گېرمانىيە ئاخبارات ساھەسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جازا لاگېرلىرىغا تارتماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020-08-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ بىرى. 2019-يىلى 31-مارت، خوتەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ بىرى. 2019-يىلى 31-مارت، خوتەن.
AFP

خىتاينىڭ جازا لاگېرى، پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، مەجبۇرىي ئەمگەك تۈزۈمى گېرمانىيە مەتبۇئاتلىرىدا داۋاملىق مۇھىم تېما بولماقتا.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ خادىمى ئەنگىن ئەرئوگلۇ 27-ئىيۇل ياۋروپا پارلامېنتىدا جازا لاگېرلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان ئىدى. ئۇنىڭ: «شىنجاڭدىكى مۇسۇلمان ئاز سانلىقلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بۇ ۋەھشىيلىكلەر خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يەنە بىر قەدىمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. دىننى كەڭ كۆلەمدە ئاياق ئاستى قىلىش، خالىغانچە قولغا ئېلىش ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ پەقەتلا بىر مىسالى. ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە گېرمانىيەنىڭ بۇ مەسىلىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان ۋاقتى كەلدى. بۇ جىنايەتلەرگە سۈكۈت قىلىشنىڭ ۋاقتى بەك ئۇزىرىپ كەتتى،» دېگەن سۆزلىرى كۆپلىگەن مەتبۇئاتلاردا كەڭ كۆلەمدە كۆچۈرۈپ تارقىتىلغان ئىدى.

گېرمانىيەدىكى نوپۇزلۇق قاناللاردىن ز د ف يەنى، «جەنۇبىي گېرمانىيە تېلېۋىزىيەسى» 27-ئىيۇل «ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى باستۇرۇشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە نېمە يوشۇرۇنغان؟»، «ئۇيغۇرلارنىڭ توقۇمىچىلىق ساھەسىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى» ناملىق ئىككى ماقالىنى ئارقا-ئارقىدىن ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزەرىگە سۇندى.

«ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى باستۇرۇشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە نېمە يوشۇرۇنغان؟» ناملىق ماقالە مۇنداق ئىبارىلەر بىلەن باشلىنىدۇ: «تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرى، مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش، نازارەت قىلىش، باستۇرۇش. ئەگەر سىز خىتاينىڭ شىنجاڭ رايونىغا نەزەر سالسىڭىز، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەتەرلىك شەخس، تېررور گۇماندارى، رادىكال ئۇنسۇر ياكى بۆلگۈنچى ئاتاپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن قانداق بىر باستۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى كۆرەلەيسىز.»

ماقالىدا مۇنداق دەيدۇ: «نۇرغۇنلىغان گۇماندارلار ئاقىۋەت لاگېرلارغا سولاندى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر مۇسۇلمانلار، خرىستىئانلار ياكى شۈبھە نىشانى سانالغان ئازسانلىقلار توپى ئىدى. مەسىلەن؛ ئۇيغۇرلار، قازاقلار، قىرغىزلار، تۇڭگانلار. بۇلارنىڭ ئارىسىدا چەتئەلگە چىقىپ ئوقىغانلىقى ئۈچۈن سولانغان ياش قىزلار، ئۇزۇن يىللار مەسچىتنىڭ تازىلىقىنى قىلغانلىقى ئۈچۈن سولانغان قېرى بوۋايلار ياكى قازاقىستانغا چىقىپ تۇغقان يوقلىغانلىقى ئۈچۈن قامالغان ياش يىگىتلەر، ھەتتا ئائىلە بويىچە تۇتقۇن قىلىنغانلارمۇ بار. بۇ لاگېرلاردا ئۇلار پىسىخىكىلىق قىيىن-قىستاقلارغا ئۇچرايدۇ. قوشنىلارنىڭ نالە-زارلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ. باسقۇنچىلىق، ھاقارەت، مەجبۇرىي تۇغۇت چەكلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ.»

ماقالىدە ب د ت نىڭ كېچىككەندىمۇ 2017-يىلىدىن باشلاپلا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىدە جازا لاگېرلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشقا باشلىغانلىقىنى بىلگەنلىكى، 2018-يىلى ئاز دېگەندە 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 2019-يىلىغا كەلگەندە ئۇنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى، ئەمما «جازا لاگېرى ئەمەس، قايتا تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ ئاتىغانلىقى، ئاشكارىلانغان پاكىتلارنىڭ خىتاينىڭ دېگىنىدەك ئەمەسلىكىنى دەلىللىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.

ماقالىنىڭ «ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى خىتاي ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە» ناملىق بۆلىكىدە «خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا قادىلىۋالىدۇ؟» دېگەن سوالنى قويۇپ، ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «1949-يىلىدىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇرلار رايونىدا خىتاي نوپۇسىنى كۆپەيتىپ، يەرلىك خەلقنى خىتاي مەدەنىيىتى ئىچىدە ئېرىتىپ تۈگىتىش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ كەلدى. قارشى چىققانلارنى باستۇردى. بۇ ھال دائىم جىددىي كۈرەشلەرگە سەۋەبچى بولدى. ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا ھەتتا قانلىق توقۇنۇشلار يۈز بەردى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى خىتاي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىدى. بۇ رايون ھىندىستان، پىكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستان، رۇسىيە ۋە موڭغۇلىيە بىلەن چېگرالىنىدۇ. پۈتۈن خىتايدىكى كۆمۈر، تەبىئىي گاز، نېفىتنىڭ بەشتىن بىرى مۇشۇ يەردىن چىقىدۇ. بۇ رايون خىتاينىڭ ‹يېڭى يىپەك يولى» ئىستراتېگىيەلىك زور قۇرۇلۇشىنىڭ بىر بۆلىكى.»

ماقالىدە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ رايوندا ئېغىر دەرىجىدە مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقى، ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەرنىڭ بۇنى دەلىللەۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ «جۇڭگو چۈشى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ مىللەتنى يوقاتماقچى بولۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىدۇ.

ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كۈنتەرتىپتە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، بولۇپمۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قوبۇل قىلغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتى قانۇنى» نىڭ ياۋروپا ئاخباراتىغا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىگە بارغانسېرى كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى پات ئارىدا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا جىددىي قارارلارنىڭ ۋۇجۇدقا چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«ئۇيغۇرلارنىڭ توقۇمىچىلىق ساھەسىدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىشى» ناملىق ماقالىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ غەربىي رايونىدىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش قىلمىشلىرىغا دائىر ئىنتايىن ئاز ئۇچۇرلار ئاشكارىلاندى. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلانغاندا، خىتاينىڭ رادىكالىزىمغا ۋە نامراتلىققا قارشى تۇرۇش كۆرۈشى شەكلىدە قانۇنىيلاشتۇرۇلۇپ ئىجرا قىلىنىۋاتقان بۇ تەدبىرلىرىنىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكى ئىسپاتلانماقتا. 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئاىلىسىدىن ئايرىلىپ مېڭىسى يۇيۇلىۋاتقانلىقى ھەمدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.»

ماقالىدە يەنە دۇنيادىكى پاختا مەھسۇلاتلىرىنىڭ 20 پىرسەنتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىن چىقىدىغانلىقى، پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر بەش كېيىمدىن بىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ. شۇنداقلا ھ & م، ئادىداس، ئەسپرىت قاتارلىق چوڭ توقۇلما بۇيۇملار شىركەتلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن ئالاقىدار ئىكەنلىكى توغرىسىدا مەلۇماتلارنىڭ بارلىقى، گېرمانىيە ئىستېمالچىلىرىنىڭ بۇنداق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن چېتىشلىقى بولغان شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالغاندا ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە بولۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

گېرمانىيەنىڭ مۇھىم ئاخبارات ۋاننىلىرىدا ئۇيغۇرلار ۋە جازا لاگېرلىرىغا دائىر بۇ خىلدىكى تەشۋىقاتلارنىڭ كۆپلەپ ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ تەبىئىي ھالدا گېرمانىيە پۇقرالىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، گېرمانىيە پۇقرالىرىنىڭ ئىنكاسلىرىنىڭ بولسا ھۆكۈمەتكە نىسبەتەن بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئەنۋەر ئەھمەت ئەپەندى يېقىندا خەلق ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق راي سىناشتا 46 پىرسەنت كىشىنىڭ گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنى خىتايدىن ئۇزاق تۇرۇشقا دەۋەت قىلىپ ئاۋاز بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت