ئۇيغۇرلارنىڭ «ئېتنىك قىرغىنچىلىق» قا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى «يەھۇدى قەتلىئامى مۇزېيى» دا كۈنتەرتىپكە كىردى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020-02-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«يەھۇدىي قەتلىئامى مۇزېيى» دا ئۆتكۈزۈلگەن «يەھۇدىيلار قەتلىئامىدىن 75 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى دىنىي باستۇرۇشلار» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 5-فېۋرال. ۋاشىنگتون، د. س.، ئامېرىكا.
«يەھۇدىي قەتلىئامى مۇزېيى» دا ئۆتكۈزۈلگەن «يەھۇدىيلار قەتلىئامىدىن 75 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى دىنىي باستۇرۇشلار» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدىن بىر كۆرۈنۈش. 2020-يىلى 5-فېۋرال. ۋاشىنگتون، د. س.، ئامېرىكا.
RFA/Gulchehre

2-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ناتسىستلار گېرمانىيەسىنىڭ رەھبىرى ئادولف ھىتلېر يەھۇدى خەلقىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا توپلاپ قىرغىنچىلىق قىلغان. ۋاشىنگتوندىكى «يەھۇدى قەتلىئامى مۇزېيى» مانا شۇ تارىختىكى تراگېدىيەنىڭ «ئەسلا تەكرارلانماسلىقى» ۋە «ئۇنتۇلماسلىقى» ئۈچۈن ئابىدە سۈپىتىدە قۇرۇلغان سموۋۇللۇق بىر تارىخىي كۆرگەزمەدۇر.

مەزكۇر مۇزېينىڭ كۆرگەزمە قىسمىدىن باشقا مۇزېيدا يەنە دۇنيا خەلقى ۋە دۇنيادىكى ھۆكۈمەتلەرنى ئۆز-ئارا نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىكتىن ساقلاش، ئىنسانىيەتكە قارشى جىيانەت ئۆكۈزۈشتىن توسۇش، قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىنسانىيەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ۋە غۇرۇرغا ھۆرمەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغان بىرقانچىلىغان تەتقىقات ئىنىستىتۇتلىرى ۋە فوندى جەمئىيەتلەر تەسىس قىلىنغان. بۇ مۇزېي يەنە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بىلەنمۇ زىچ ھەمكارلىقى بولغان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان نوپوزلۇق بىر ئورۇن ھېسابلىنىدۇ. 

5-فېۋرال كۈنى «يەھۇدى قەتلىئامى مۇزېيى» ۋە «21-ئەسر ۋىلبرېف فورس تەشكىلاتى» نىڭ ساھىبخانلىقىدا «يەھۇدىلار قەتلىئامىدىن 75 يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى دىنىي باستۇرۇشلار» تېمىسىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. مەزكۇر يىغىنغا ئامېركا كېڭەش پالاتاسىنىڭ بەزى ئەزالىرى، يەھۇدى قىرغىنچىلىقىدىن ھايات قالغان شاھىتلاردىن بىر قانچە كىشى، ۋاشىنگتوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرقايسىي دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىلللىرى، كىشىلىك ھوقوق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ھەمدە ئامېرىكادىكى ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ مۇخبىرلىرى بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. 

ۋاشىنگتوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ خادىملىرى ھەمدە ئۇيغۇر ھەركىتىنىڭ يېتەكچىلىرىدىن رابىيە قادىر خانىم قاتارلىق كىشىلەرمۇ قاتناشتى. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

مەزكۇر يىغىنغا «يەھۇدى قەتلىئامى مۇزېيى» نىڭ قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىنىڭ دىرېكتورى نائومى كىكولېر خانىم رىئاسەتچىلىك قىلدى. ئۇ سۆزىدە 1933-1945-يىللىرى ئارىلىقىدا 6 مىليون يەھۇدىنىڭ ھەر خىل شەكىللەردىكى قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانى بولغانلىقى، شۇندىن بۇيان كىشىلەرنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بۇ قەتلىئامنىڭ ئەسلا تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقانلقىنى، بۇ مۇزېينىڭ دەل مۇشۇ مەقسەد ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى تەكتلىدى. 

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى ھۆرمەت بىلەن قارشى ئالىمەن. مەن چوشقۇر ئەپسۇسلۇق ئىچىدە يەھۇدىي قىرغىنچىلىقىغا 75 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە ‹ئەسلا تەكرارلانمىسۇن» دېگەن ئەقىدىمىزگە خىلاپ ھالدا دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدىكى ئىنسانلارنىڭ ئوخشىمىغان دىن، ئوخشىمىغان مىللي كىملىك ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن يەنىلا قىرغىنچىلىقلارنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكچىمەن.» 

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىنىمىزنىڭ مەقسىدى رېياللىقتا يۈز بېرىۋاتقان بۇ قىرغىنچىلىقلارغا بولغان ئەندىشىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇنىڭغا قارىتا دېققەت قوزغاش ھەمدە ئۇنى توختىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىشتۇر. چۈنكى شۇنى چۈشىنىشىمىز كېرەككى، بىرىنچىدىن، ئىنسانىيەتكە قارشى ئۆتكۈزۈلىۋاتان بۇ جىنايەتلەرنى توختىتىش تامامەن مۇمكىن. ئىككىنچىدىن قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىگە ئائىت ئىسپاتلار ۋە قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىن شەپىلىرىنى قانچە بالدۇر ھېس قىلىپ ئۇنىڭغا قارشى ھەرىكەت قوللانغاندا، شۇنچە بالدۇر ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.» 

يىغىندا ئالدى بىلەن ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئەزالىرىدىن جېيمېس لانكفورد ۋە جاكېي روسېن ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ، «ئوخشىمىغان مىللەت ۋە دىنىي گۇرۇپىلارغا قارىتىلغان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر ۋە زىيانكەشلىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەر قانداق ئىنساننىڭ مەسئۇلىيىتى،» دېدى.

يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان يەھۇدى قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغان كروۋاتىيەلىك ھايات شاھىت دورا كلايمەن خانىم سۆز قىلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ 1938-يىلى كروۋاتىيەدە تۇغۇلغانلىقى، 1942-يىلىدا ئاتا-ئانىسىنىڭ گېرمان فاشىستلىرى تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنىپ، ئىنىسى ئىككىسىنىڭ مۆجىزىلەرچە ھايات قالغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىسىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «تارىختىكى شۇنداق بىر تراگېدىيەنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن شاھىد بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھازىرنىڭ ئۆزىدىمۇ ئىنسانلارنىڭ شۇنىڭغا ئوخشاش زۇلۇم ۋە ئازابلارغا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلالمايمەن. بۇنى قوبۇل قىلىش تولىمۇ ئازابلىق بىر ئىش. مەن كىشىلەرنى ئەمدى بۇنداق قىرغىنچىلىقنىڭ ھەرگىز تەكرارلانماسلىقى ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىمەن.» 

مەزكۇر يىغىندا دوكلات بېرىشكە ھازىرنىڭ ئۆزىدە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان روھىنگا مۇسۇلمانلىرى، ئىراق خرىستىانلىرى، ئۇيغۇرلار ۋە خىتاي خرىستانلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپ قىلىنغان. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى ئۆمەر قانات ئەپەندى دوكلات بەردى. ئۇ تەخمىنەن بىر مىليون 800 مىڭدىن 3 مىليونغا قەدەر بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا سولانغانلىقىنى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەۋجۇت جازا لاگېرنىڭ متەخەسىسلەر تەرىپىدىن «مىللىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئەيىبلىنىۋاتقانلىقى، بۇنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئېتنىك ۋە دىنىي ئېتىقاد سەۋەبىدىن ئەڭ كۆپ تۇتقۇن قامالغان جازا لاگېرلىرى ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

ئۆمەر ئەپەندى يەنە لاگېر سىرتىدىكىلەرنىڭمۇ خىتاينىڭ ئېغىر ئىسكەنجىلىرى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى، مىللىي ۋە دىنىي كىملىكلىرىدىن، ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقولىرىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇردى. ئۇ ئاخىرىدا يەنە خىتايدىن تارقالغان «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئۇيغۇر دىيارىغىچە يېتىپ بېرىشى بىلەن شەرقىي تۈركستاندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن ئۇچۇر-ئالاقىسى پۈتۈنلەي ئۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مەزكۇر يىغىننى تەشكىللىگۈچى ساھىبخان ئورگاننىڭ يەنە بىرى بولغان «21-ئەسىر ۋىلبرېف فورس تەشكىلاتى» نىڭ پرېزدېنتى راندېل ئېۋېرېت ئەپەندى خۇلاسە سۆزى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دىنىي ۋە كىشىلىك ھوقۇقلىرى ئېغىر دەپسەندە بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە خۇددى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى يەھۇدىلارغا ئوخشاشلا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىپ، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ قۇربانى بولىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭدىن كۈچلۈك ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى. ئۇ ئۆز تەشكىلاتىنى ئۇيغۇرلار يۈزلىنىۋاتقان نۆۋەتتىكى قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى. ئۇ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇزېي بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» نى ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن ئاۋاز توپلاش ھەرىكىتى باشلىغانلىقىنى تونۇشتۇردى. 

«21-ئەسىر ۋىلبرېف فورس تەشكىلاتى» خرىستىان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بولۇپ، بۇ تەشكىلات 19-ئەسىردە ئەنگىلىيەدە قۇللۇق تۈزۈمنىڭ ئاغدۇرۇلىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشقان ئىكەن.

يىغىندىن كېيىن ئۆمەر قانات ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ «يەھۇدى قەتلىئامى مۇزېيى» دا تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. مۇزېيدا ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرىدىغان مەخسۇس بىر كۆزنەك ئېچىلغان بولۇپ، ئۆمېر ئەپەندىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە بۇ كۆزنەككە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە تەييارلىغان دوكلاتلىرى ۋە «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسى» ئىڭ ماقۇللىنىشىنى قوللاش ئۈچۈن «21-ئەسىر برېف فورس تەشكىلاتى» تەييارلىغان تەشۋىقات ۋاراقلىرى قويۇلغان ئىكەن. بۇ ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇشنىڭ تۇنجى نۆۋەت «يەھۇدى قەتلىئامى مۇزېيى» دا كۈنتەرتىپكە كىرىشى ھېسابلىنىدىكەن.

«يەھۇدى قەتلىئامى مۇزېيى» ۋە «21-ئەسىر ۋىلبرېف فورس تەشكىلاتى» نىڭ ساھىبخانلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىنىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى ۋە ئاساسلىق سۆزچىلىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلىۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.

بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنىڭ تەپسىلاتلىرىنى كېيىنكى پروگراممىلىرىمىزدا ئاڭلىتىمىز.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت