئىجرا بولۇشقا باشلىغاندا بولسا بۇنىڭ يەنە كۆپ تەرەپلىمە ئامىللارغا، جۈملىدىن غەرب دۇنياسى بىلەنمۇ مەلۇم دەرىجىدە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى ئاشكارا بولۇشقا باشلىدى.

بۇ پروگراممىنىڭ داۋامىغا قىزىقساڭلار دىققىتىڭلار كېيىنكى پروگراممىمىزدا بولسۇن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت