گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-01-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
گېرمانىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۇدە يېنسېن خانىم نامايىشتا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى 19-يانۋار، بېرلىن.
گېرمانىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۇدە يېنسېن خانىم نامايىشتا سۆزلىمەكتە. 2020-يىلى 19-يانۋار، بېرلىن.
RFA/Ekrem

بېرلىندا ئۇيغۇرلار، تۈركلەر، تىبەتلىكلەر، تەيۋەنلىكلەر ۋە خوڭكوڭلۇقلارنىڭ خىتايغا قارشى بىرلەشمە نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

12-يانۋار ۋە 18-يانۋار كۈنلىرى گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ شەھىرىدىكى تۈركلەر، تۈركمەنلەر، ئەزەربەيجانلىقلار، ئەرەبلەر ۋە گېرمانلار بىرلىشىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرى تۈزۈمىگە، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقلىرىغا قارشى قانچە مىڭ كىشىلىك زور نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى. 19-يانۋار كۈنى، د ئۇ ق نىڭ باش بولۇپ تەشكىللىشى بىلەن گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا ئۇيغۇرلار، تۈركلەر، تىبەتلىكلەر، تەيۋەنلىكلەر، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ قوشۇلۇشى ئاستىدا خىتايغا قارشى كۆلىمى زور بولغان بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن.

گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىن ئالايىتەن بېرلىنغا بېرىپ بۇ نامايىشقا قاتناشقان د ئۇ ق نىڭ ياۋروپاغا مەسئۇل ۋەكىلى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشقا گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ بەزى ئەزالىرىمۇ ئىشتىراك قىلىپ نۇتۇق سۆزلىگەن ۋە گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى خىتايغا بولغان بېسىمنى كۈچەيتىپ جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ئۈچۈن ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرغان.

ئەسقەرجان ئەپەندىنىڭ تىلغا ئېلىشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىشتا نۇتۇق سۆزلىگەن تەشكىلات ۋەكىللىرى خىتاينىڭ «شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، خوڭكوڭلاردا يۈرگۈزۈۋاتقان غەيرىي ئىنسانىي سىياسەتلىرى» نى قاتتىق ئەيىبلىگەن ھەمدە خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقىشىنى تەلەپ قىلغان.

نامايىش مەيدانىدا جاراڭلىق شوئارلاردىن سىرت، مەرھۇم ناخشىچى كۈرەش كۈسەننىڭ «ئاتلاندۇق» ناملىق ناخشىسى ئۈنلۈك قويۇۋېتىلگەن. بۇ نامايىشقا قاتناشقان بېرلىندىكى «ئالىپ ئەرەنلەر» ناملىق تۈرك تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرىدىن ئەندەربەي بۇ ھەقتە توختالغاندا، ئۆزلىرىنىڭ ھەرقاچان ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بىز ھەر زامان شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنىڭ قارشى تەرىپىدە تۇرىمىز. شەرقىي تۈركىستان بولسا بىزنىڭ ئاتا ۋەتىنىمىز، ئاتا دىيارىمىز. ئەجدادلىرىمىزنىڭ يۇرتى. بىزنىڭ ھازىر قولىمىزدىن كېلىۋاتقىنى خىتايغا قارشى شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن نامايىش قىلىش، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يىغىنلارنى ئۇيۇشتۇرۇش، تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش بولۇۋاتىدۇ. قولىمىزدىن باشقا ئىشلار كەلگەن تەقدىردە، ئۇنى قىلىشقا دەرھال ھازىرمىز. ئاللا شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە يار ۋە ياردەمچى بولسۇن. شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئازادلىق نېسىپ ئەيلىسۇن.»

بېرلىندىكى نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇرلاردىن زىبۇللا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىشچىلار قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆكبايراقلارنى جەۋلان قىلدۇرۇش بىلەن بىرگە، خىتاي تۈرمىلىرى ۋە جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنىڭ رەسىملىرىنى بوينىغا ئېسىپ تۇرۇپ نامايىش قىلغان.

بېرلىندا ياشاۋاتقان د ئۇ ق بېرلىن ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى، قۇرۇلتاي ياشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى غەيۇر قۇربان ئەپەندىنىڭ بايان قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى نامايىش گېرمانىيەنىڭ سىمۋولى بولغان براندېبۇرگ مەيدانىدا، يەنى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مەركىل خانىمنىڭ ئىشخانىسىنىڭ يېنىدا باشلانغان. مىڭغا يېقىن نامايىشچىلار بۇ يەردىن يولغا چىقىپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن گېرمانىيەنى «شەرقىي گېرمانىيە» ۋە «غەربىي گېرمانىيە» دەپ ئىككىگە ئايرىپ تاشلىغان «بېرلىن تېمى» غا قاراپ يۈرۈش قىلغان.

نامايىشقا ئىشتىراك قىلغان مۇزەپپەر ئىسىملىك بىر تۈرك كىشى بۇ نامايىشقا قاتنىشىشتىكى مەقسىتىنى مۇنداق بايان قىلدى: «مەن ئۆتكەن يىلى بېرلىندا ئۇيۇشتۇرۇلغان خىتايغا قارشى نامايىشقا قاتناشقان ئىدىم. بۈگۈنكى بۇ نامايىش سېپىگىمۇ خۇشاللىق بىلەن قوشۇلدۇم. مەقسىتىم: خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا سېلىۋاتقان زۇلۇملىرىغا قارشى جار سېلىش، ئاۋازىمىزنى دۇنياغا ئاڭلىتىش. بىزنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ھېسداشلىق قىلىش، ئۇلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇش مەجبۇرىيىتىمىز بار.»

مەلۇم بولغىنىدەك، ئۆتكەن يىلى 11-ئايدىن باشلاپ گېرمانىيەنىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان تۈرك خەلقى ۋە باشقا ئىسلام جامائىتى ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىپ خىتايغا قارشى كۆلىمى زور بولغان بىرلەشمە نامايىشلارنى ئېلىپ بارغان ئىدى. بۇ يىل يانۋار ئېيى كىرىشى بىلەنلا خىتايغا قارشى نامايىشلار يەنە باشلاندى. يالغۇز گېرمانىيەدىلا ئەمەس، ياۋروپانىڭ ئۇيغۇرلار نىسبەتەن كۆپرەك توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئەللىرىدە خىتايغا ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىغا، مىللىي زۇلۇملىرىغا قارشى پائالىيەتلەر تۇشمۇتۇشتىن باش كۆتۈرمەكتە. خىتاينىڭ زۇلۇمىغا، بېسىملىرىغا دۇچ كېلىۋاتقان تەيۋەنلىكلەر، خوڭكوڭلۇقلار، تىبەتلىكلەر ۋە موڭغۇللارمۇ بۇ سەپكە قوشۇلماقتا.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل ئىچىدە ياۋروپادىكى بىرقىسىم دۆلەتلەردە يەنە تەيۋەنلىكلەر، خوڭكوڭلۇقلار، تىبەتلىكلەر، موڭغۇللار شۇنداقلا تۈرك ۋە باشقا مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردىمىدە كۆلىمى زور بولغان بىرلەشمە نامايىشلار تەشكىللىنىدىكەن.

تولۇق بەت