گېرمانىيەنىڭ N-TV قانىلى تارقاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-07-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
N-TV تېلېۋىزىيە قانىلى تارقىتىلغان «خىتاينىڭ زالىملارچە باستۇرۇش سىياسىتى: ئۇيغۇرلار لاگېرلاردا قىينالماقتا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمىدا سۈرەتكە ئېلىنغان خىتاي قوراللىق كۈچلىرى. 2020-يىلى 5-ئىيۇل.
N-TV تېلېۋىزىيە قانىلى تارقىتىلغان «خىتاينىڭ زالىملارچە باستۇرۇش سىياسىتى: ئۇيغۇرلار لاگېرلاردا قىينالماقتا» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمىدا سۈرەتكە ئېلىنغان خىتاي قوراللىق كۈچلىرى. 2020-يىلى 5-ئىيۇل.
Photo: RFA

7-ئاينىڭ 5-كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» نىڭ 11 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقان كۈنى گېرمانىيەنىڭ N-TV ناملىق مەخسۇس خەۋەر تارقىتىدىغان تېلېۋىزىيە قانىلى «خىتاينىڭ زالىملارچە باستۇرۇش سىياسىتى: ئۇيغۇرلار لاگېرلاردا قىينالماقتا» ناملىق ھۆججەتلىك پروگراممىنى تارقاتتى.

پروگراممىغا «ئۇيغۇرلار خىتايدا قانچە 10 يىلدىن بۇيان زۇلۇمغا ئۇچراپ كەلدى. خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇلارغا تېررورچىلارغا قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى ئاتالمىش قايتا تەربىيىلەش لاگېرلىرىغا قامايدۇ. ئەمما ئۇلار بۇ يەردە ھەقىقەتەن قېيىن-قىستاققا ئۇچرايدۇ. ئامان قالغان بىر شاھىت بىزنى مەلۇماتلار بىلەن تەمىنلىدى،» دېگەن كىرىش سۆز قىستۇرۇلغان.

فىلىمنىڭ مۇقەددىمىسىدە تولۇق قوراللانغان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ «تېررورچىلارغا زەربە بېرىش» باھانىسىدە ئۇيغۇر مەھەللىلىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېسىپ كىرىپ ئادەم تۇتۇۋاتقانلىقى، شەھەر كوچىلىرىدا چارلاپ يۈرگەنلىكى ۋە ھەممە يەرگە ئورنىتىلغان كامېرالار، چۆلدەرەپ قالغان مەسچىتلەر، شۈمشىيىپ قالغان بوۋاي-مومايلار كۆرسىتىلىپ، چاڭ پىڭ ئىسىملىك بىر خىتاي ئوبزورچىسىنىڭ تىلى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاينىڭ دۆلەت تېررورى سىياسىتىنىڭ ھۆكۈم سۈرۈۋاتقانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ.

چاڭ پىڭ مۇنداق دەيدۇ: «ئەمەلىيەتتە، ئۇيغۇرلار قانچە 10 يىلدىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئېغىر زۇلۇملىرىغا ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئېلىپ بېرىۋاتقان زوراۋانلىقلىرىغا ئائىت بۇ سىن كۆرۈنۈشلىرىنى خىتاينىڭ دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئۆزلىرى تارقاتقان. خىتاي ھەقىقەتەن ئۇيغۇرلارنى مانا مۇشۇنداق قوراللىق زوراۋانلىقلار ئارقىلىق باشقۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ كۆرۈنۈشلەر خىتاينىڭ ‹تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش› نىقابىدا ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن تىپىك دۆلەت تېررورلۇقى سىياسىتىنى داۋام قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. خىتاي بۇ سىياسىتىنى مانا ئەمدى خوڭكوڭدا ئىجرا قىلىشقا باشلىدى. تەيۋەنمۇ تەھدىتكە يولۇقۇۋاتىدۇ. بۇ تەھدىت قاچانلا بولمىسۇن بىر كۈنلىرى ياۋروپاغىمۇ يېتىپ كېلىدۇ».

فىلىمدا خوڭكوڭدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى قىستۇرۇپ ئۆتۈلۈپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى كۆرسىتىلگەندىن كېيىن، ھازىر شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباي زىيارەت قىلىنىدۇ. سايراگۈل ساۋۇتباي مۇنداق دەيدۇ: «ئەمدىلا بويىغا يەتكەن ئۇيغۇر ياش قىزلار ۋە ئاران نەپەس ئالىدىغان مومايلارمۇ لاگېرلارغا سولانغان ئىدى. ئۇلارنىڭ تېررورلۇق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق ئىدى. ئۇلار توك كالتەكلىرى بىلەن ئۇرۇلاتتى ۋە ھەرخىل ئۇسۇللاردا قېيىن-قىستاققا ئېلىناتتى، خورلىناتتى. لاگېرلاردا ھەقىقەتەن ئېغىر زۇلۇم بار.»

فىلىمدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ميۇنخېندىكى ئىشخانىسى كۆرسىتىلىدۇ. د ئۇ ق نىڭ پروگرامما يىتەكچىسى زۇمرەت ئۇيغۇر مۇخبىرلارغا جازا لاگېرلىرىغا ئائىت سۈرەتلەرنى كۆرسىتىدۇ ۋە ئۇلارغا جازا لاگېرلىرىدىكى ئېغىر زۇلۇملار توغرىسىدا ئۆزلىرى ئېرىشكەن مەلۇماتلارنى تەقدىم قىلىدۇ.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان زۇمرەت ئۇيغۇر يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان گېرمانىيە ئاخبارات ساھەسىنىڭ جازا لاگېرلىرى توغرىسىدا د ئۇ ق رەھبەرلىرىنى زىيارەت قىلىش سالمىقىنىڭ زور دەرىجىدە ئاشقانلىقىنى ئىپادە قىلدى.

فىلىمدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ ئازابلىق كۈلپەتلەرنىڭ ھەربىر ئۇيغۇر ئائىلىسىگە قەدەر ئۇلاشقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، بۇنىڭ مىسالى سۈپىتىدە د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئاتىسى ۋە ئانىسىنىڭ خىتاينىڭ جازا لاگېرىدا قازا قىلغانلىقى، ئۇنىڭ ئاكىسى ۋە ئىنىسىنىڭ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇپ كەتكەنلىكى دولقۇن ئەيسانىڭ تىلى ئارقىلىق ئىزھار قىلىنىدۇ.

فىلىمنىڭ خاتىمە قىسمىدا خىتاينىڭ چەتئەلگە ئۇزارغان قارا قولى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، دولقۇن ئەيسانىڭ خىتاينىڭ ساختا ئويدۇرمىلىرى، سۇيىقەستى بىلەن 21 يىلدىن بۇيان خەلقئارا ساقچى-ئىنتېرپولدا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان بىر شەخسكە ئايلىنىپ قالغانلىقى، ئاخىرى بۇ تۆھمەتنىڭ بىكار قىلىنىپ، ئۇنىڭ گېرمانىيە گىراژدانلىقىغا ئۆتكەنلىكىمۇ بايان قىلىنىدۇ.

فىلىم دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قىلغان خىتاپلىرى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ بۇ زۇلۇملىرىغا سۈكۈت قىلماسلىقى، ھېچ بولمىسا، Volkswagen ۋە Adidas قا ئوخشايدىغان شىركەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارىي ھەمكارلىقىغا چەكلىمە قويۇشى لازىم.»

مەزكۇر فىلىم توغرىسىدا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نى ماقۇللىغان ۋە ئالدىنقى ھەپتە تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز خىتاينىڭ زوراۋانلىق بىلەن تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىگە ئائىت ھۆججەتنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشىنىڭ ھەسسىلەپ ئاشقانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت