فىرقەت جەۋدەت: «ئاپامنىڭ دېگەنلىرى پۈتۈن ئانىلارنىڭ يۈرەك سۆزى» (2

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-12-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكادىكى ياش پائالىيەتچى فىرقەت جەۋدەت ئەپەندى CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ دۇنيا بويىچە تونۇلغان داڭلىق مۇخبىرى كىرىستىينا ئامانپور خانىمنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2019-يىلى 16-دېكابىر.
ئامېرىكادىكى ياش پائالىيەتچى فىرقەت جەۋدەت ئەپەندى CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ دۇنيا بويىچە تونۇلغان داڭلىق مۇخبىرى كىرىستىينا ئامانپور خانىمنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرمەكتە. 2019-يىلى 16-دېكابىر.
cnn.com

9-دېكابىر كۈنى «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە ئامېرىكادىكى ياش پائالىيەتچى فىرقەت جەۋدەتنىڭ غۇلجىدىكى ئۆيىدە نەزەربەندتە تۇرۇۋاتقان ئاپىسى مۇنەۋۋەر تۇرسۇن بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئاساسىدا تەييارلانغان ئاۋاز پروگراممىسى تارقىتىلغاندىن كېيىن كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

بىز فىرقەت جەۋدەت بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىمىزنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا نۇقتىلىق ھالدا «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە ئۇنىڭ ئانىسى مۇنەۋۋەر خانىم بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن چەتئەللەردىكى كەڭ جامائەتتىن كەلگەن ئىنكاسلار ۋە شۇنداقلا مۇنەۋۋەر خانىمنىڭ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلىرى ھەققىدە توختالغان ئىدۇق. فىرقەت جەۋدەت پروگراممىدىن كېيىن ناھايىتى ياخشى ئىنكاسلار كەلگەنلىكىنى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئاپىسىنىڭ سۆزلىرىگە قايىل بولغانلىقىنى ئېيتقان ۋە «ئاپامنىڭ دېگەنلىرى بارلىق ئانىلارنىڭ يۈرەك سۆزىدۇر»، دېگەنىدى.

فىرقەت جەۋدەتنىڭ ئانىسى مۇنەۋۋەر تۇرسۇن خانىمنىڭ غۇلجىدا تۇرۇپ ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ھەققىدە بەرگەن باياناتى خەلقئارالىق ئاخباراتلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. نۇرغۇن نوپۇزلۇق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇ ھەقتە خەۋەر تارقاتتى. 16-دېكابىر كۈنى، CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ دۇنيا بويىچە تونۇلغان داڭلىق مۇخبىرى كىرىستىينا ئامانپور فىرقەت جەۋدەت بىلەن مەخسۇس زىيارەت ئېلىپ باردى. فىرقەت جەۋدەت بۇ زىيارەتتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈن بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇچراۋاتقان زۇلۇم ھەققىدە ئىنتايىن كۈچلۈك سۆزلەرنى قىلدى.

تولۇق بەت