فىرانسىيەدە ئاياللار ھوقۇقى گۇرۇپپىلىرىنىڭ «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» ناملىق زور كۆلەملىك چاقىرىق ھەرىكىتى باشلانغان

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-08-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«ئاياللار دۈشمەنلىكىگە قارشى پارىژ سەپداشلار بىرلىكى» (چوللاگەس فېمىنىچىدەس پارىس) ناملىق ياش فېمىنىست گۇرۇپپىسى خىتاي كونسۇلىنىڭ ئالدىغان «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەن لوزۇنكىلارنى چاپلىغان. 2020-يىلى 30-ئىيۇل، پارىژ.
«ئاياللار دۈشمەنلىكىگە قارشى پارىژ سەپداشلار بىرلىكى» (چوللاگەس فېمىنىچىدەس پارىس) ناملىق ياش فېمىنىست گۇرۇپپىسى خىتاي كونسۇلىنىڭ ئالدىغان «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دېگەن لوزۇنكىلارنى چاپلىغان. 2020-يىلى 30-ئىيۇل، پارىژ.
Dilnur Reyhan teminligen

دوكتور ئادرىيان زېنىزنىڭ «ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەجبۇرىي تۇغماس قىلىنىشى» ھەققىدىكى دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاياللار ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ھېسداشلىق بىلدۈرۈشكە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى ئىپادىلەشكە باشلىماقتا.

فىرانسىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى، ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ رەئىسى دىلنۇر رەيھان 23-ئىيۇل فىرانسىيەدىكى ئاياللار ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار (فېمىنىستلار) نى ئۇيغۇر ئاياللىرىغا كۆڭۈل بۆلمىگەنلىك بىلەن ئەيىپلەب، فىرانسىيەدىكى ئەڭ چوڭ گېزىت بولغان «دۇنيا گېزىتى» دە «مەن تېخىچە فېمىنىستلارنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىغا قاياش بولۇشىنى كۈتۈۋاتىمەن» سەرلەۋھىلىك بىر ماقالە ئېلان قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن فىرانسىيەدىكى ئاياللار ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان تەشكىلات ۋە شەخسلەر ئارىسىدا زور غۇلغۇلا پەيدا بولغان. بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن كىيىن ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش ئۇيۇشمىلىرى ۋە نۇرغۇنلىغان ئايال پائالىيەتچىلەر كەينى-كەيىنىدىن ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» لىرىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.

10 دىن ئارتۇق پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىشىپ، فىرانسىيەدە چىقىدىغان «خافىڭتون پوچتا گېزىتى» دە «دىلنۇر رەيھانغا جاۋاب» ناملىق ئوچۇق خەت ئېلان قىلغان. ئوچۇق خەتتە «بىز ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ئەلۋەتتە قاياش بولىمىز، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ دەردى-ھەمىمىزنىڭ دەردى،» دېيىلگەن.

30-ئىيۇل كۈنى «ئاياللار دۈشمەنلىكىگە قارشى پارىژ سەپداشلار بىرلىكى» (Collages Féminicides Paris) ناملىق ياش فېمىنىست گۇرۇپپىسىنىڭ پارىژ ۋە مارسېل شەھەرلىرىدىكى شۆبە گۇرۇپپىلىرى شۇ يەردىكى خىتاي كونسۇلخانىلىرى ۋە زارا، يۇنىكلوغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارنى قۇل قىلىپ ئىشلىتىشكە چېتىشلىق ئورۇن ۋە ماركىلار ماگىزىنلىرىنىڭ تاملىرىغا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە تام گېزىتلىرى چاپلاش ھەرىكىتىنى باشلىغان

پارىژ ۋە مارسېلدىكى شوئار چاپلىغۇچى فېمىنىستلارنىڭ بۇ ھەرىكىتى فىرانسىيە خەلقى ئارىسىدا قىزغىن ئالقىشلانغان. شۇندىن كىيىن، يەنى 1-ئاۋغۇست كۈنى پارىژدىكى «ياشلار كېلىمات ئۈچۈن» ھەرىكىتىمۇ بۇ شوئار چاپلاش ھەرىكىتىگە ئاۋاز قوشقان. ئۇلار پارىژ سودا مەركىزىدىكى ئاساسلىق خەلقئارالىق ماركىلارنىڭ ماگىزىنلىرىغا كىرىپ، پۈتۈن ماللارنىڭ باھا كۆرسەتكۈچىگە: «بۇ مال 50 پىرسەنت چۈشۈرۈلدى. بۇ مال ئۇيغۇر قۇللىرى تەرىپىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان. بۇنى سېتىۋېلىش ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ھەمنەپەس بولغانلىق بىلەن ئوخشاشتۇر» دېگەن خەتلەرنى چاپلىۋەتكەن.

پارىژ فېمىنىستلار گۇرۇپپىسىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى كامىلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «دۇنيادىكى ئاياللار ئايال بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز ئوخشاش بىر گۇرۇپپىغا تەۋەمىز. بىزنىڭ بەدىنىمىز دائىم ھۇجۇم نىشانى، ئۇرۇش قورالى بولۇپ قالىدۇ. نوپۇس كۆپەيتىشتە، قىيناشتا، ئۆلتۈرۈشتە يەنىلا بىزنىڭ بەدىنىمىزنى ئىشلىتىدۇ. ئاياللارنىڭ ئازاب چېكىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى قوللىشى بەك مۇھىم. چۈنكى بىز ئاياللار بۇ ھەرىكەتنى ئۆزىمىز قىلمىساق، ھېچكىم قىلمايدۇ. چۈنكى ھېچكىمنىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىز بىلە كارى يوق. ھېچكىم بىزنىڭ گېپىمىزگە قۇلاق سالمايدۇ. مۇھىم نۇقتا شۇكى، بىز ئاۋازى بوغۇلغانلارنىڭ ئاۋازى بولۇش ئۈچۈن تەشكىللەندۇق.»

دىلنۇر رەيھاننىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قىز-ئاياللارنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى پۈتۈن فىرانسىيەنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە چاپلىۋېتىش ئىكەن.

كامىلى يەنە مۇنداق دېدى: «خەلقئارالىق كومىتېتلارنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتمەسلىكتىن باشقا چارىسى يوق، چۈنكى بۇ خىل زۇلۇم دائىم يۈز بېرىۋاتىدۇ. كومىتېتلارنىڭ ‹بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى يوق، قانداق قىلىشنى بىلمىدۇق› دېگەنلىرى يالغان. ئەلۋەتتە، بىر يولى بار. ئەلۋەتتە قولىدا بار كۈچتىن پايدىلىنىپ، بىر ئىشلارنى ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، بۇ ھازىر بەك مۇھىم.»

دىلنۇر رەيھان ئۆزىنىڭ فىرانسىيەدە بۇ قەدەر كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىيالىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە مۇنداق دېدى: «ئىجتىمائىي تاراتقۇلار، بولۇپمۇ فىرانسىيەدە ياشلار ۋە داڭلىق كىشىلەر ئاساسەن ئىنىستېگرام ئىشلىتىدىكەن. بىز شۇنىڭدىن پايدىلاندۇق، ھازىر توردا ‹ئۇيغۇر ئارمىيە› مىز بار. بىر ئۇچۇرنى تەڭلا تارقىتالايمىز. ئۈنۈمى بەك ياخشى بولدى. بىز يەنە داۋاملىق خىتاي بىلەن سودا قىلىدىغان داڭلىق ماركىلارغا قاراتمىلىق ئۇچۇر ھەرىكىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز ۋە ھۆكۈمەتنى بىر قانۇن چىقارغۇزۇش ئۈچۈن باشقا پىلانلىرىمىزمۇ بار.»

دىلنۇر رەيھان 15 يىلدىن بىرى فىرانسىيەدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى چۈشەندۈرۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، يىلدا ئىككى قېتىم فىرانسۇزچە چىقىدىغان «ئۇيغۇرلارغا نەزەر» ژۇرنىلىنىڭ باش تەھرىرى ئىكەن. ئۇ توختىماستىن ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە مۇخبىرلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ فىرانسىيەدە كۈنتەرتىپكە كېلىشىگە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان. ئۇ بۇ قېتىمقى فىرانسىيەدە كۆتۈرۈلگەن «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» دولقۇنىنىڭ قوزغىلىشنىڭ ئاساسلىق رولچىسى بولۇپ قالغان. ئۇ بىر سوتسيولوگىيە پەنلىرىنىڭ دوكتورانتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاياللارنىڭ بۇنداق ھەلقىلىق پەيتتە مەيدانغا چىقىشىنى «ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى بېسىلغان ئورنى ۋە ئۇلارنىڭ تۈرلۈك بېسىملارغا قارشى ھايات قىلىش جەريانىدا شەكىللەنگەن كۈچلۈك خاراكتېرىدىن كەلگەن،» دەپ چۈشەندۈردى.

دىلنۇر رەيھان دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بۇ قىيىن كۈنلەردىن ھەمكارلىشىپ بىللە ئۆتۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر داۋاسىدا قىزلار چوقۇم مۇھىم يەرلەرگە قويۇلۇشى كېرەك. قىزلار ئۆزىمىزگە ئىشىنىشىمىز، ياخشى ئوقۇپ يۇقىرى ئورۇنلارغا چىقىشىمىز كېرەك. ۋەتەن ئۈچۈن بىر ئىش قىلمىغان ئادەم ھەر قانچە ياخشى بولسىمۇ، تولۇق ئادەم بولمايدۇ. مەيلى ئەر ياكى ئايال بولايلى، بىر تولۇق ئادەم بولۇشقا تىرىشىپ باقايلى.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت